مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: كەپتەر

يۇقىرى مۇئاش بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6423
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 04:08:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئامراق ئېلانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدە سىلەر ئىشلەپتىكەنسىلەردە؟راست گەپ قىلسام ئېلان دېگەن بىلەن قەتئىي خوشۇم يوق ئىدى،نېمىشقا بولماقچىدى؟ھېلىقىدەك تېتىقسىز ئېلانلارنىڭ تەسىرىدىن بولمامدۇ،ئەمما مۇشۇ  ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن رۇقىيە ئوبۇلقاسىم رول ئېلىشىدا ئىشلەنگەن ‹مەشرەپ› كىرئالغۇسىنىڭ ئېلانى،ئوماق،تاتلىق بالىلىرىمىز كۆرۈنىشىدىكى سەبىيلەر‹ئالتۇن بوۋاق›سۈت پاراشوكىنىڭ ئېلانى(ئارتىستلارغۇ ئېلاندا ئۆز ئىقتىدارى بىلەن ئوبراز يارىتىدۇ،ئەمما بۇ ئېلاندىكى ئوماقلىرىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى ئادەمنى شۇنچىلىك سۆيۈندۈرىدۇ،كىچىك بالىلار رول ئالىدىغان ئېلاننى ئىشلەش باشقا ئېلانلارنى ئىشلەشكە قارىغاندا تەسرەك دەپ ئويلايمەن،چۈنكى ئۇ دېگەن كىچىك بالىدە،قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن خۇدايىم!)،بىر تىرىشچان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئالغان ئىخلاس فېرىمانى ‹بىر ئاقكۆڭۈل كىشىدىن...›دەپ ئاتا-ئانىسىغا ئەۋەتسە جاپاكەش ئاتا-ئانا بالىسىغا قىسىنىپ بالىسىغا ئەۋەتىدۇ.....(بۇ ئېلاننى تۇنجى كۆرگىنىمدە ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن،بۇ ھەرگىزمۇ بىر ئېلانلا بولۇپ قالماستىن بىزگە بېرىلگەن بىر ئەخلاق تەربىيىسى دەپ قارايمەن).مانا مۇشۇ ئېلانلار قاچاندىن باشلاپ تېلىۋىزوردا قويۇلدى،شۇ چاغدىن باشلاپ مەندە ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىغا نىسبەتەن ئۈمۈد تۇغۇلدى،تېلىۋىزوردا بىر قېتىم قويسا بىر قېتىم كۆردۈم،يېنىش-يېنىشلاپ كۆرسەممۇ زېرىكمىدىم،نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى ياخشى ئىشلەنگەن بىر ئېلان ئېلان ئۈنۈمىگە يېتىپلا قالماستىن ئادەمگە بىر خىل بەدىئىي زوق ئاتا قىلالىسا ئاندىن ئادەمدە بىزارلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ،بۇندىن بۇرۇنمۇ بىزدە نۇرغۇن ياخشى ئېلانلار ئىشلەنگەن ھەم ھېلىھەم ئىشلىنىۋاتىدۇ،بىراق دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىغىنىدەك ئۇ-بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ئۇلارنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاۋاتىدۇ،تېلىۋىزوردا شۇنداقلا ئېلان قويغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىڭ؟! تىزگىنەكنى پاسىلدىتىپ بېسىپ قانال يۆتكەڭ. ئۇكامغا دەپ كېتىمەن بەزىدە:
- ئۇكام،ئا ئېلاننى 快进قىلىۋېتە!(تېز ئۆتكۈزىۋېتە!).
دادام دەپ كېتىدۇ بەزىدە:
-ئېلان چىقمايدىغان تېلىۋىزور بولسا بىرىنجىلەپ ئالاتتىم.
مانا بىزدىكى ئەھۋال،تېخى بەزىدە مۇنبەرلەردە ‹چەتئەل ئېلانلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ›دېگەن تېمىلارنى كۆرۈپ قالىمەن،ئاندىن بېسىپ ئولتۇرۇپ بەزى ئېلانلارنى كۈلكە ئىچىدە،بەزىلىرنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرىمەن،مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنى چۈشۈرمەكچى ئەمەس،بايا دېدىمغۇ،بىزدىمۇ ياخشى-يامانغا تىپ بولالىغىدەك ئېلانلار نۇرغۇن ئەمەلىيەتتە.
