sabinur يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 06:31 PM
خەپ ~!مەنمۇ يۇمۇر يېزىپ قالسام مىنى قاتمىغانلارنى قاتم ...
سەبىي نۇرنىڭ قىش پەسلىدە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقىتلىرى ئىكەن ، بىر كۈنى ھەمرىيى بىلەن كوچا ئايلانماقچى بولۇپ بىرگە سىرىتقا چىقىپتۇ.ئەمما ،ئۇ كۈنى قاتتىق قار يېغىپ ، ھاۋا بەكلە سۇغاق ئىكەن .ئۇلار كوچا ئايلىنىپ قايتاشىدا كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرماق بولۇپ بېكەتتە خېلى ئۇزۇن ئاپتۇبۇس كۈتۈپتۇ . بىر چاغدا ئاپتۇبۇسمۇ كەپتۇ.ئاپتۇبۇسنى كۆرگەن سەبىي نۇر ئاپتۇبۇسقا قاراپ ئالدىراش يۈگۈرشىگە تۇيۇقسىز تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ .
ھەمرىيى كېلىپ سەبىي نۇرنى يۆلىگەچ كۈلۈپ تۇرۇپ :-بېكەتتە پەقەت ئىككىمىزلا ماشىنا ساقلاۋاتقان تۇرساق بۇنچە ئالدىراپ ساڭا نىمە جاپا ؟دەپتۇ.
ئەلتۇغ ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرغاندىن كېيىن سالپىيىپ تۇرۇپ:- ھاۋا بەك سوغاق ،بەكلا توڭلاپ كەتتىم ،پەقەت تېزراق چىقىپ باشقىلار ئولتۇرغان ئىسسىق ئورۇندۇق مۇزلاپ كەتكۇچە دەرھال ئولتۇرۋالاي دەپ ئويلاپتىكەنمەن.دەپتۇ