beken يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 03:11 PM
ھە , مەن قازاق , جۇڭگودىن قازاقستان تەۋەلىكىگە ئوتكەنم ...
پاھ-پاھ ھۈرمەتلىك بېكېن ئىنىم، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ بۇ مۇنبەرگە كىرگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، بىزگە بۈيۈك قازاق خەلقى خۇسۇسىدا كۆپرەك بىلىم-تەلىم بەرگەيسىز! ئۇلۇغ ۇيسىن-ۇيغىر خەلقىنىڭ نامىدىكى ئوخشاشلىقلارغا ھەيرانمەن!
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاق تىلىنى قازاق قېرىنداشلاردەكلا گۈزەل سۆزلەيدۇ، تېخى بىزنىڭ ئالتاي-چۆچەك، ئىلى ئۇيغۇرلىرىمۇ شۇنداق چىرايلىق سۆزلەيدۇ. بىر قازاق قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرچىنى يېڭىدىن ئۆگىنىپ مۇشۇنداق بىر ئوبدان سۆزلەۋاتسا، بەزىلەر دوق قىلمىساڭلارچۇ؟ مەن بېكېن ئىنىمىزنىڭ يازغانلىرىنى %100 چۈشىنىمەن!
__________________________
يەنە بىر گەپ، قازاقىستان باش مىنىستىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تالىشىپ نېمە قىلىسىزلەر؟ قازاقىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقى خۇددى بىزلەر جۇڭخۇا مىللىتى بولغاندەك، قازاق مىللىتىدۇر!