مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: dartmanyurak

مۇھەببەت سەن نىمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2976
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 01:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن بىر نىمە دەي .
سىزنىڭ ھازىرقى ھېسىياتىڭىزنى كۆرۈپ تەسسەۋۋۇر قىلىپ ئاجايىب بىر خىل بولۇپ قالدىم .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئۈمەرجان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1576
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11535
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 01:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزپسىز مىنىڭ بىر دۇستۇم بار ئۇنىڭغا تۇي قىلغىنغا 5 يىل بۇلدى ،بىراق ئايالى تۇغمىدى،دۇستوم يەنىلا ئۇ قىزنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۈرۈپ بۇرۇنقىدەكلا ئاسراپ ياخىشى ئۈتۋاتىدۇ

دۇنيا ئازاپقا تو

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16492
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7186
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 02:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈم جىنىمدىن ئەزىز بىلىدىغان يولدۇشۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم.
ئۇنىڭ مەندىن ئايرىلماسلىقىنى بىر ئۆمۈر ئۈنىڭ يىنىدا بولۇپ،خىزمىتىنى قىلىپ رازى ،ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن رازىلىقىنى مىنىڭ باقى ئالەمدىكى دەسمايەم قىلماقنى نىشان قىلغان بولساممۇ،ئادەمنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارزۇـئارمانلىرى ئۆز پېتىلا قىلىپ قالىدىكەن.
مانا ئۇنىڭدى ئاجراشقىنىمغا ساق بىر يىل بولدى.بۇ بىر يىلنى قانداق ئۆتكۈزگىنىمنى بىر ئاللا بىلىدۇ بىر ئۆزۈم بىلىمەن.كۈنلىرىم كۈن ئەمەس،بوران چاپقۇنلۇق ئىچىدە قالغان ياكى ھەممىلا ياق ئادەمنى ئۆلتۈرگىدەك دەرىجىدە تىمتاسلىققا،بۇرۇقتۇرمىلىققا تولغاندەك ...............
بەزىبىر كۈنلىرى ئۆزۈمنى باشقۇرالماي قالىمان.سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىللىرىمغا چىچىلغىنىم چىچىلغان،ياكى ئۇلارنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان،چۈشەنمەيدىغان گەپلار بىلەن تىللاپ كىتىدىغان،ئاخىرىدا بولسا كۆزلىرىمدىن مارجاندەك سۈزۈك قەترىلەر تۆكۈلۈپ تازا ئۆزۈمنى قويۋىتىپ يىغلىۋالغاندىلا ئېسىمگە كىلىدىغان............
(ئاللا بۇنداق كۈنلەرنى ھىچقانداق ئايال بەندىسنىڭ بىشىغا سالمىسۇن.)ئىشقىلىپ ساراڭ بولۇپ قالمىدىميۇ پىسخىكامدا روشەن ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى.باشقىلار كۈنلەپ گەپ سورىمىسا گەپ قىلمايدىغان،ئوقۇغۇچىللىرىم بەكرەك پاراڭ قىلسا بوغۇپ قويغۇم كىپ كىتدىغان،ئۆيىمىزدىكى ئاكا ھەدىللىرىمنىڭ باللىرى غەلۋە قىلسا ئۆينى تاشلاپ سىرتلارغا خالىي جايلارغا قاچىدىغان،ھىچقانداق ئادەمگە،ھەتتا ئانامغىمۇ ئىچىمدىكى سىرلىرىمنى،كۆڭلۈمدىكى گەولىرىمنى دىگۈم كەلمەيدىغان،دىمەيدىغان ھالغا كەپ قالدىم.
بۇ جەرياندا بىز ئايرىلىپ 6ئاي بولغاندا ئۇ قايتىدىن توي قىلدى.
