soymix يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 11:03 PM
سىز شەھەر مەركىزىدە تۇغۇلۇپ ئوسكەن، ئاتا -ئانىڭىز نىڭ ...
ياق قېرىندىشىم،مەن سىز دىگەندەك ئۇنداق ئاق نانچى ئەمەس.مەنمۇ بىر پۇتۇن سۈرۈك بىر دېھقاننىڭ ئوغلى.كىچىكىمدىن دېھقانچىلىق ئىشىنى قىلىپ چوڭ بولغانمەن،مۇسكۇللۇرۇم ئەمگەكتە چېنىققان،بەدەنلىرىم تۇمۇز ئاپتاپتا كۆيگەن.باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مەكتەپكە كەلسەم ئۇقۇغۇچى،ئۆيگە كەلسەم دېھقاندەك ئىشلەيمەن.
مىنىڭ يېزا-ئېگىلىك يۆلىنىشىدە دىگىنىم يېزا-ئېگىلىكنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆگىنىمەن دىگەنلىك ئەمەس،ئەگەر باغۋەنچىلىك بولسا ئىدى كاشكى كورلىنىڭ شارائىتىغا چۈشەتتى.ئەمما ئۇقۇۋاتقىنىم چارۋاچىلىق يۆلىنىشىدە.
يەنە بىر جەھەتتىن مىنىڭ يېزا-ئىگىلىكنى خالىماسلىقىم قانداقتۇر جاپا-مۇششەققەت قۇرققانلىق ئەمەس،دېھقانچىلىق ئىشلىرى ماڭا ھېچقانچە ئېغىر بىلىنمەيدۇ.ئەمما ،مىنىڭ غايەم،مىنىڭ ئارزۇيۇم بۇ ساھەدە ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turantikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-3 11:47 PM