بۈگۈن...
بۈگۈن
ئاق لىباس كەيدى زېمىن،
ئايغا قاچقان پەرىلەر ئۈچۈن،
تۇتقاندەك ماتام.
بۈگۈن
باھار چىللاپ ناخشا ئىيىتقانلار،
قوۋۇرغىسىدا كامېر تەشكەنلەر...
ئايغا قاراپ،
چىقتى سەپەرگە،
مۇھاببەتلىك قەلبىنى يۈدۈپ،
زېمىندا قالمىدى ئادەم.
بۈگۈن
تونۇردا ئوت يوق،
بىراق
چوڭ ئانام
تونۇرغا لەڭمەن ياقماقتا.
ئايدىكىلەرگە سوۋغا قىلاي دەپ!
بۈگۈن
ئوغۇزخان كىردى نۆل ياشقا،
نۆلمۇ ئوخشار،
كۆكتىكى ئايغا.
2011-يىلى 12-ئاينىڭ19-كۈنى
.
قەبرىستاندىكى خىياللار
ئالدىمدا تۇرىدۇ چەكسىز بۆشۇكلەر...
چۇۋۇلغان بەزىسى،بەزىسى تىمەن.
يىنىمدا تۇرغىنى يېڭى بىر بۆشۇك،
ئۇنىڭدىن تېپىلماس زەررىچە ئېۋەن.
ۋە لىكىن
ئاڭلانماس ھىچقايسىسىدىن،
«ئەللەي بالام، ئەللەي...!»
بەلكىم
بۇ ناخشىمۇ بىھاجەتتۇر،
«ياتقاندۇ بوۋاق
جەننەتنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى ئىچىدە
ئۇخلاپ ئوماق».
ئاي شولىسى
بوشۇككە قادالغان ھىلال ئاي
ئەسلەتتى ئۆزۇمنىڭ نەدىلىكىنى.
زەڭ سىلىپ قارىسام ،
كۆرۇندى ماڭا:
سۆيگۈ- مۇھاببەت
ئۇزۇلگەن زامان
ھۆرمەت-ئېھتىرام
پارلىغان چولپان
سەۋدايى ئاشىق
....
ئەسلى بىلسەم
بۇ يەرگە-
كۆمۇلگەن ئۆتمۇش،
ھەممىسى ئەسلى
ئاۋازسىز قەبرە.
سۇكىناتتا تۇرار ئالدىمدا،
ئۇنى ئەسلەيدۇ،ئەسلەيدۇ پەقەت،
نەۋرە ۋە ئەۋرە.
پەقەت
شىۋاق باسقان دۇمچەك قەبرىدىن،
ئاڭلاندى
شىۋېرلىغان ئاۋاز ،
«كۆز ياشلىرىڭىنى توكمىگىن ھەرگىز!»
سىغىنغىن پەقەت مىنى سەۋرىدىن.
يەنە كەلدى:
«مەن كۆرەلمىدىم، كۆرىسەن تىخى
يېڭى ئاسمان،
يېڭى يۇلتۇز،
يېڭى ئاي،
يېڭى كۇن! »
قولۇمنى كۆتۇرۇپ تۇتۇش قىلدىم،
دۇئا- دۇرىتقا :
ئىيىتقىنا قېنى ،ئاڭلايمەنمۇ ؟
«يېڭى كۇلكە،
يېڭى يىغا،
يېڭى تىل
يېڭى ئۈن؟!....»
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۇنى
تەتۇر چاقماقلار
(1)
سوقۇلدۇم تامغا ،
ياق....
تام ماڭا سوقۇلدى.
مانا بۇ «ناخشا »،
ھازىرغىچە ئوقۇلدى.
(2)
دوپپا
ياراشمىدى بېشىمغا،
ئالماشتۇردۇم سەللىگە !
(3)
سۆيگۈ
قاچان تۇغۇلغان بولغىيتى؟!
بىلەلمىدىم ھىچ .
(4)
يامغۇر
يېشىمۇ سەن ئۇيغۇرنىڭ؟
ياكى ۋەتەن ئىشقىدا،
سەرسان بولغان ئاشىقنىڭ ؟
(5)
ئاھ، دېدىم
كۆزلىرىمگە سانجىلدى يۇلتۇز.
ئامدى مەندىن تەرك ئەتتى،
مەن ئامراق كۇندۇز.
(6)
مومكىنمىدۇ
دوسلىرىمنى سىلىپ ئەلگەككە
تاسقاپ كۆرۇش؟
(7)
يۇلتۇزلار ئاسماندا
بىر - بىرىنى بوغۇشتى.
قالدى پەقەت ،
ئاخىر قالىدۇ،
ئاي بىلەن قۇياش.
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۇنى
بۈگۈن ....
بۈگۈن
كىچىكىپ بولسىمۇ سورۇدۇم ئىسمىمنى،
دېدى دۇنيا : سەن مۇقام !
دېدى ئەنە : سەن تەكلىماكان !
دېدى يەنە : سەن ئۆلگەن روھ.............
دېدى ئاكاممۇ : سەن ئۇيقۇدىكى بالا !
ئويغانماي يىتىۋەر .
بەك مۇزلۇق تالا ،
ئەرىكسىز كېتىۋەر .
بۈگۈن
كىچىكىپ بولسىمۇ سورۇدۇم مەن.
مەن دىدىم : نېمانچە كۆپ مىنىڭ ئىسمىم ؟
نېمانچە كۆپ مىنىڭ بىسىمىم ؟
بۈگۈن
غايىپتىن كەلدى سادا،
ئالدىم جاۋابنى.
بىلىۋالدىم ئەسلىمنى.
ئۇقۇۋالدىم نەسلىمنى.
بىراق ،
تېخىمۇ كۆپ سۇئالغا تولدۇم .
ئەمما ، سۇئال سورىماس بولدۇم .
بۇگۇن يەنە
"ئۆلىۋالدى بىر بوۋاق قوشنام ".
غەمكىن كۆڭلى
پىغانلىق قەلبى
ئۇ ، كەلمەسكە كەتتى .
ئۇ ، ئارمانغا يەتتى !
2008- يىل 3- ئاينىڭ 25- كۇنى ، ئۈرۈمچى
ئۇچ يۈرۈكۈم بار مىنىڭ
يۈرۈكۈمنىڭ ئوڭ تەرپىدە كۈن بار ،
يۈرۈكۈمنىڭ سول تەرپىدە ئاي بار ،
شۇڭا دەيمەن،
ئۇچ يۈرۈكۈم بار مىنىڭ !
ئۇچ يۈرەك...
بىرى تەندە مۇھاببەتچۈن سوقىدۇ،
بىرى ئەلدە ئەرىك ئۇچۇن چاچار نۇر ،
بىرى كەسىپ -ئىختىراغا بولار تۇر !
ئۇچ يۈرەك...
بىرى ۋەتەن غىمىدە ،
بىرى قىلار باھار خىتابى ،چىكىپ ھەم پىراق ،
بىرى ئائىلە ئۇچۇن ياقىدۇ چىراق !
ئۇچ يۈرەك...
بىرى ياشلىق ناخشىسىنى ئوقۇيدۇ،
بىرى سىخى ، بارچە ئەلگە باقىدۇ،
بىرى خائىن ! ، ئۇمۇ ماڭا ياقىدۇ .
2007.11.24.ئۈرۈمچى
مەنبە: قەلەم(ساقىشچى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 03:33 AM