tazz يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:57 AM
ئىراندا شىئەلەرنىڭ ئىچىدە ئىماملىرىنى ئىنتايىن ئۇلۇغ ...
«...دىنىي كىتابلاردا، ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھ شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسچىسى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئەسلى يەھۇدى بولۇپ، كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە خەلىپە ئوسمان دەۋرىدە ئەلىنىڭ كۈچلۈك تەرەپدارلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇ خرىستىئان تەلىماتلىرىغىمۇ كامىل بولۇپ، دەسلەپتە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىققا ئائىت تەلىماتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ»
مەن يۇقۇرىدىكى بايانلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇغان.
http://bbs.almizar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1154
شىئەلەر ئىچىدە نۇرغۇن بىتئەتلىكلەر مەۋجۇت ئىكەن. «ئاشۇرا كۈنى» نى خاتىرىلەش، «ۋاقىتلىق نىكاھ» دېگەنلەر شۇنىڭ بىر ئىپادىسى. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بۇ يەھۇدىنىڭ سەمىمىلىكىدىن گۇمانلىنىمەن.سىز چىقارغان رەسىملەر تور بەتلەردە «لاي سۈرتۈش» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ.«گەندە يەيدىغانلىقى» توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوقكەن. بولسا شۇنىڭغا ئائىت ئۇلىنىشنى چىقىرىپ قويسىڭىز، كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەشتەر22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 10:40 AM