مەن توي قىلمىغان ،شۇنداق بولسىمۇ ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي،
دادامنىڭ دادىسى يەنى چوڭ دادام (مەن ئۇنداق دەپ چاقىرىپ باقمىدىم،ئۇنداق مھىر مۇھەببەتمۇ يوق ) چوڭئاپاملا بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ ، داداملا يىتىم قېلىپ ،كىيىن ئۇ ئادەم باشقا خوتۇن ئاپتۇ، ئۇ خوتۇننىڭ بىر بالىسى باركەنتۇق، ئاۋۇ خوتۇننىڭ بالىسى پىتىپ ،داداملار پاتماي، دادامنى دادىسى قوغلاپ چىقىرۋېتىپتۇ،ئالىي مەكتەپكە ئوتكەن ئادەم مۇشۇ سەۋەپ بىلەن ئوقۇيالماپتۇ،( چوڭ دادام) بىلەن خوشنا ئولتۇرىمىز، سالاملىشىمىز، ھىيىت بايراملاردا كىرەتتۇق، دادام تۇگەپ كىتىپمۇ نەچچە يىلغىچە كىردۇق، بىز نىڭ ئويلەرگە دەسسىمەيدۇ،بىزنى كوسە قاچىدىغان بۇلىۋالدى تىخى، كۇنىمىز شۇلاردىن ياخشى يەنە ..
ئەمدى دىمەكچى بولغۇنۇم ئاجراشسىڭىز بالىڭىز يىتىم قالىدۇ، كەلگۇسىنى ۋەيران قىلىسىز،نىملا بولمىسۇن ئوز دادىسى ئوز ئانىسغا يەتمەيدۇ، دادىسىز بالىنىڭ قانداق بولدىغىنىنى ئوزىڭىزمۇ بىلىسىز، ئاپىڭىزمۇ سىلەرنى دەپ توي قىلمىغاندۇ شۇڭا ...
--------------------------------------------------------
توي قىلمىسام بولامدۇ نېمە،
باش سەت قاتتىغۇ سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئاڭلاپ ، ھەقىقەتەن تەڭ قىسلىقتا قاپسىز، مىنىڭچە يەنىلا بالىڭىزنى يىتىم قىلماڭ، بۇ كۇنلەرمۇ ئوتۇپ كىتىدۇ،ئايالىڭىزمۇ باللىرىڭلانى ئويلىسىلا چوقۇم سىزنىڭ دىگىنىڭىزگە كونىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇمۇدۋار بۇلۇڭ، ھەممە ئىش ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ، ئاپىڭىزنى ياخشى كۇتۇڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aD1l تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 02:45 AM