چوسى دىگەن شۇ .ئەڭ ياخشىى ئۆيگە كۈچلۈك پۇراق شامنى يىقىپ ئىشىكنى ھىم يىپىپ تۇرسىڭز يۇقاپ كىتىدۇ
چۇسا دىگەن بۇ ھاشارەتنىڭ دورىلارغا قارشى تۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، قانداقتۇر ھاشارەت دورىلىرىنى چاچقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ ئىپلاس قان شورىغۇچىىنىڭ شۇ دورىغا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچى شەككىلىنىدۇ.
بۇنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسسۇلى: دىدىۋىي (敌敌畏) ئارقىلىق يوقىتىش.
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى تۆۋەندىكىچە:
دىدىۋىينى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېچىشقا بولمايدۇ.
پەقەت قىززىق چوغنىڭ ئۈستىگە بىۋاسىتە قۇيۇپ، بۇسلايمىز.
بۇسلاشتىن ئاۋۋال بارلىق كېيىم - كىچەك، يوتقان كۆرپە قاتارلىقلارنى بىر ئۆيگە دۆۋلەپ، ئاندىن ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان تۆمۈر داسقا چوغ ئېلىپ دىدىۋىينى بىۋاسىتە چوغنىڭ ئۈستىگە تۆكىمىز.
)دىققەت( تۆمۈر داسقا ئېلىنغان چوغنىڭ داسنى قىزىتىپ گىلەملىرىڭىزنى كۆيدۈرىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن داسنىڭ ئاستىغا قېلىن ياغاچقا ئوخشاش نەرسە قويىۋېلىڭ.
دىققەت: دىدىۋىينىڭ تەسىرىدىن ئىنتايىن قويۇق ئىس چىقىدىغان بولۇپ، چوقۇم نەچچە قەۋەت ماسكىنى تارتىۋىلىپ، ئاندىن بۇسلاڭ.
بۇسلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆينىڭ 24 سائەت دۈملىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، ئەتىسى ئىشىك دەرىزىلەرنى ئېچىپ يەنە 24 سائەت ھاۋا ئالماشتۇرۇڭ.
دىدىۋىينىڭ پۇرىقى بەك كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆيگە ئانچە مۇنچە ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ چېچىپ تۇرۇڭ.
100% ئۈنۈمىنى كۆرىسىز. بۇ سىناقتىن ئۆتكەن مەشغۇلات. ئەگەر يەنە بىلەلمىسىڭىز 1799219878 چ چ غا قوشۇڭ مەن سىزگە تەپسىلىي مەشغۇلات جەريانىنى دەپ بېرىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا manzur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-3 09:52 AM