zanjir34 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 05:21 PM
ئاۋۇ رەسىملەرنى كۆرمىدىڭىزما ؟ باركەنغۇ شۇ ....جىق ...
قانداقلا بىر تېما بولسا قىز بالىنى ئارلاشتۇرۋالمىساڭلار كۆڭلۈڭلار زادى ئۇنمامدا...قىزلاردا ئېغىر ئۆچۈڭلەر باردەك....توۋا دەيمەن.
نەدە قىزلار ئۇنچىۋالا بولۇپ كېتىدۇ. بەلكىم دىبادا ئوينايدىغان قىزلار شۇنداق يۈردىغاندۇ. ئادەم قانداق مۇھىتتا ياشىسا، ھىس قىلدىغان ئىشلىرىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا، باشقا جايدا بولسىڭىز كوچىلارغا چىققاندا قىزلارنى كۆزۈتۈپ بېقىڭ، نەچچە يىل بۇرۇن يېڭى يوق، كاماليەڭ كىيىملەرنى كىيىدىغان ئۇيغۇرلار قالمىدى. بولۇپمۇ ماۋۇ ئاقسۇدا، مېنىڭ كۆزۈمگە چېلىقمىدى. كىيىم-كېچەك، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دىندا بولسۇن بۇرۇنقىدا قارىغاندا كۆپ ياخشىلىنىش بولدى قارايمەن. جەمئىيەت تەرەققىىي قىلىپ، ئاممىۋى بىلىمىز كۆپەيگەنسېرى، ئەقىل تاپقانسېرى ئۆزلۈكىمىزنى تېپىۋاتىمىز.
ئەگەر قايىل بولمىسىڭىز، جەمئىيەتنى كۆزۈتۈپ بېقىڭ، بۇرۇن شىمالىي شىنجاڭ ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخۇ دېگەندەك يەرلەرنىڭ قىزلىرى دەششەت مودا يۈرۈپ قوياتتى، ھازىر ئورۇنۇپ يۈرگەن قىزلار كۆپىيىپتۇ.
/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulfay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-1 08:51 PM