مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئىپارە

ۋىسالسىز سۆيگۈ(پوۋسېت) ئىپارە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5859
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 01:39:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پوۋسىتىڭىزمۇ ئالدىنقىسىغا ئۇخشاش ياخشى يىزىلىپتۇ، تىلى بىر خىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تىلدەك  چىقىپتۇ.  ئەسەر  ئۆزگىچە ، يىقىشلىق، مۇلايىم تۇيغۇ بېرىدىكەن.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 02:43:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ يىلى  قىشلىق تەتىلدە سەھەرنىڭ ئاپىسى ۋە پىرقەتنىڭ ھامما ئاچىسى بىلەن پىرقەتنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان بولۇپ سەھەرنىمۇ بىللە ئېلىپ  باردى . بۈگۈن سەھەر ئاق رەڭلىك خۇرۇم چاپىنى بىلەن قارا رەڭلىك پوننى يوپكىسىنى كىيىۋالغان، چېچىنى ئېگىز قىلىپ بۇغۇۋالغان ئىدى. بۇ كىيمى بەك ياراشقاشقىمۇ ساۋاقداشلىرى ئادەتتە سەھەرنى ‹‹ھەي ئوماق !››دەپ چاقىراتتى.
  سوغۇق بولغاشقىمۇ ئىككى يۈزى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، بۇلار ماشىنىدىنمۇ چۈشتى، ھەم پىرقەتلەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى بىر چاغدا 34- بىنا دىگەن خەتنى كۆردى، ھەم ئۆيگىمۇ كىردى . ئۆيدە پىرقەتتىن باشقا ھەممىسى بار ئىدى. پىرقەتنىڭ ئاپىسى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى . سەھەرنى كۆرۈپ:‹‹ ۋاي ! بىزنىڭ ئوماق قىزىمىز كەپقاپتىغۇ؟››دەپ ئۇنۇڭ يۈزىگە سۆيۈپ قويدى . بىر چاغدا ئىشىك چېكىلىپ پىرقەت كىرىپ كەلدى، ھەم ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ ئاپىسىغا:
-‹‹ سەھەرنى كەلدى دېمىدىڭلارغۇ؟ بالدۇر كەلمەمتىم!›› دىدى . ئاپىسى:
-ئاكاڭ دەپتىغۇ ھەممىسى كەلدى دەپ! دىدى .
بىر چاغدا تاماق تاتىلدىغان بولۇپ سەھەر قولىنى يۇيغىلى سۇخانىغا كىردى ، كەينىدىنلا پىرقەتمۇ كىردى، سەھەر خېجىل بولغىنىدىن پىرقەتكە يول بەردى، پىرقەت قولىنى يۇيغاندا سەھەر ئۇنۇڭغا قاراپ  شۇ چاغدىلا پىرقەتكە زەڭ سېلىشقا باشلىدى، بۈدۈر قارا چاچلىرى، قارا يوغان كۆزلىرى ،قاپقارا قوشۇمۇقاش ، قاڭشارلىق بۇرنى ھەم ئۇنۇڭ ھۆسنىگە ھۆسۇن قوشۇپ تۇرغان ،ئوغۇللارنىڭ زىننىتى بولغان بۇرىتى بەكمۇ ياراشقان ئىدى.  چىرايىدىكى بىر خىل ئوماقلىق ۋە كىيۋالغان سېرىق رەڭلىك چىبەرقۇت چاپىنى ئۇنى بەكلا چىرايلىق قىلىۋەتكەن ئىدى، سەھەر كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى، ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى،.ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئىچىدىكى چىرايلىق يىگىتلەر دىيىشكە بولاتتى . سەھەرمۇ قولىنى يۇيۇپ تۇرۇشىغا ئۇ لۆڭگىنى سەھەرگە تۇتتى. رەھمەت دەپ قولىنى سۈرتۈپ بولۇپ ئۇنۇڭغا قايتۇرۇپ بەردى.نىمىشقىكىن بۇلار بىر بىرىگە گەپ قىلىشتىن خېجىل بولاتتى. تاماق يىيىلدى ھەممىسى بىر جوزىدا ئولتۇرغاشقا سەھەر بەكمۇ خېجىل بولدى ،سەھەر تاماقنى يىدىمۇ؟ تاماق سەھەرنى يىدىمۇ؟ ئۇقالمايلا قالدى.

