مەن ئايفونۇمدىن رازى ، بىراق بەكلا نازۇك، يانچۇقۇمدا تۇرۇپ ئاچقۇچۇم ئۇرۇلۇپ كەتكەنگە ئازىراق ئىز چىقىپ قېلىپ ئۇنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغۇزۋەتتىم . ( ئادەتتە تېلفۇننىڭ باۋشىيەن سى بىلەن قوشۇپ ئالىمىز ) . ئۇنى بىر يىل ئىشلىتىپ samsung galaxy S2 ئالدىم ، بۇنىڭدىنمۇ رازى بولدۇم ، چىڭكەن ، نەچچە قېتىم يەرگە چۈشۈپمۇ ھېچنىمە بولمىدى ، بىراق ئۇيغۇرچە تونىتالماي جىلە قىلدى .
سامسۇڭنىڭ ئايفونغا ئوخشاش ‹‹ Hatirem ›› دېگەندەك ئۇيغۇرچە خەت شەكلى يوقكەن .
شۇنىڭغا قاراپ ئايفون بىلەن سامسۇڭ بىكارغا پۇت تېپىشىپ قالماپتۇ دەپ قالدىم ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىكى باركەن .
samsung galaxy S2 نىڭمۇ ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان يېرى بار ، iPhone 4s نىڭمۇ بار ، ئەمما مېنىڭچە ئۇنىڭغا يەنە ئىش قوشسا بولغۇدەك ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ گېپىمنى ئۇختۇرالمايمەن ، تەلەپپۇزدىكى گەپمىكىن دېسەم تەلەپپۇزۇممۇ ياخشىتى ، نېمىلا بولمىسۇن چەت تىلى دېسەم فرانسۇزلار ئۆزلىرىمۇ تۈزۈك ئىشلىتەلمەيدىكەن . samsung galaxy S3 چىقتى يېقىندا ، ئەمما ئۇنىڭ قانداقمىقىنى بىلمەيمەن ، سىناپ باققانلار تەسىراتىڭلارنى بىر سۆزلەپ باقساڭلار .
( باۋشىيەن نىڭ ئۇيغۇرچىسى نىمۇ ؟؟)