|
|
|
|
كۆپ قىسىم خىرىدارلار مىسقال بىلەن گىرامنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنىق ئايرىيالمايدۇ .بەزى خىرىدارلار 3 گىرامنى بىر مىسقال دەپ قارايدۇ . يەنە بەزى خىرىدارلار 3.3 گىرامنى بىر مىسقال دەپ قارايدۇ.
بىر مىسقال ئالتۇن زادى قانچە گىرام؟
مەن تۆۋەندە مىسقال ، سەر ، فۇڭ قاتارلىق بىرلىكلەرنىڭ گىرامغا سۇندۇرلۇشىنى دوسىتلارغا سۇندۇم .
بىر سەر ----------36.2 گىرام
بىر مىسقال -------3.62 گىرام بىر فۇڭ ----------0.36 گىرامئون سەر 362 گىرام يەنى ؛ 10 فۇڭ ئالتۇن بىر مىسقال ، 10 مىسقال ئالتۇن بىر سەر بولىدۇ .
خەلىقئارا بىرلىكلىرىدە ئۇنسىيە ئۆلچەم قىلنىدۇ .
بىر ئۇنسىيە زادى قانچە گىرام ؟
مەن بۇ ھەقتە كۆپ كىتاپلارنى كۆرگەن بولساممۇ ئۇنسىيە ئىغىرلىقى بىردەك ئەمەس .
بەزىلىرىدە 31 گىرام . يەنە بەزىلىرىدە 28.8 گىرام دىگەندەك ئوخشىمغان بىرلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
< ئالتۇن ۋە كۈمۈش > دىگەن كىتاپتىمۇ بۇ بىرلىك توغرا يىزىلمىغان.
مەن خەلقىئارا ئالتۇن تورى . ئۇيغۇر ئالتۇن تۇرى بىلەن ئالاقىلشىپ بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ 31.1035 گىرام بولىدىغانلىقىنى بىلدىم .
ھازىر ئالتۇننىڭ خەلىقئارا باھاسى 1596دوللار (بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 1596 دوللار )
1596دوللارنى 31.1035بۆلسەك 51.312 دوللار كىلىپ چىقىدۇ .( بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 51.312دوللار بولغان بولىدۇ.
51.312دوللارنى6.36 يۈەنگە كۆپەيتسەك 326.34 يۈەن بولىدۇ .( بىر گىرام خام ئالتۇن باھاسى 326.34يۈەن ) `
خەلىقئارالىق باھانى مۇشۇ ئۆلچەم بىلەن گىرامغا سۇندۇرساق بىر گىرام ئالتۇننىڭ پۇلىنى بىلەلەيمىز.
مەنبە ---بىر مىسقال ئىقتىسات تورى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-1 12:59 PM
|
|
|
|
|
|