توي خەۋىرىنى ئۇ ئۆز ئېغزى بىلەن تىلفوندا ماڭا يەتكۈزدى.‹‹مەندىن رازى بولغىن.بىز ئۆي تۇتقان بىر نەچچە يىل ئىچىدە ساڭا ياخشىراق كۆڭۈل بۆلەلمىدىم،كۆيۈنەلمىدىم.بەزىدە قاتتىق يىرىك گەپلەر بىلەن كۆڭلۈڭنى رەنجىتىپ قويدۇم.ساڭا قول تەككۈزۈپمۇ قالدىم،مىنى كەچۈرگىن.ئەسلىدە سىنى ئۆزۈم يۈخشى كۆرۈپ ئالغان بولغاچ بىر ئۆمۈر بىللە ياشايمىز دەپ ئويلىغان ئەمما ئاللا ئىككىمىزگە پەرزەنىتتىن نىسبەت بەرمەپتۇ.ئەمما مەن بۇنى تازا قوبۇل قىلىپ كىتەلمىدىم،ئائىلەمدىكلەرمۇ ھەم شۇنداق.چۈنكى ساڭا بەش قولدەك ئايان مەن بىرلا پەرزەنىت،ئانام بولسا يالغۇز.شۇڭلاشقا سەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇرمەن.مىنى ئەپۇ قىل.ئەمدى ئارىمىزدا ھىچقانداق مۇناسىۋەت بولمايدۇ،ئاللا سىنىڭمۇ بەختىڭنى بەرسۇن.ئەمدى مىنى ئىزدىمىگىن.››
ئاللا مەن ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەي؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!ئۆزۈمنى كاچاتلايمۇ؟ئۇنى ئەيىپلەيمۇ؟
ياق مەن ئۇنداق قىلمىدىم.ئۇنىڭ تەلىۋىگە كۆندۈم.ئىزدىمەسلىككە،ئاۋارە قىلماسلىققا ماقۇل بولدۇم.ماقۇل بولمايمۇ مەندە نىمە ئەمال بار دەيسىز
گەرچە مەن ئۇ يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا يوشۇرۇنچۋە بولسىمۇ ئۇخالىغان ۋاقىتلاردا ھاجىتىدىن ھىققان،يەنە كىلىپ ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئۇنىڭدىن سۆزۈمنى ئالمىغان ئىدىم ئەمما ھازىر.............
مەيلى نىمىلا ئىش بولسۇن مەن رازى بولدۇم،ئۇنىڭ توي قىلىشىغا،مەندىن ئايرىلىشىغا يول قويدۇم،ماڭا كۈندەش،رەشىك تىپىپ بىرىشىگە رازى بولدۇم،شۇ خىل ئاچچىق ئازاپلارنى ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا كۆتۈرۈشكە رازى بولغان ئەمەسمىدىم؟ئەمدى كىلىپ ئۇ ماڭا ئايرىلىش تەكلىۋىنى قويۋاتىدۇ.ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلغانمۇ بولدۇم.ئۇ ئاخىرى توي قىلدى.ئەمما توي بولۇپ ئىككىنچى كۈنى ئۇنى بازاردا ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىغان ئىدىغۇ؟
ئەمما ئۇنى ئۇچراتتىم.تويى بولۇپ ئەتىدى بازاردا ئۇچرىشىپ قالدۇق.قەدەملىرىمگە ئاللادىن مەزمۇتلۇق لەرزانلىق تىلىدىم.پۇتلىرىمنىڭ مىنى كالۋالاشتۇرۇپ يىقىتىپ قويىشىدىن پانا تىلىدىم.كۆزلىرىم ئۇنىڭغاد قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ ئەمما ئاللىقاچا كۆز ياشلىرىم سەك كەبى قىيان ئېلىشقە تەييار بولۇپ كىرپىك ئەسكەرلىرىمگە زورلۇق قىلىۋاتقان،لەۋلىرىم ئۇنىڭغا بەخىت تىلەۋاتقان شۇ دەقىقىدە خۇددى ھېيىتلىقى چالا قالغان كىچىك بالىدەك ئۈمچىيىپ يىغلاشقا تەييا تۇرغان بىر خىل ھالەت................