كەچتە تېلىۋېزور بار ئۆيدە سەھەر يالغۇز تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى، پىرقەت كىرىپ كەلدى . ۋە :
-باشقا قاناللارنى يۆتكەپ بېرەيمۇ؟ دىدى ،
- ھە مەيلى باشقا قانالنىمۇ كۆرۈپ باقاي !دىدى سەھەر .

پىرقەت باشقا قاناللارنى يۆتكەپ بولۇپ سەھەرنىڭ  ئۇدۇلىغا كىلىپ ئولتۇردى.  ئىككىسى بىردەم پاراڭلاشتى، پىرقەت نىمىنى ئويلىدى سەھەرگە :
-سەھەر! مەن سېنىڭ دۈمبەڭگە بىرنى ئۇراي بولامدۇ؟ دەپ سورىدى . سەھەر بۇ غەلىتە سوئالدىن ھەم ھەيران قالدى ھەم بەزى ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدى .ۋە دەرھاللا :
- ياق بولمايدۇ!نىمىگە ئۇراتتىڭ بىكادىن ؟دىدى سەھەر. ئۇمۇ مېنى سەن دىگەندىكىن مەنمۇ ئۇنى سەن دەي دەپ ئويلىدى ئىچىدە  .
پىرقەتنىڭ ئاشۇنداق غەلىتە مىجەزى بار ئىدى، پىرقەت خاپا بولۇپ قالدىمۇ چىقىپ كەتتى ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سەھەر توۋا ئاجايىپ قىلىقى باركىنا ؟ دەپمۇ قالدى. بىر چاغدا ھەممىسى بۇ ئۆيگە قايتىپ كىردى. كەينىدىنلا پىرقەت كىردى ۋە ھەممىسىگە <<خوش ئاللاغا ئامانەت! >>دەپ ھەممىسىنىڭ دۈمبىسىگە بىردىن ئۇرۇپ چىقتى، ۋە سەھەرنىڭ قېشىغا كېلىپ <<خوش ئاللاغا ئامانەت! >>دەپ سەھەرنىڭ دۈمبىسىگە شۇنچىلىك يىنىك ھالدا بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ھەممىسى يىتىشقا تەييارلاندى، سەھەر تام تەرەپتە ئاپىسىنىڭ يېنىدا ياتقان ئىدى . بىر چاغدا قارشى تەرەپتىن تامنى ئۇرغان ئاۋاز ئاڭلاندى سەھەر چۆچۈپ كەتتى ھەم تامنىڭ ئۇياقىدا پىرقەتنىڭ بارلىغىنى جەزىملەشتۈردى . توختىماي ئۇرىۋەگەنلىگى ئۈچۈن   سەھەرنىڭ ئاپىسى :<<ھە، پىرقەت باركەندە !قىززىقچىلىق قىلىپ قىلىۋاتىدۇ، ۋۇي شەيتان!>> دەپ تامنى ئىككىنى ئۇرۇپ قويغان ئىدى شۇندىلا قارشى تەرەپ جىمىقتى . ئەتىسى سەھەر ھەممىسى قوپۇپ بولغاندا پىرقەت كىرىپ كەلدى ۋە :
- ئاخشام تامنى ئۇرغان كىم؟ دەپ سورىدى، ھەممىسى بىردەكلا :
- مەن ! دىدى
گاڭگىراپ قالغان پىرقەت يەنە سورىدى:- زادى كىم؟
شۇ ئەسنادا كىمدۇر بىرسى سەھەر!بولدىمۇ؟-دىدى ،
بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئەمىن تاپقان پىرقەت ھە بىلدىم ! دەپ سەھەرگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.سەھەر ئۇنۇڭ نىمىشقا شۇنداق قىلغىنىنى بىر چۈشۈنۈپ بىر چۈشەنمەي ئۆتۈپ كەتتى.
بۈگۈن سەھەر ئۆيدە يالغۇز قالغان ئىدى . بىر چاغدا ئىشىكنى چېكىپ پىرقەت ۋە بىر قانچە ئاغىننىلىرى كىرىپ كەلدى . ئۇلار ھەممىسى سەھەردىن ئەھۋال سورىدى،ئۇ  خېجىل بولۇپ   ئىتتىكلا تېلىۋېزور بار ئۆيگە كىرىپ كەتتى .ئۇلار ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ بىر دەم ئولتۇرۇپ ئاندىن ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى .بەش مىنوت ئۆتە ئۆتمەي ئىشىك يەنە چىكىلدى. سەھەر بېرىپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان پىرقەتنى كۆردى. پىرقەت :
- ئىشىكنى تاقىماي چىقىمەن دەپ ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن !دىدى .شۇ چاغدىلا ئىككىسىنىڭ كۆزى ئۇچۇرشۇپ قالدى  ،  سەھەرھە!دەپلا قويۇپ  ئىتتىكلا كەينىگە بۇرۇلۇپ   ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ياخشى تەلىيىگە پىرقەت سەھەرنىڭ كەينىدىن كىرمىدى.
سەھەرمۇ ئۇنۇڭ يىنىغا كىرىپ پاراڭلىشىشىنى شۇنچە خالىسىمۇ ،پىرقەتمۇ سەھەرنىڭ يېنىدا يۈرۈشنى ئارزۇ قىلسىمۇ لېكىن  ئۇنداق قىلمىدى .بۇ ئىككىسىنىڭ بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمۇ؟ ياكى نەچچە يىللىق بىر خىل سېغىنىشىمۇ بىلەلمىدى.


داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-1 03:39 AM  


تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5805
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 02:46:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ قالدىغۇ،داۋاملىق ساقلاي...............

Tarixingdir ming asrlar ichra pinhon o’zbegim
Senga tengdosh Pomiru, oqsoch Tian – shan o’zbegim
So’ylasin Afrosiyobu, so’ylasin Urxun xati
Bitta tarix shodasida, bitta marjon o’zbegim

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4929
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 07:54:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەمدە تۇگەپ قالدىغۇ

ئادەمنىڭ كۆزى قارا ،يۇرىكى قىزىل بۇلدۇ،لىكىن ھازىر ئادەملەرنىڭ كۆزى  قىزىل يۇرىكى قارا .............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66202
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3749
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 11:35:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگەن يېرىمنى تاپالماي قالماي ،ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5442
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 01:08:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىردەمدە تۈگەپ كەتتىغۇ !!!!

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80993
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 01:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىسالسىز  سۆيگۈ.......بەكلا ئىچىنىشلىق

كۆڭۈللەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 02:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2012-7-1 01:39 AM
بۇ پوۋسىتىڭىزمۇ ئالدىنقىسىغا ئۇخشاش ياخشى يىزىلىپتۇ،  ...

رەھمەت سىزگە! تېخىمۇ ياخشى يىزىش ئۈچۈن تىرىشىمەن!سىلەر ماڭا مەدەت بېرىپ تۇرساڭلارلا!ئاخشام ياخشى يازالمىدىم، سەل چۇۋالۋاق بوپ قالدىمۇ قانداق؟بۇندىن كېيىن ئەستايىدىل يېزىشقا تىرىشىمەن!

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 11:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-1 07:54 AM
بىردەمدە تۇگەپ قالدىغۇ

جانىم شۇ كومپىيوتۇرۇم يولدۇشۇمدىن ئاشمايۋاتمامدۇ شۇ! ھى ھى ھى

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 02:28:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھەر ئۆيگە كىرىپ كەتتى-دە، خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندە  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ تېخنىكومغا ئىمتىھان بەرمىگەن ئىدى. ئۇ تولۇققا چىققاندا 8- سىنىپ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن  ئىجادىئى شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىدە تۇنۇشۇپ قالغان ، ھەم مەكتەپ بويىچە ئەلاچى ئوقۇغۇچى دەپ نام ئالغان ئېرپان ئىسىملىك بالا بىلەن بىر سىنىپ بوپقالغان ئىدى. ئۇ بالىمۇ سەھەرنى كۆرۈپ :
-سىزمۇ مۇشۇ سىنىپقا بۆلۈندىڭىزمۇ؟
- ھەئە! سىزمۇ بۇ سىنىپتىمۇ؟
- ھەئە !ياخشى بولدى، سىزگە قايىلمەن!
-ھە! نىمىگە؟
-سىزنىڭ شۇ چاغدىكى يازغان شېئىرىڭىز،دىكلاماتسىيەرىڭىزگە!
- ھە رەھمەت!
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بوپ قالغان ئىدى.
دەرىسنىمۇ بىللە تەكرارلايتتى، مەكتەپتىنمۇ بىللە قايتاتتى، ئۇ بالا ئادەتتە بەك ئەقىللىقمۇ؟ ياكى بەكلا تىرىشچانمۇ ؟ سەھەر ئۇنى ‹‹ماشىنا ئادەم›› دەپ قوياتتى.كېيىن ئۇ ئۈگۈنۈش ھەيئىتى بولدى  . سەھەر بولسا ئەدەبىيات گۇرژىكىنىڭ ھەيئىتى بولدى. ئىككىسى بەكلا ياخشى ئۆتەتتى. لېكىن سەھەردە ئۇنۇڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت ئويغانمىغان ، لېكىن پىرقەتنى پات-پات ئويلاپ قوياتتى. ...

تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلىپ بىر يەرگە پەتىگە كەتكەن ھەممىسى قايتىپ كەلدى.

بۈگۈن كېچە تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن پىرقەتنىڭ ئاپىسى:
- سەھەرنىڭ پەقەت تامىقى يوقكىنا؟دەپ سورىدى سەھەرنىڭ ئاپىسىدىن .
-ھەئە تامىقى ئانچە جىق ئەمەس دىدى ئاپىسى.
- ھە! تاماق يىمەي ئورۇقلاپ كەتسە مەن دادىسىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن؟ دەپ سەھەرگە قارىدى  پىرقەتنىڭ ئاپىسى.سەھەر تاتلىققىنە كۈلۈپلا قويدى. بۇلار مانا ئەمدى   كورت ئوينايدىغان بولدى . پىرقەت:
-مەن سەھەر بىلەن بىر بولىمەن! دىدى. ئۇ جايىل بولغاشقىمۇ ھەممىسى  ‹‹ھە بوپتۇ !›› دىيىشتى. سەھەر بولسا بۇنۇڭ بۇ مىجەزىدىن خىجىل بولدى ،ۋە ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئۇ ھەقىقەتەن كورتقا ئۇستا ئىدى، ھەم كىمنىڭ قولىدا قايسى كورتنىڭ بارلىغىنىمۇ بىلەتتى.<< ئۆزى ئويۇنباز بولغىنى بىلەن كاللىسى خېلى ئىشلەيدىكەن بۇنۇڭ!>> دەپ ئويلىدى سەھەر ئىچىدە .ھەم ئۇنۇڭغا تېخىمۇ ئامراق بوپ قىلىۋاتاتتى، ئۇنۇڭ سەھەرنى يېقىن كۆرىشى ھەم كورت ئوينىغاندا كىچىك بالىدەك قىلغان قىلىقلىرى سەھەرنىڭ ئۇنۇڭغا  بولغان  ئامراقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتاتتى . بىر چاغدا پىرقەتتىن ئىككى ياش چوڭ ئاكىسى :‹‹بولدى ! ما يول مەن سەھەر بىلەن بىر بولاي !كەچكىچە سەنلا بىر بولامسەن؟››دىدى . پىرقەت نارازى بولغان ھالدا ‹‹ماقۇل!››
دىدى بۇ يول سەھەر پىرقەتنىڭ ئاكىسى ئەزىمەت بىلەن بىللە بولدى . ھەم بىرىنجى قولدىلا پىرقەتنى كورت قىپ قويدى.  شۇنۇڭ بىلەن پىرقەت ئاچچىغى بىلەن كورتنى جوزىغا ئېتىپلا ‹‹ئوينىمايمەن!›› دەپلا چىقىپلا  كەتتى . بۇنى كۆرگەن سەھەر ھەيران قالدى <<توۋا ئۇ نىمىگە شۇنچە ئاچچىغى كەلدى؟ بۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسىمۇ بولاتتىغۇ؟>> دەپ ئويلىدى ئىچىدە . ھەممىسى جىمجىت بولۇپ قالدى . پىرقەتنىڭ ئاپىسى‹‹ ۋاي بۇ مۇشۇنداق ئەكە ئۈگۈنۈپ قالدى! ئۆينىڭ كىچىكى بولغاشقا ! كۆڭلىمۇ بەك نازۇك بۇنۇڭ!›› دىدى. شۇنۇڭ بىلەن ھەممىسى كورتلارنى يۇغۇشتۇرۇپ ئوينىماسلىققا چۈشتى.راست ئاپىسىمۇ ئامالسىز ئىدى. چۈنكى  بۇ ئوغلىنى ئانا بەكلا ياخشى كۆرىدىغاندەكلا  قىلاتتى.دادىسىمۇ شۇنداق ئامراق ئىدى، چوپ چوڭ بولسىمۇ دادىسىنىڭ قۇچۇقىغا چىقىۋېلىشلىرى دادىسىنىڭ ئۇنۇڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ قۇچاغلاپ يۈزلىرىگە سۆيۈشلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. سەھەر ئۇنىڭ ئەكىلىكىنى  ‹‹مىراسخور ›› فىلىمدىكى ئەنۋەر بەگزادىگە ئوخشىتاتتى. چىرايىمۇ ھەم ئۇنۇڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. ئۆيىدىكىللىرى ئۇنۇڭغا :‹‹سەھەرنى بازاغا ئاچىقىپ ئوينۇتۇپ كەلمەمسەن؟››دىدى. ئۇ خىجىل بولۇپ ‹‹نەدىكى گەپنى قىلماڭلار! مەن يا قىز بولمىسام، ئاچا سەن سەھەرنى ئەتە بازاغا ئاچىقىپ ئوينۇتۇپ كىرە !››دىدى. ئاچىسى چاخچاق قىلىپ:

- بىللە بارايلى باغلارغا! دەپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتىڭغۇ؟
- ھە يازدا ،ھازىر قىش تۇرسا!
چاندۇرماي شۇنداق دىدى ئۇ .

ئەتىسى بۇلار بىللە بازارغا چىقتى. پىرقەت سەھەرگە بىر خاتىرە سوغا قىلدى،  سەھەر ئۆزىگە بىر تاغاق ئالدى. ئاچىسى ئۈچى بىرلىكتە رەسىمگە چۈشۈپ قايتىپ كەلدى. ئەتىسى سەھەر ئىچكەركى ئۆيدە پىرقەت سوغا قىلغان خاتىرىگە شېئىر يىزىپ ئولتۇراتتى ، پىرقەت كىرىپ كەلدى ھەم :
- نىمە يىزىۋاتىسەن؟
-ئۆزۈمچە شېئىرلارنى !
- ھە ياخشى يىزىپسەن! مەن مۇشۇ شېئىر يىزىشنى ئۇخمايمەن.
- ھە !
بۇلار بىردەم پاراڭلاشتى سەھەر ئۇنۇڭ يېنىدا بولغىنىدىن بەكمۇ خوش ئىدى ، ئۇ چىقىپ كەتسە كۆڭلى غەش بولاتتى ، ئۇنى كۆرگىسى كەپلا تۇراتتى،ھەم ئۇنۇڭ يىنىدىلا بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

مانا ھەش پەش دىگىچە قايتىدىغان ۋاقىتمۇ بوپ قالدى . بۈگۈن بىلەتنى پىرقەتنىڭ ئاكىسى ئەزىمەت ئەپ كەلگەن بولۇپ، بىكەتكىمۇ ئۇ ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. بۇلار خوشلۇشۇپ ماڭدى سەھەر شۇنى كۆردىكى پىرقەتنىڭ سەھەردىن ئايرىلغىسى كەلمەيتتى. لېكىن ئامال يوق. سەھەر ئىچىدە:‹‹ ئەزىمەت  بىكەتكە ئاپارغىچە، پىرقەت بارسىچۇ!››دەپ  ئويلىدى. تۇيۇقسىز ئەزىمەت سەھەرگە:
-سەھەر قارا كەينىڭگە كىم كېلىۋاتىدۇ؟
- كىم؟
- پىرقەت!
- ھە!
قۇلقىغا ئىشەنمىگەن سەھەر ئارقىسىغا قارىدى، ئارقىسىدا ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ ئىچىدە:<< ئەزىمەت مېنى ئالداپتۇ دە!>> دەپ ئويلىدى.  ۋە ئەزىمەتكە:
-نەدە پىرقەت بار؟ يوققۇ؟
-ھە! دەرەخنىڭ ئاقىغا ئۆتىۋالغان ئوخشايدۇ !
-ھە!

بۇلار بىكەتكىمۇ كەلدى. ۋە ئارقىدىنلا نەدىن پەيدا بولدى پىرقەت كەلدى.  ئۇنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوش بوپ كەتكەن سەھەر ئۇنۇڭغا قاراپلا قالدى .ئۇنى ئەسلىدە بىردەمدە سېغىنغان ئىدى . ئۇ سەھەرنىڭ يېنىغا كېلىپ سەھەرنىڭ ئاپىسىغا:
-سەھەر تاغىقىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ،شۇڭا ئۇنى ئەپ كەلدىم!
-ھە ! رەھمەت!
ئۇنۇڭدىن شۇنچىلىك خوش بولغان سەھەر تاغاقنى قولىغا ئالدى. ۋە ئۇنۇڭ بىلەن بىردەم تۇراي دىگەن ئىدى. پىرقەت‹‹توڭلاپ كېتىسەن! مەن دېرىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ ساڭا گەپ قىلىمەن! ماقۇل دە ھە!›› دىدى. ئامالسىز  ماشىنىغا چىققان سەھەر ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئىزلىدى .‹‹ ئۇ نەگە كەتكەندۇ؟ ئۇ مېنى ئالداپ قويمىغاندۇ؟›› ئۇنى شۇنچىلىك ئىزلىگەن  سەھەرنىڭ ئىچى تىتىلدىماقتا ئىدى  . شۇ چاغدا نەدىندۇر  ئۇنۇڭ ئاكىسى ئەزىمەت كەلدى ۋە سەھەرگە  نىمىلەرنىدۇر دىدى  ،شېۋىرغاننىڭ تەسىرىدىنمۇ ئۇنۇڭ نىمە دىگىنىنى ئاڭلىيالمىغان سەھەر ‹‹ ھە؟ ھە؟ ›› لا  دەۋەردى. جىلى بولغان ئەزىمەت ‹‹ھەئە !›› لا دىدى-دە كىتىپلا  قالدى. شۇ ئەسنادا پىرقەت بىرمۇنچە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ۋە سەھەرگە بىر مۇنچە گەپ قىلدى، ئۇ تېشىدا بولغاشقىمۇ ئاڭلىيالمىغان سەھەريەنىلا ئوخشاش ‹‹ھە؟ھە؟›› دىدى. ئۇ ئاخىرى ئاۋازىنى يوقىرى قىلىپ‹‹ئامان بول!›› دىدى .ئاران ئاڭلىغان سەھەر‹‹ سەنمۇ ئامان بول!›› دىدى.  ‹‹ ئاپاڭ بار يەردە ئولتۇر ، بۇ يەردىن يۆتكىلىپ كەت!ئەگەر تەتىل ۋاختىم توشمىغان بولسا سەن بىلەن بىللە  كىتەتتىم!مەن يازلىق تەتىلدە بارىمەن مېنى ساقلاھە؟!›› دىدى پىرقەت  ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا. ھەم ئارقا- ئارقىدىن ئامان بول! دىدى.
مانا ماشىنىمۇ قوزغالدى ئۇ  قار خۇرۇم پەلەي كىيگەن قولىنى كۆتۈرۈپ ‹‹خوش!›› دىگەن ئىشارىنى قىلدى . ھەم ئۇنۇڭ ئىككى كۆزىدىن       تاراملاپ ياشلىرى ئاقماقتا ئىدى ، بۇنى كۆرگەن سەھەر ئۇنۇڭغا تېخىمۇ چىدىماي ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى كۆتۈرۈپ ‹‹خوش ،ئامان بول!›› دىدى ۋە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلىرى ئىقىپ كەتتى. ماشىنا چوڭ يولغا ئەگىلگىچە پىرقەت ماشىنىنىڭ كەينىدىن  ئەگىشىپ كەلدى ۋە بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا ماڭدى.  بۇنى كۆرگەن سەھەر ئۇنۇڭغا راستىنلا چىدىمىدى.چوڭ يولغا ئەگىلگەندىن كېيىن ئۇنى كۆرەلمىگەن سەھەرنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى ھەم ياشلىرىنى تۇتۇۋالالمىدى. بۇنى كۆرگەن يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم سەھەردىن:
- ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى.
- ياق ،ئۇ تۇققىنىمىزنىڭ ئوغلى!
- سىلەر بەك ئامراقكەنسىلەر!


داۋامى بار...






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 04:06 AM  


تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش