20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىپ ،ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن ئس-تۈتەكلىك ئۇرۇشقا ئاساسى جەھەتتىن خاتىمە بېرىلدى.شۇنىڭدىن باشلاپ مەدەنىيەت جەھتتىكى تاجاۋۇزچىلىق بولغان ئس-تۈتەكلىك ئۇرۇش باشلاندى.بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدۇق.شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل مەدىنىيەتلەر بىزگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى.بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىز مەدەنىيەت بورانلىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىرگە ئۇچرىدى.بىز ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭكىگە بەك ئېسىلىۋالىدىغان،ئۆزىمىزنىڭكىنى قەدىرلىمەيدىغان سەۋەنلىكلەر كۆرۈرلگەچكە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز،ئۆرپ-ئادىتىمىز مەدەنىيەت بورانلىرىنىڭ ئاسسمىلاتسىيە مەنبەسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى مىللىتىمىزنىڭ تىل ۋە مللى ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ئۇچرىغان زەربىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.بىرىنچى مەسىلىگە كەلسەك،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى قەدىرلىمەيۋاتىمىز،ھەتتا بەزى تىللار بىلەن قوشۇپ ئشلىتىپ ئۇيغۇر تىلىنى ئەبجەش تىلغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىمىز.بۇ ئىنتايىن نومۇسسىز بىر ئىش.ئەگەر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىىمىز ھۆرمەتلىمىسەك كىممۇ بىزنى ھۆرمەتلەيدۇ،ئۆز تىلىمىزنى ئاسرىمىساق ،قەدىرلىمىسەك كىممۇ بىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.بىلىشىمىز كېرەككى ئۇيغۇر تىلىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مۇكەممەل يەتكۈزۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز.كۆپ تىللىق بولۇش ياخشى ئىش.خەنزۇتىلى دۆلەت تىلى چوقۇم ئۆگىنىشىمىز كېرەك،پۇرسەت ياربەرسە ئىنگىلىزتىلى قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.ئەمما ئەڭ ئاۋۋال ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىش كېرەك.ئانا تىلغا پىششىق بولۇش باشقا تىللارنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى.باشقا تىللارنى ئۆگىنىش شەرەپ ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت .بۇ جەھەتتە شەھەرلەردە ئۇيغۇرتىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر بالىلار كۇرۇسلارغا قاتنىشىش ياكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆگىنىش كېرەك،ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە بالىلارغا يېتەرلىك شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.
يەنە بىر مەسىلىگە كەلسەك بىزدىكى مىللى ئۆرپ-ئادەت ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.ھازىر دىيارىمىزدىكى شەھەرلەرگە قارايدىغان بولساق قىزلاردىكى غەرپلىشىش پىسخىكىسى ئوغۇللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولماقتا.ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بەزىدە يولدا مېڭىۋاتقان قىزلارنىڭ كىيىنىشىدىن قارىغاندا قەتئى ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدۇ.ھەتتا بىرەر چەتئەللىك كېلىپ قالدىمۇ-يا دەپ ئويلاپ قالىمىز. بىزدىكى مىللى غۇرۇر ۋە ئىمان شۇ دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنمىدۇ؟،بۇلارنىڭ مۇنداق كىيىنىشى ،يۈرۈش تۇرۇشى ئەتراپىمىزدىكى كىچىكلەرگە،ياخشى يولغا مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقانلارغا سەلبى تەسىر كۆرسەتمەسمۇ؟.ئەلۋەتتە ئەرلەرنىڭ نەسىھەت قىلىش ،ياخشى يولنى كۆرسىتىپ قويۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار.بىراق بىز بەزىلەرگە ياخشى نەسىھەتنى قىلىپ بولغىچە ئاللىبۇرۇن دەككىمىزنى يەپ بولىمىز.بۇنىڭغا ئەمەلى مىساللار ئەتراپىمىزدا ئىنتايىن كۆپ.گەپنى ئاڭلايدىغان يەرگە قىلىش كېرەك.كونىلار ھەقىقەتەنمۇ توغرا دەپتىكەن:سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە ،گەپنى قىل سىغار يەرگە؛.ئوغۇللارمۇ تاشقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىۋاتىدۇ،كەيپ-ساپاغا بېرىلىش ،ئويۇن-تاماشاغا بېرىلىش كۆپەيمەكتە.قىسقىسى،بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆزىدىكى مىللي كىملىك،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويۇۋاتماقتا.
ھەدس كىتابلاردا دېيىلىدۇكى؛‹ئوقۇتقۇچى بول،ئوقۇتقۇچى بولالمىساڭ ئوقۇغۇچى بول.ئوقۇغۇچىمۇ بولالمىساڭ ئلىمنى ئاڭلىغۇچى بول،ئاڭلىغۇچىمۇ بولالمىساڭ،ئىلىمنى سۆيگۈچى بول،ھەرگىز بەشىنچىسى بولۇپ قالما،.›.ھازىر بىز ئلىم-پەن،ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز،ئىلىم ئىگەللەش ھەربىرىمىز ئۈچۈن پەرىزدۇر،بىز ئۆزىمىزنى ئانا تىلىمىزنى بىلسەكلا ئۆزىمىزنى ساۋاتلىق دەپ بىلىمىز.ئەمما ئاڭلىشىمچە ب د ت نىڭ ساۋاتلىققا بولغان ئۆلچىمى مۇنۇلار؛ئاز دىگەندە بىر چەتئەل تىلى بىلىش كېرەك،ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان بولۇش،كومپىيوتېر بىلىملىرىگە پۇختا بولۇش،بىرەر كەسىپكەپۇختا بولۇش قاتارلىقلار.قېنى ئويلاپ كۆرەيلى؛يۇقىرىقى شەرتكە چۈشىدىغان ساۋاتلىق ئادەملەردىن قانچىلىك چىقار؟
بىز كىم ؟بىز مەھمۇد قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،فارابىدەك ئالىملارنىڭ،سۇتۇق بۇغراخان،سەئىدىخاندەك ئەل سۆيەر،ئادىل پادىشاھلارنىڭ،ئابدۇقادىر داموللامدەك مەرىپەتپەرۋەر،ئىسلاھات روھىغا باي ئالىملارنىڭ،ئەخمەتجان قاسىمىدەك ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەۋلادلىرى....بىلىپ قويايلى!ئەسلىنى ئۇنتۇش جىنايەت،ئەجدادلارنى بىلمەسلىك نومۇس.دەۋر تېز ئىلگىرىلەۋاتىدۇ،ئەگەر بىز مىللى كىملىكىمىزنى ساقلاپ،دەۋر بىلەن بىرگە ماڭمىساق دەۋر چاقى تەرىپىدىن يانچىلىپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ.
بىز ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن،بۇ شەك-شۆبھىسىز.ئۇيغۇرتىلى قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن.بۇ ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغاچقا ئەرەب تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا چىققان دەپ قاراشقابولىدۇ.بۇ دەۋرلەردە ياۋروپا ۋە ئامرىكىدا قۇللۇق ۋە فىئوداللىق تۈزۈم مەۋجۇت ئىدى.بۇ چاغلاردا ئۇلاردا تەرەققىيات ئەرەبلەرگە يەتمەيتتى.تېخى يېقىندىلا تۈركىيە ۋە بىر نەچچە دۆلەت دۇنيادا مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان دېگەن يەكۇننى چىقاردى.بۇ ھەقىقەتەن پەخىرلىنىدىغان ئىش.بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىللىق،تىرىشچان،بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا ئوبدان قاراب باقايلى،ئۆزىمىزنى بەك داڭلىق ساناپ كەتمەيلى.يېقىندا قىشلىق تەتىلدە كۇرۇستا ئوقۇش سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە قېپقالدىم.بىر يەكشەنبە كۇنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىدا بىر كورىيەلىك بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.ئۇ ئۆزىگە ئۇيغۇرچە ئسىم قويۇۋالغانىكەن،نېمە مەقسەتلىكىنى بىلەلمىدىم.مەن ئۇنىڭدىن كورىيەلىكلەر ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى بىلەمدۇ؟،دەپ سورىغانىدىم.جاۋاب ئويلىمىغان يېرىمدىن چىقتى.ئۇنىڭ دېيىشىچە كۆپىنچە كورىيەلىكلەر ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن.ئويلاپ بېقىڭ!بىز ھازىر راستىنلا داڭلىقمىكەنمىز؟
دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى تاپقان يەر،يەنى ئامرىكىدا كىشىلەرنىڭ شۇنچىلىك مەدەنىيەتلىك،ئاڭلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟چۈنكى ئامرىكىدا قانۇن ئىنتايىن چىڭ،يەنە بىر سەۋەپ ئۇلاردا ئېتىقاد بار،ئستاتىستىكا قلىنىشىچە ئاتمىش پىرسەنتتىن ئارتۇق كشى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.قاراپ باقايلى!ئىمانىمىز خۇنۈكلىشىۋاتىدۇ،ئېتىقادىمىز يوقاپ كېتىۋاتىدۇ.بىز نەگە كېتىپ بارىمىز؟گۈللىنىشكىمۇياكى زاۋاللىققىمۇ؟.ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن مىللەت پەلسەپىسىدە مىللەتنى ئۈچ تۈركۇمگە ئايرىغان.ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېتنولوگىيىلىك مىللەت،ئىجدىمائى مىللەت،سىياسىي مللەتتىن ئىبارەت.ئېتنولوگىيىلىك مللەت ئجدىمائى مللەتنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ،ئجدىمائى مىللەت سىياسي مىللەتنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.