قىزلار سىزدىكى مۇنۇ ئادەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ
1.ئولتۇرغاندا ئىككى پۇتىنى بىر بىرىگە ئالماشتۇرىۋېلىپ ھەدەپ لىككاڭلىتىپ ئولتۇرۇش
2.ئولتۇرغاندا شىمىنىڭ پۇشقىقىنى ئېگىزكۆتۈرۈۋېلىش
3.ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرۈش
4. ئەينەككە تولا قاراش،ھەددىدىن زىيادە ياسانچۇقلىق قىلىش
5. كۈلگەندە ئىككى قولى بىلەن ئاغزىنى تۇسۇۋېلىش
6.يول ماڭغاندا بەل ۋە ساغرىسىنى ئوينىتىپ مېڭىش
7.چاي ئىچكەندە ،ۋە تاماق يېگەندە ،نەرسە كېرەك تۇتقاندا چىمەلتىكىنى دىڭگايتىۋېلىش
8.يول يۈرگەندە سومكىسىنى ئالدىغا ساڭگىلىتىپ ئېسىۋېلىش
9.ئولتۇرغاندا ئىككى تىزى ھەم پۇتىنى چىڭ جۈپلەپ ئولتۇرۇش
10. سومكىسىنى بېلىگە ئېسىۋېلىش
11. ھەمىشە بۇرنىنى كوچىلاش
12. كۆزىنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ چىمىلدىتىش
13. خۇشال بولغاندا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناپ نايناقلاش
14. تولا كېرىلىش
15. قولىنى تۈكۈرۈكتە ھۆللەپ پۇل ساناش
16. يېنىدىن قىز ياكى چوكانلار ئۆتسە ئارقىسىغائۆرۈلۈپ ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە كۆز ئۈزمەي قاراش
17. تاماقتىن كېيىن بىر ھازاغىچە چىش كولاش
18. تاماكىنىڭ ئىسىنى بورنىدىن چىقىرىش
19. پويىز ، ئاپتۇبۇس ،كىنوخانا ،يىغىن زاللىرىداپۇتلىرىنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇندۇققا ئارتىۋېلىش
20. ساقال بۇرۇتلىرىنى يولۇش
21. بېشىنى تاتلاپ چېچىنىڭ كېپىكىنى چۈشۈرۈش
22. ئاممىۋى سورۇنلاردا نائۇشتىكنى قۇلىقىغابېكىتۋېلىپ ،ناخشا مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرۇپ ،پۇتلىرى بىلەن دىكۇڭلاپ پاۋۇز بېرىش
23. ئايىغىنى يېشىپ پۇتىنى پۇراش
24. خەت يازغاندا ئاغزىنى يوغان ئېچىۋېلىش
25. قوللىرىدىن قاس چىقىرىش
26. ئورۇن تاللىماستىنلا ،كەلسە كەلمەس يەردىلائۇخلاش
27. كوچىلاردا بىر بىرىنىڭ مۈرىسىگە قوللىرىنىئارتىۋېلىپ ،ئاغزىغا كەلگەن پاراڭلارنى قىلىشىپ ،كەلسە – كەلمەس ھىجىيىپ كۆلۈش
28. ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك،ئكزىدىنكىچىكلەرنى بوزەك قىلىش
29. ئۆرۈپ ئادەت ،ئەقىدە ئېتىقادقا كۆڭۈلبۆلمەسلىك
30. كىيىم – كېچەك ،يۈرۈش تۇرۇشنىڭ نۇرمال ھالەتتىن غەلىتىلىككەقاراپ ھالقىشى.
31. غايە ، ئېتىقاد ،ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان سۆزھەرىكەتلەر .
مەنبە:«ئەي يىگىت ئاگاھ بولۇڭ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا afxar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-2 12:39 PM