ساداقەت يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 05:31 PM
چوكىلارنى خەلق ئىشلەتكەنكىن ( خەلق چوكىلىرى)دەپ قويىڭا ...
كۆپچىلىككە رەھمەت . بۇمۇ بىر خىل مەنىلىك تۇيغۇغا ئىسىمكەن . ئويلىشىپ باقايلى !
ئىلانمۇ مۇشۇ مەزمۇندا ، قىسقىلا قىلىپ ئېيىتساق :
باغدا مېۋىلەرگە سۇ قۇيۇۋاتقان دېھقانغا ئايالى تاماق ئېلىپ بارىدۇ . داستىخاننى
سېلىپ قارىسا تاماق يەيدىغانغا چۇكا كۆرۈنمەيدۇ .
دېھقان ئايالىغا چاخچاق قىلىپ ، ‹‹ مۇمىيىم ، قېرىغانسىرى ئۇنتۇغاق بولۇپ
كېتىپسىلەر›› دەيدۇ . مۇمايمۇ بوش كەلمەي ، ‹‹ مەھەللەمدىن چۆرگىلەپ
كىتەلمەيتتىڭىز ، ئۆگزەمگە چالما ئېتىپ ئۇخلاتمايتتىڭىز ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى
قىلىمەن دەپ چارچىدۇق ، قېرىدۇق›› دەپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ .
( ئۇلارنىڭ خۇشچاخچاق ، مۇھەببەتلىك كۈلكىسىدىن باغ ئىچى لەرزىگە كىلىدۇ ››
بولدى پاراڭنى قويۇپ ئىسسىقىدا تاماققا باقسىلا دەيدۇ مۇماي .
چۇكا بولمىسا ؟
مۇماي دەرھال ياندىكى مېۋە دەرىخىنىڭ كىچىك بىر تال شېخىنى سۇندۇرۇپ ، مانا
چۇكا دەپ بوۋايغا ئوزىتىدۇ . بۇۋاي ، غىلاپتىكى پىچاقنى سوغۇرۇپ مىۋە
شېخىدا ئەپچىلللىك بىلەن چۇكا ياساپ تامىقىنى يەيدۇ .
ئاندىن مەھسۇلات تۇنۇشتۇرلۇپ چۈشەندۈرۈلدۇ . يۇقرى تېمپۇراتۇردا دىزىنغىكسىيە
لەنگەن ، سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن دېگەندەك...
مەنغۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان ، ئېلانچىلىقتىن خەۋىرىممۇ يوق . بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ
تەسەۋۋۇرى. بۇ پەقەت دەسلەپكى نۇسخىسى ،تېخىمۇ كاللا قاتۇرۇپ ، قوشۇپ ، ئېلىۋېتىپ
مۇكەمللەشتۈرسەم بولىدۇ . ئەمما پۈتۈنلەي ئۆزگەرتمەيمەن .
چۈنكى ، بىر قۇتا ئىچسە ماشىننى كۆتۈرىۋېتىدىغان ، بىر چۇكا يىسىلا كۈچلىنىپ
ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدىغان مۇبالىغە قىلغاندىن تەبىيراق چىققىنى ياخشى ...
ئىلانغا چىقىپ بېرىڭ دەپ چولپانغا يېلىنىپ نەچچە يۈزمىڭنى خەجلۈگىچە ، بۇ پۇلنى
ئىستىمالچى ، خېرىدارلارغامەنپىئەت ، مۇلازىمەت قىلىشقا ئىشلەتسە ... باھانى تۆۋەن
بېكىتسە ... قالغىنى خۇداغا تەۋەككۇل ...
سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ ؟ ‹‹ دېھقان ›› ئىسىم قانداقراق بۇلار ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-2 06:14 PM