ئاھ بۇ دەملەرنى سىز ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.بۇ دەقىقىلەرنى ھازىر ئويلىساممۇ يۈرۈكلىرىم ئاچچىققا تولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنى ئۇنىڭغا بەخىت تىلەپ تىلفۇن قىلغاندىن باشقا تىلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلمىدىم،ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن بىر مەزگىل يوقالدىم دىسەممۇ بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇ توي قىلىپ 4ئاي بولغاندا بىر كۈنى تىلفۇنۇمغا‹‹تىچلىقمۇ،كوت كوتڭنى ئاچساڭ بىردەم پاراڭلىشايلى››دىگگن ئۇچۇر كەلدى.قارىسام مەن شۇنچە ۋاقىتتىن تەشنا بولۇپ كۈتكەن تونۇش نۇمۇر.
ئىچىش ئاچماسلىقتا ئىككىلەندىميۇ ئەمما يەنىلا  ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت،سېغىنىش ھېسياتىم غالىپ كەل؛دى.
شۇ كۈنى
ىىلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ قالدۇق.ئۇ ئۆزىنىڭ مىنى سىغىنغىننى،ئەگەر خالىسام كۆرشىدىغانلىقىنى،مىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھەم ئازراق خىجىللىقىنى بىلدۈردى.
شۇنچە ۋاقىتتىن كۈتكەن ئۇنى رەت قىلىشىم مومكىنمۇ؟گەرچە ئۇ مىنى ئاز ئازاپقا گىرىپتار قىلمىغان بولسىمۇ ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن،بۇرۇنقىدەك ئەزىزلەيمەن.ئۇنىڭ بىر ئىغىز گىپىنى قانۇن دەپ بىلىمە.ن.
‹‹كۆڭۈل ئېشەككە چۈشسە،ئېغىلغا كىرمھي ئامال يوق››
شۇنداق قىلىپ بىر ئەمەس بىر نەچچە قىتىم كۆرۈشتۇق.ئەممە ئۇنىڭ ئايالىغا ئىچىم .ئاغرىدى.ئۇنىڭغا خۇددى يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ئۆزۈمنى گۇناھكار ھېس قىلىمەن.
مەن ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىمىزدا نىكاھ بار دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈنلا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرشىۋاتىمەن.ئەگگر ئۇنداق بولمايدىكەن مىنىڭ ئۇنداق گۇناھ پاتقىقىغا چوڭقۇرلاپ پىتىپ دوزاخقا يىقىنلاپ قالغۇم يوق.
نەچچە قىتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىچە ئارلىقتا ئۇنىڭدىن ئوتتۇرىمىزدىكى بۇ نىكاھنى مەۋجۇت ياكى ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىنىق سوراپ بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم.ئەمما ھەر قىتىم ئۇنى كۆرسەملا لەنىتى شەيتان بۇلارنى ماڭا ئۇنتۇلدۇردى.ھەم مەندە قورقۇنۇچ پەيدا قىلدى.‹‹ئەگەر ئۇ يوق دەپ قارىسا ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىسەن.ئۇ سېنىڭ ھايات نىشانىڭ ئەمەسمىدى؟ئەگەر ئۇ سېنى يەنە تاشلاپ كەتسە قانداق بولۇپ كىتىسەن؟››
شۇنداق ئۇ مەن ئۈچۈن ياشاش نىشانى،غايەئۈمىد-ئارزۇلىرىم،مىنىڭ بارلىغىم،ھەممە،ھەممە نىمەم.............
ئاللاھ مىنڭ بالدۇرراق توغرا يولنى تىپىۋىلشىمغا ياردەم قىلغايسەن،مىنى گۇناھلار پاتقىقىدىن تارتىپ ئۆزۇڭ يورۇتقان يولدا ماڭغانلار قاتارىدا قىلغايسەن!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش