بېسىپ چىقىرىپ تامغا چاپلاپ قويغۇدەك تېمىلاركەن، مۇنبەردىكى ياش گۈزەللەر كىرمەپتىغۇ.
ئۆزىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىزنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقىلار قىلامدۇ. ئادەم ھەر قانداق چاغدا ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلىشى لازىم. باشقىلارنىڭ ئالدىدا خارلىقتا قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بەز قىزلارنىڭ ھەقىقەتەن كاللىسى ئىشلىمەيدۇ دەپ قارايمەن. مۇھەببەتلەشكەندە شېرىن مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرمەي، ئەكسىچە ھە دېسە مۇھەببىتىدىن خار ئاڭلاپ، تىل ئىششىتىپ ھەتتا تاياق يەپمۇ يەنە چىڭ چاپلىشىپ يۈرۈشلىرى...ھەي، كۆڭلىىگە ئىنساپ بەرسۇن ئۇلارنىڭ. بىر بولسىمۇ قىزلىرىمىز خارلىقتا قالمىسۇن، ئاشۇ ئوتتەك يىگىتلىرىمىزمۇ بېشىمىزنى چايقىۋەتسەك بولىدۇ. ئانىللىرىمىز، ھەدە-سىڭىللىرىمىز بار ئەمەسمۇ. ئۆتنە جاھان، دەپ يۈرۈپ ئاز كۈندىلا ئايلىنىپ كەپ قالىدۇ باشقا...
ھەر قانداق بىر قىز، سىز مەيلى قانداق ئادەم بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىز سۆيگەننى، ئەمەس، سىزنى ئوتتەك سۆيگەننى تاللاڭ! ياشلىرىمىز ئەقلىمىزنى ھېسسىياتنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىشتىن ساقىلىنايلى!