|
|
|
|
ئوتتىرا ئاسياغا جايلاشقان قازاقستان جۇممۇريىتى نوپۇسى ئاز ، يەر كەڭ ، كوپ مىللەتلىك دولەت بولۇپ قازاقستاندا قازاق ، روس ، ئۇزبيك ، قىرغىز ، ئۇيغۇر ، تاتار ، قارا قالپاق ، نېمىس ، ازەربايجان باشقۇرىت قاتارلىق 120دىن ئارتۇق مىللەت قازاقستان دېگەن بۇ ئاھىلدە ئېناق ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرمەكتە . مەن قازاقستاندىكى 120 مىللەتنىڭ بىرسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمي ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇراي .
قازاقستان جۇممۇريىتى مەدېنيەت ۋە ئاخپارات مېنىستىرلىقى مىللەتلەر مۇناسۋىتىنى تەتتىق قىلىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 241400 بۇلۇپ قازاقستان نوپۇسىنىڭ %1.6 نى ېىگىلەيدۇ . ئاساسى ئالماتى ئوبلاستىنىڭ چيلەك ، پانفيلوۈ ، شارىن ، ئەمگەكچى قازاق ، چونجى قاتارلىق ناھيەلەرگە جايلاشقان . ئولار ئۇز تىلىنى ، ھورۇپ ئەدىتىنى ياخشى ساقلىغان ، ئۇيغۇرچىدىن باشقا قازاق تىلى ۋە روس تىلىنى ئشلىتىدۇ .
قازاقستاندا دولەت ئىچىدە خىزمەت قىلۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن دوكتور 42 نەپەر ، ئاكادېميىك 4 نەپەر ، دوتسېنت 200نەپەرىدن ئارتۇق ، 5نەپەر قازاقستان خەلق ئارتېسى ، 20نەپەر " قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزىمەتكار " بار .
دولەتنىڭ ھەر قايسسى مەمۇري ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار 393 نەپەر بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 نەپەر سياسي جىزىمەت ئەزاسى ، مەملىكەتنىڭ توۋەن پالاتاسى ۋە ئوبلاسىت ، شەھەر ، يەرلىك پالاتالاردىمۇ ئۇيغۇر ئەزالار بار .
قازاقستان مەملىكەتلىك ئۇيغۇرلار مەدېنيەت مەركىزى مەملىكەت تەرىپىدىن تەسىقلانغان ئۇيغۇرلار مەدېنيەت تەرەققي قىلدۇرۇش مەركىزى بۇلۇپ ، رەھىسى ئەخمەتجان بەكىروۈ يولداش . قازاقستان ئۇيغۇرلار مەدېنيەت مەركىزىنىڭ خىزىمىتى مەركەزنىڭ ئىش بىجىرىش ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ . (ئەزالار35نەپەر ، 5 نەپەر دوكتور ، 2 نەپەر ئاكادېمىك ، 3نەپەر دوتسېنت ، 1نەپەر خەلق ئارتېسى ، 5نەپەر قازاقستانغا ئەجىر سىڭدۇرگەن خىزىمەتچى بار ) مەركەزدە ، ماھارىپ ئۇيۇشمىسى ، چوڭلار ئۇيۇشمىسى ، ياشلار ۋە ئاياللار ئۇيۇشمىسى ، رەسساملار ئۇيۇشمىسى ، تەنھەركەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ، مەشىرەپ ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۇيۇشمىلار بۇلۇپ مەملىكەتلىك مەركەز 9 ئوبلاستتىن قوشۇمچە مەركەز تەشكىللىگەن .
مەملىكەت ئاخپارات ۋاستىلىرى ئاساسى ئەر قايسسى مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان ، ئالماتى شەھىرى ۋە ئالماتى ئوبلاستىدا ئۇيغۇر تىللىق ئاخبارات ۋاستىسى 11 بۇلۇپ ، قازاق سىمسىز تېليۇزورمۇ كۇنىگە 15 مينوت ئۇيغۇرچە تارقىتىدۇ .
ئازىر ئالماتىدا 3 ئۇيغۇر مەكتەپ ، 3 ئارلاشما تىللىق مەكتەپتە جەممي 2114 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار . ئالماتى ئوبلاستى پانفيلوۈ رايونى ، تارجار رايونلىرىدا 11 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ ، 78 ئارلاش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 12841 نەپەر . 18 ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپ جاساندى سەرىك كانالى (卫星频道 دېمەكچىمەن) يىراقتىن ئوقۇتۇش سېستىمىسى ئورناتقان . مەملىكەت ھەر يىلى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەجېربە ئەسۋاپلىرى ئۇچۇن مەركەز خەزىنىسىدىن 13 ميلليون تەڭگە ئاجىرىتىدۇ . ماھارىپنىڭ تەرەققي قىلىشىغا ئەگىشىپ دولەتمۇ ئاجىرىتىغىدان خىراجەتنى كوپەيتمەكتە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا beken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 10:41 AM
|
|
|
|
|
|