ئۆل يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 11:13 PM
نىملا بولسۇن كىشلىك ھوقۇقىنى قوغداشىنى بۈلشى كېرەك ... ...
سىلە دوختۇر بوپ قالغان بولساڭلا ئىش تېخىمۇ چاتاقكەن .... ئىككى گەپ نىڭ بىرسى بولسا ‹ ئۆل › دىسەڭلا ....
بۇ ئاق خالاتلىقلارنى پەرىشتە دىسە زايە كەتكىدەك ، قايسى كۈنىمۇ پۇتۇم يارىدار بولۇپ تاڭدۇرۇش ئۈچۈن كىرسەم ئىشتىن چۈشۈپ بولدۇق ئەتىگەنلىككە كىلىڭ ....دەپ پۇتۇمدىكى جوپاڭلاپ ئېقىپ تۇرغان قانغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن ئۈستىلى ئۈستىدە ئىڭەك يۆلەپ قاراپ ئولتۇرۇپ ، بىر قانچە ئاسما ئاسقانلارنىڭ ئاسمىسىنىڭ چۈشۈپ بولىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ قالغان ئىدى .
قايتىپ چىقىپ يۇمشاق ئەستەرلىك رەخىت بىلەن ئۆزۈم تېڭىپ ياتتىم ئەتىسى قان توختاپتىكەن ، قايتا تاڭغۇزماي تەبىي يۇسۇندا ساقايىتتىم .
شۇ باھانىدا تېڭىق پۇلى يانجۇقتا قالدى ، لىكىن ھېلىقى ئاق خالاتلىقنىڭ ھالىمغا يەتمىگىنىگە ئاچچىقىم كەلدى .
بەك كەتسە بىر مىنۇت ۋاختى كىتەتتى ، بەلكىم ھېلىقى ئاسمىلارمۇ كەم دىگەندە 20 مىنۇتلاردا چۈشۈپ بولغاندۇ ، ھەي....