يازنىڭ يېزىدا
ئۇسساپ كەتتى ئۆستەڭلەردە سۇ،
دەرەخلەردە كۆيىدۇ قۇياش .
توقايلاردا يىغلايدۇ ئاھۇ،
باياۋاندا بىر ئۇزۇن چاڭقاش.
قۇشلار ئۇچار، قاناتلىرىنى-
گۈلخانلاردا بىلەپ ،كۆيدۈرۈپ.
تاپالايدۇ شادلىق ، بەختىنى،
ياشىغانلار سۆيۈپ-سۆيدۈرۈپ.
يۇلتۇزلارنىڭ تۆككەن يېشىدا،
چوغلار كۆيەر كۆز يېشى قىلىپ.
ئۇسساپ كەتكەن يازنىڭ يېزىدا،
دەريا يىغلار نىيىنى چېلىپ.
يولغا چىقتىم ئەتىگە قاراپ،
چوغ قاينىغان يازنىڭ يېزىدا.
باغرىم چوغدان، يۈرىكىم كاۋاپ،
ئەر يىغلىسا يىغلايدۇ دۇنيا.
ماڭالمايمەن ماڭغۇم كەلگەندە،
ئون سەككىز مىڭ ئالەم تار ماڭا.
قارا تومۇز كۆرسىتىپ ھەيۋە،
چۆللەر گۈر-گۈر كۆيەر ئاھىمدا.
مېھىر ئۈچۈن ، مۇھەببەت ئۈچۈن،
پارچە-پارچە يۈرىكىم شۇتاپ.
ياز باغرىدا چوغدەك قىزىق ئۈن،
تەنھالىقتىن يۈرىمەن قاقشاپ.