دىمەك سىياسىي مىللەت مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى،دۇنيادىكى كۆپىنچە مىللەتلەر ئېتنولوگىيىلىك مللەت باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ،سىياسىي مىللەتتىن گېرمان،ياپون،يەھۇدى قاتارلىق بىر نەچچە مىللەتلا بار.يەھۇدىلارغا قاراپ باقايلى؛ئۇلار ئۆزىنىڭ يەتتە مىليون نوپۇسى بىلەن بىريۇزئەللىك مىليون ئەرەبلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.ھەتتا ئۆزىدىن مىڭ ھەسسە كۆپ دۇنيا خەلقىنىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.ئەجەبا بىز يۈكسىلىش ئۈچۈن تىرىشمامدۇق؟
جەمىئيەت بىزدىن ئىقتىساسلىق زىيالىيلارنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ،ئەمما ھەقىقىي جەمئىيەتكە كېرەكلىك زىيالىيلار ئاز چىقىۋاتىدۇ.زىيالىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئمتىھاندىن ئۆتۈش،مەكتەپ پۈتۈرۈش ئۈچۈنلا ئوقۇۋاتىدۇ،ئۇلاردىكى بىردىنبىر نىشان ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا بىر خىزمەت تېپىۋېلىش،مېنىڭچە ئۇلار مېڭىسىنى سىلكىۋېتىشى كېرەك.مەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟مەن مىللىتىمگە،خەلقىمگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟مەن قانداق ياشايمەن؟دېگەندەك سوئاللار بىلەن ئۆزىگە ياخشى نىشان تىكلىشى كېرەك.ئىلغار مەدەنىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى،ئۆزىنىڭ ھەقىقى مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
مەلۇم بىر ماقالىدە ئوقۇشۇمچە بىر مىللەتكە باھا بېرىشتىكى ئۆلچەم بولسا شۇ مىللەتتىكى سەمىمى ئادەم بىلەن يالغانچى ئادەمنىڭ نىسپىتىدىن ئىبارەت.ئۇيغۇرلار تارىختا ئىنتايىن مەرد،ئاقكۆڭۈل ياشىغان ،ھازىرمۇ شۇنداق ياشاپ كەلمەكتە.لېكىن بىز دەۋەتقان سەمىمى ئادەملەرنى يېزا-قىشلاقلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.ئەمما شەھەر ھاۋاسى يالغانچىلىق،قويمىچىلىق بىلەن تولۇشقا باشلىدى.ئۇيغۇرلاردا ھەرخىل يامان ئادەتلەر شەكىللەندى،غەربلىشىش،مودا قوغلىشىش دېگەندەك.بەزىلەرنىڭ ئش-ھەرىكىتى پەقەتلا ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدۇ،ھەتتا ئۇيغۇرلۇقىدىن تانغانلارمۇ بارمىش.ھەربىر ئىنسان ئۆز قەۋمىدە يارىتىلغان،قىيامەتتىمۇ ئۆز قەۋمى بىلەن بىللە كېلىدۇ.ساماۋى كىتابلاردا دېيىلىدۇكى:ئۆزىنى باشقا قەۋم كىشىلىرىگە ئوخشىتىۋالغان كىشىلەر ،قىيامەتتە شۇ كىشىلەر قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ؛.ئاغزىدا مەن ئۇيغۇر دەپ ،ئىش-ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيىتىىدە باشقىلارنى دورىۋالسا،ئۆزىنى تونىيالمىغان بولۇپ قالىدۇ.چۈنكى ئاغزىدا دېمىگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئېتراپ قىلىپ بولىدۇ.ئۆز كەمچىللىكىمىزنى ئېتراپ قىلايلى،بەك جاھىللىق قىلمايلى!چۈنكى خاتا ئىش مەڭگۈ خاتا،ھەتتا خاتا ئىشنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى قىلسىمۇ ئۇ يەنىلا خاتا.
ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىر مىللەت باشقا مىللەتنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشى ناتايىن،بىراق ئاناتىل باشقا تىللار ئالدىدا قۇل قىلىنىشىى تامامەن مۇمكىن.بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى،ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىسەك،مىللىي كىملىكىمىزنى ياخشى ساقلىساق ھەم قوغدىساق بىز چوقۇم مەۋجۇتلۇقىمىزنى مەڭگۈ ساقلىيالايمىز.دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ،ھۆكىمىتىمىز ھازىرلاپ بەرگەن .ئەۋزەل شارائتلاردىن پايدىلىنىپ ئالغا ئلگىرىلىشىمىز كېرەك،ئىشىنىشىمىز كېرەككى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ......
مەزكۇر ئەسەر مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىم بولغاچ ،خاتالىقلاردىن مۇستەسنا بولالمىدىم،تۈزىتىپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇھەممەدشېرىپ پىدائىي
2012-6-25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-28 06:16 PM