مىنىڭچە بولسا ‹‹قۇرۇق سۆز قۇرۇق قۇلاققا خوش ياقماپتۇ ›› دىگەندەك، مىسرانىم ئەپەندى شۇنداقلا: ئەگەر مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولىدىغانلارغا كۈنىگە ئىككى دو توكنىڭ پۇلىنى تۇلۇقلىما قىلىپ بېرىدۇ دىگەن بولسا، باشقۇرغۇچىلىققا بەلكىم ئادەم توشۇپ قالغانمۇ بولاتتى،
مۇنداق دىسەم مىنى شەخسىيەتچى، پۇلنىلا كۆزلەيدىكەن دەپ قالماڭلار، چۈنكى ھازىرقى دەۋىردە ئەلنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرەلەيدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ، مىللەتنىڭ ئونىۋىرسال تەرەققىياتى ۋە ساپاسى نەچچە ئون يىل ئىلگىرى بولغان بولاتتى، ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇنبەرلەردە بولسۇن ياكى ئەمەلىي رىئاللىقتا بولسۇن ، بىزلەرگە ‹‹باشقۇرغۇچى ›› دىگەن ئۇقۇم يوق بولغان بولاتتى! لىكىن، بىراق، مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ھالىتىدىن قارىغاندا چوقۇم بىزلەرگە ‹‹ماباڭ›› تۇتقان ناھايىتى سۈرلۈك، بىر باشقۇرغۇچى بولمىسا بولمىغىدەك، چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇنبەرگە ئىنكاس يېزىشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قالدىم ، نىمىشقا دەمسىز، ھېچ ئىش يوق، شۇ بەزى ئاتالمىش ساپاسى مىڭ گەز ئۆرلەپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمدىن تىل- ئاھانەت يەپ ئولتۇرماي دەپ قورقۇپ شۇ...... لىكىن بۈگەن قەتئىي نىيەتكە كىلىپ پىكىر قىپ باقاي دىدىم، چۈنكى مەنمۇ بىر ئۇيغۇر، ئۆز تىل _يېزىقىمنىڭ ئىنسانىيەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئالدى بولغان ئېنتىرنىت دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا ھەمدەمدە بۇلۇش ئۈچۈن................
شۇڭا گەپ ئۇزىراپ كەتتى، مۇمكىن بولسا، قىلايلى دىسەك مۇمكىن بولىدىغۇ ھە...
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئەزالار باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى قوللىساق، ماسلاشساق، ئاشۇنداق تېتىقسىز بىرنىمىلەرنى ئالدى بىلەن ياخشى گەپ سۆزلەر بىلەن تەربىيلىسەك، يېتەكلىسەك، بەك بولمىغاندا ئۇيۇشقاقلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇنىڭ تىگىشلىك جاجىسىنى بەرسەك دىگەن ئۈمۈتتە!!!
باشقۇرغۇچىلىققا كەلسەك كىملا بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، پىشقان، ساپالىق، ئەلنىڭ دەردىگە يېتىدىغان بولسا مىنىڭچە ئارتۇقچە ئەمەسقۇ دەيمەن!