zanjir34 يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 02:32 PM
توۋا ، مۇنداقمۇ ئىش با دەڭە تىخى ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ...
بايا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن ئەختەرىدىن تۈۋەندە بايان قىلىنىدۇ !
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى بوۋىسى ، پادىشاھى - ئوغۇزخان
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى ئەدىبى - قۇغۇرسۇۋ ئالتۇن
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى تىلشۇناسى - پىر خۇيلان
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى پەيلاسوپى - يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى ھەقىقى مەنىدىكى ئۇيغۇر خاندانلىقى - قاڭقىل خانلىقى
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى دۇنياۋىي ئىمپىرىيىسى - ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى مەشھۇر تەرجىمانى - كومراجىۋا
تۈنجى بىناكارلىق ئىنژىنىرى - ئەختەرىدىن
قانقىل ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى:قانقىل ئۇيغۇر خانلىقى 487- يىلىدىن 546- يىلىغىچە مۇڭغۇل ۋادىسى ۋە تەڭرىتاغ ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى . مەڭگۈ تاشلاردا بۇ خانلىقنى تۈنجى ئۇيغۇر خانلىقى دەپ ئاتىغان . بۇ خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى پۇۋۇرغۇر قەبىلىسىدىن بولغان ئاپۇرغۇر دىگەن كىشى بولۇپ ، بۇ خانلىقتا جەمئىي يەتتە خاقان ئۆتكەن . ئۇلار :
ئاپۇرغۇر - 487 -507 تەخىتتە ئولتۇرغان .
بالىنيان - ئاپۇرغۇرنىڭ تۇققىنى . 507 - 508 - تەخىتتە ئولتۇرغان .
مىئوتۇ(باغاتۇر شاد ) - ئاپىرغۇرنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى . 508 - 516 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان .
ئېلبەگ - مېئوتونىڭ ئىنىسى . 516 - 530 - تەخىتتە ئولتۇرغان .
يۆجۇ - 530 - 536 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان .
بىشى - 536 - 541 - تەخىتتە ئولتۇرغان .
چۈبىن - يۆجۇنىڭ ئوغلى . 541 - 546 - تەخىتتە ئولتۇرغان .
قانقىل ئۇيغۇر خانلىقى 546 - يىلى تۈمەت باشچىلىقىدىكى تۈرۈكلەر تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ جوجانلارغا قارشى ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ يۇشۇرۇن زەربە بىلەن ئاغدۇرۋېتىلگەن .
مەنبە : نۇرۇللا مۇئمىن يۇلغۇننىڭ « غەربىي يۇرت - تارىخىمىزدىكى خاقانلار » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
تىما مەنبەسى:(
www.anwar.cn)