ئالۋاستىنىڭ بارلىقىغا ئىشنەمسىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :مەن بۈگۈن تۇنجى يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئەسلى كوپچىلىككە پايدىسى تېگىدىغان بىرەر نەرسە يازاي دىگەن ئىدىم...يازالمىدىم.شۇڭامۇشۇنى يېزىپ قويدۇم. ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويغىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن
1- .ئالۋاستى.
1960-يىللرى كادرلارنىڭ يېزغاچۈشۈپ چېنىقدىغان چاغلىرى،2-يىنىك سانائەت كارخانىسغا خىزمەتكە چۈشكەن دادام(دادام گەرچە ياش بولسمۇ پەن ۋە دىندا خېلى سەۋىيەسى بولغاچقا كۆپ ئادەملەرتۇنۇيدىكەنتۇق ۋە ھۆرمەتلەيدىكەنتۇق )ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيىچە يەنەبىر ئاكا دىمەتلىك بىرەيلەن بىلەن بىللە مەلۇم يېزىغا ياردەمگە ،چېنىقشقا چۈشۈپتۇ.ئۇزاماندا يېزا_كەنىتلەردە
ئادەملەر ناھايىتى ئاز بۇلۇپ بىركەنىت بىلەن بىركەنىتنىڭ ئارلىقىدا بىرەر ئۆي ياكى بىرەر ئادەم ئۇچىراتقىلى بولمايدىكەن ،ئەتىراپ ساپلا قۇمۇشلۇق ،چاتقاللىق ،توغراقلىق بۇلۇپ ئاي چىقمىغان كېچىلىرى يول ماڭغان ئادەمنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن تەنلىرى شۈركۈنۇپ قورقىسى كېلدىكەن.
يېزاكادېرلىرى دادام بىلەن خىزمەتدېشىنى كەچقۇرۇن بىر كەنىتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.نەق شۇكۇنى شەھەردىن شۇ كەنىتكە تەكشۇرگۈچىلەر چىققان بۇلۇپ
مەشرەپ قىلىپ كۈتىۋاتقان ئىكەن .كادىرلار ئۇئىككەيلەننىڭ يۈك-تاقىلىرىنى بىر ئۆيگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ،ئۇدۇللا مەيدانغىلا باشلاپتۇ،سورۇن قلغان جاي كەنىت مەيدانى(بۇرۇنقى يىغېۋېلىپ ئۆگىنىش قىلدىغان ،يىغىن ئاچىدىغان قورو) بۇلۇپ بىرلا ئائىلىك،بىرئېغىزلىق كونا ئۆي ۋە ئۇنىڭغا يانداش سېلىنغان ئېغىل بار ئىكەن .مەشرەپ خېلى كەچ تۇگەپ باشلىقلار يېزىغا قايتىپتۇ .دادام بىلەن خىزمەتدېشى كونا ئۆيدە ئارام ئاپتۇ (كاڭدا يېتىپتۇ) دادام ئىچى تەرەپتە يېتىپتۇ .خىزمەتدېشى يېتىپلا خورەككە چۈشۈپتۇ، دادام ئۇيقۇسى كەلمەي خېلى يېتىپ ئەمدىلا ئۇخلاپ تۇرۇشىغا خىزمەتدېشى قالايمىقان جۆيلىگىلى تۇرۇپتۇ،دادام شۇنداق ئويغۇتاي دېيىشگە ناھايىتى يوغان بىر گەۋدە زور كۈچ بىلەن دادامنى بېسىۋاپتۇ ، بەدىنىنى تىتىرەك بېسىپ ،تىللرى ئېغىزغا كەپلىشىپ ئايەت ئۇقۇشقىمۇ ئىمكان بولماپتۇ.تىركىشىش باشلىنىپتۇ.ئۇنىڭغىچە مەيدانغا قارايدىغان ئادەم بىر تەرەپتىن قەلەي داسنى قاتتىق ئۇرغاچ كەرەمجان ،بالام كەرەمجان ،ھوي مانا بىزكەلدۇق دېگەندەك ئۈنلۈك توۋلاپتۇ. ئۇلارخېلى تىركىشىشلەرىن كېيىن يىنىكلەپ ئاۋازى چىقىشقا باشلاپتۇ.(ئەسلى مەيدانغا قارايدىغان ئادەم بۇ ئۆيگە بىرجانلىقنىڭ ئۇۋىلۋالغانلىقنى بىلدىكەن ،دادامنىڭ ئۇ ئۆيگە چۈشكىنىنى كېچىدە بىلگەن بولغاچقا ئارتۇق گاپ قىلماي سەگەك ياتقانكەن،دادام بىلەن خزمەتدېشىنىڭ ئۇ جانلىق بىلەن تىركشىش جەريانىدا ھۇ ھۇ ،دېگەندەك خاقىراشلىرنى .ئۇچاق بېشىدىكى چىلەك ،چەينەكنى تىپىپ ئۆرۇۋەتكەن ئاۋازنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقىشقىمۇ پېتىنالماي ئېشكنى ئېچىۋتىپ ئۆيدە تۇرۇپلا توۋلاپتىكەن).ئىش بېسققاندىن كېيىن دادام بىلەن خزمەتدېشى سىرتقا چىقىشقا پېتىنالماي سىلى چىقسلا دېسە سىلى چىقسىلا دەپ ئاخرى دادام ئايتەلكۇرسىنى ئۇقۇپ ئاران چىقىپتىكەن.
شۇنىڭ بىلەن ئېشىك باقار ئۇلارنى يېقىن مەھەللىدىكى ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قۇيۇپتۇ.دادام باردىغان ئۆينى بىلدىغان بۇلۇپ خىزمەتدېشىنى باشلاپ مېڭىپتۇ،خىزمەتدېشى دادامدىن 15ياشتىن چوڭراق بولسىمۇ دادامنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ ناھايىتى ئالاقىزادىلىك ئېچىدە مېڭىپتۇ ،(دادامنىڭ دەپ بېرىشچە ئۇ ئادەم بەك قورقۇپ كەتكەن بۇلۇپ ئەتىسىلا ناھىيىگە قېچىپ بېرۋېلىپ چىققلى ئۇنىماپتۇ.)
ئۇ كېچە ئايدىڭ بۇلۇپ دادام توختىماي ئايەت ئۇقۇپ مېڭىپتۇ،ئۇلار ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا ئالدىدا بىر قاپقارا تەخەي پەيدا بۇلۇپ خۇددى ئۈسىدىغاندەك قىلىپ ناھايىتى تىز چېپىپ كىلىپ 8-10مىتىرچە قالغاندا يانغا بۇرۇلۇپ چاتقاللىققا كېرىپ غايىپ بوپتۇ ،بۇئىش ئىككى ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قۇيۇپتۇ.چۈنكى ئۇ ئەتىراپتا ئۆي يوق تۇرسا ھايۋاننڭ بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەستە ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار ساق سالامەت مەھەللىگە بېرىپ ئېشكنى قېقىپتۇ.
دادام بولغان ئشنى بوۋايغا سۆزلەپ بېرىپتۇ،بوۋاي ئۇلارنى بىر ئۆيگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۆزى ھويلىدىكى باراڭنىڭ ئاستدا يېتىپتۇ .دادام ئۇخلاپ بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى مەخلۇق بېسىۋېلىپ بۇغىمەن دەپ ناھايىتى جاپا ساپتۇ.خزمەتدېشى بولسا يوتقانغا بۈركۈنۈپ يېتىۋاپتۇ ،دادام مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ كېچىچە ئۇخلىماي ئايەت ئۇقۇپ چىقىپتۇ.
ئەتىسى بوۋاينىڭ دەپ بېرىشىچە بوۋايمۇ خېلىغىچە ئۇخلىمىغان بۇلۇپ بىر ۋاقىتتا ناھايىتى بوش شامال چقپتۇ ،بوۋاينىڭ كۆڭلى شۇئان ئېغىپ كېتىپتۇ .شۇنداق ياخشى ھاۋا ،شامالدىن ئەسەرمۇ يوقتى دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا قاپقارا، ناھايىتى يوغان، ئېگىز(تەخمىنەن 3 مىتىر ) پاقپاقباش بىر مەخلۇق (ئالۋاستى) پەيدا بۇلۇپ دادام ياتقان ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن.بۇنى كۆرگەن بوۋاي خەنجىرنى چىڭ تۇتۇپ يېتىپتۇ .(بوۋاي ئالۋاستىنى كۆرۇپ ناھايىتى قوقۇپ كەتكەن بۇلۇپ دادامنىڭ يېنىغا كېرىشكە جۈرئەت قلالماپتۇ،دادامنىڭ خېقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپتىكەن بولمىسا). ئەتىسى خىزمەتدېشى ناھىيەگە كېتىپتۇ ،دادام يېزىغابېرىپ تۇرۇپتۇ باشقا كەنىتكە بېرىشقا ئۇنىماپتۇ.
خاتىمە ؛ ئەسلى ئۇ ئۆيگە ئالۋاستى ئۇۋلىۋالغان بۇلۇپ ،ئاچچىقىدا دادامنىڭ خزمەتدېشىنى بەك قاتتىق سېققانكەن ،شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئادەم خېلى يىلغىچە نەدىلا بولسۇن كېچىدە يالغۇز تالاغا چىقالماپتۇ،باشقا ئىش بولماپتۇ.
لېكىن دادام تىركشىش جەريانىدا ئالۋاستىنڭمۇ گېلىنى سىقپ قويغان ئوخشايدىكەن شۇ ئىشتىن كېيىن 3 -4 يىلغىچە ئىككى ئايدا بېرەر ئىككى قېتىم
قاتتىق تېركىششلەر بۇلۇپ تۇرۇپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-27 05:51 AM