ئاشۇ چەتئەللىكلەر ئىشلىگەن ئېلاننى بىز ئىشلىيەلمەسمىزما؟مىللەت توغرىسىدا گەپ بولسا ھەممىمىز ‹بىز دېگەن ئانداق ئۇلۇغ مىللەت يەي،مانداق ئەقىللىق مىللەت يەي›دەپ سۆزلەيمىز،توغرا!بىز ئەقىللىق مىللەت،خەق قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز،ئاپامنىڭ بىر گېپى بولىدىغان،‹بالام،ھەممە ئىش قىلماسلىقتىن قالىدۇ› دەپ.راستكەن،ھەممە ئىش قىلماسلىقتىن قالىدىكەن،قىلايلى دېسەك مەبلەغ كاممۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ھەر قانچە بولسا؟!چۈنكى قايسى بىر سودىگەر ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىنىڭ ياخشى ئىشلىنىپ بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىنى خالىمايدۇ؟ئۇنداقتا بىزدە نېمە كەم؟؟؟؟ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزدا نېمە كەم؟؟؟؟؟
مەن تۆۋەندە بىر قانچە شەخسى پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسسام.
1-ئېلان سۆزى چوقۇم ياخشى بولىشى كېرەك،ھەرگىزمۇ داڭلىق چولپاننى ئېكرانغا چىقىرىپ پالانچى مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن ئىدىم،ئاق بولدۇم،كۆك بولدۇم دېگەندەك كالتا-كۆسەي،قۇلاققا خوش ياقمايدىغان سۆزنى ئىشلەتمەسلىك لازىم،بۇنداق ئېلانلار بەزى بىر قىسىم ئەخمەق ئادەملەرنى ئالداپ بىر مەزگىللىك سېتىۋىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بىلەن ھامان دەسمىسى غالتەككە چىقىدۇ ھەم ئېلان قىلىنىۋاتقان مەھسۇلات ھەر قانچە ياخشى ،سۈپەتلىك بولسىمۇ كۆرگەن ئادەمنى بىرىنجىدىن ئېلاندىن بىزار قىلسا ئىككىنجىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بىزارلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك!!!
2- ئېلان سېنارىيىسى ياكى ئېلان ۋەقەلىكى ئاددى،چۈشىنىشلىك،ئادەمگە بەدىئىي ھۇزۇر ئاتا قىلالايدىغان بولىشى كېرەك،شۇندىلا كۆرۈرمەنلەردە ئېلانغا ھەم .ئېلاندىكى مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولۇپ ئاخىرىدا ئېلان ئىشلەتكۈچى سودىگەرنىڭ ھەم ئېلان ئىشلىگۈچىنىڭ ھاردۇقى چىقىدىغان نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.
3- ئېلان ئىشلەشتىكى تېخنىكىلارغا تېخمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم،مەيلى ئۇ ئېلان فانتازىيىلىك قىلىپ ئىشلەنسۇن،ياكى ئەمەلىي ئىشلەنسۇن،ئىشلەش جەريانىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم،ھەرگىزمۇ ئېلان ئىشلەش ئۈچۈنلا ئىشلىمەسلىك لازىم،تېلىۋىزور ئېلانى دېگەننى كۆز بىلەن كۆرۈپ قەلىپ بىلەن ھېس قىلىدىغان بىر مىكرو كىنو دېسەك ئارتۇق كەتمەس،شۇڭلاشقا ھەر قايسى ئېلان ئىشلگۈچى ئۇستىلار تېخنىكىغا پىششىق بولۇپ ئەلنىڭ كۆزىنى ھەم قەلبىنى ئالدايدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.
مەن ئېلان ئىشلىگۈچى بولمىغاچقا ئېلان ئىشلەشتىكى تېخنىكىلارنى بىلىپ كەتمەيمەن،شۇڭلاشقا بۇ يەردە تېخنىكا مەسىلىسىنى سۆزلەۋېرىش ئېلان تېخنىكلىرىغا ئارتۇقچە ھېساپلىنىشى مۇمكىن،مەن پەقەت شۇنى دېمەكچىمەنكى،ئۆز ئىشىمىزغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىمىز كەڭ ئېلان كۆرۈرمەنلىرىگە مەسئۇل بولغىنىمز!!!


گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.

دەپ يېزىلغىنىدەك ‹ئېلانلا بولسا ئېلان ئەمەس،ئېلاندەك مەناسى بولمىسا!›






مېنىڭ ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىغا نىسبەتەن قاراشلىرىم مۇشۇنچىلىك.شەخسى كۆز قارىشىمغا نىسبەتەن تورداشلارنىڭ پىكرى بولسا ئۇيغۇر ئېلانچىلىقى توغرىسىدا پىكىرلەشسەك بولىدۇ،ھەم تورداشلارنىڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ ئېلاننى كۆپ قويىۋېلىشى بىلەن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنى ئارلاشتۇرۋالماسلىقىنى شۇنداقلا ئۇزاقتىن بۇيان ئېلان ساھەسىدە جاپا چېكىپ،بىزگە نادىر ئېلانلارنى سۇنغان جاپاكەش قېرىنداشلارغا ھەم ئاتامان ئېلان سىتودىيەسىدىكى قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،ياراتقۇچى قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!!!

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان، نەپرەت بوپ كۆرۈنەر ئەكسىم ئەينەكتىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 936
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6641
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 05:37:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhabbatsiman يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 04:08 PM
مەن ئامراق ئېلانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدە سىلەر ئىشلەپ ...

ئىنكاسنىڭ قاتىلى؛

ئىللەت  تۇزەلمىسە  مىللەت  تۇزەلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 05:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدىكىىرم چىققان ئىلاندە ،نەچچە ئون يىل ئۈتسىمۇ ئۇلار قىرىمايدىكەن غۇ   .

ھەمىسى ھەممىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9165
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1104 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 06:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 12:19 PM
ئىلانلارنىڭ 2- چىسى بىلەن ئالتۇن بۇۋاقلارنىڭ ئىلانىنى  ...

ھاي- ھاي، خانىم، ئاخىرىدىكى بالىلارنىڭ تامدىن تامغا سەكرىشىپ يۈرگىنىمۇ مۇبالىغە ئەمەس، ھازىر دىيارىمىزدىمۇ «پاركور» «酷跑» ماھارىتى خېلى تەرەققىي قىلىپ قالدى، ئىككى قەۋەتلىك بىنالاردىن قورقىماي سەكرەپ چۈشۈپ، يامىشىپ چىقىپ كېتەلەيدۇ ياخشى مەشىق قىلغانلىرى......

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3734
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 06:27:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى خىزمەت ئىكەن ،ئەپسۇس كومپيۇتېر بىلىمىم ،باشقا جاھەتلەردە داۋاملىق ئۆگىنىشىم كېرەككەن.

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2976
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 07:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ زەم - زەم كولانىڭ ئېلانىنى ھەر بىر قىتىم كۆرسەم ئۇنىڭدىكى مەلۇم بىرسىنى ئەسلەپ قالىمەن . شۇنداق بىر ۋاقىتلار ئۆتكەن ئىدى ، كۆڭۈللۈك ...............

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3671
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 08:00:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلان تىمكەن بۇ، لىكىن پايدىلنىش قىمتتى با.

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 09:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوچقار دەڭلا

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81189
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4341
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 09:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاۋۇ قۇملۇقتىكى توڭلاتقۇنىڭ ئېلانىنى پەقەت ياقتۇرمايمەن.  

دەردكە مۇپتىلا بولساڭ،ئىي اللە دەردەم بار، دىمەي، ئىي دەرد! مېنىڭ ئاللاھىم بار ، دېگىن ............

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14234
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 4902 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 09:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdul915 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 06:14 PM
ھاي- ھاي، خانىم، ئاخىرىدىكى بالىلارنىڭ تامدىن تامغا س ...

بۇ يا  پاركورلۇق ئۈگۈنىۋاتقانلارنىڭ ئېلانى بولمىسا

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش