باھادىر يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:50 PM
بەزىلەرگە ھەيران قالىمەن قاراڭ، بەك مىللەتپەرۋەرمىك ...
شۇڭا ھە دەپ قويسىڭىزلا بولدى ، مەن بۇرۇن مىسرانىمدا كۈندە نەچچە سائەت تۇراتتىم ، ھازېر تىما ئوقۇپلا ئىنكاس يازغۇدەك بولسا يېزىپ يولۇمغا ماڭىمەن ، نىمىشقا دىسىڭىز بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇرچە خەتنى كاللىسىغا نىمە كەلسە خۇددى توخۇ يەر تاللىماي سېسىق پوقىنى چىچىپ قويغاندەك خېتىنى يېزىپ قويغاندىن باشقا كاللىسىنى ئىشلىتىپ تۇتامى بار بىرنەرسە يازىدىغانلار ساناقلىق ، تېتىملىق بىرنەرسە يازىدىغانلارنىڭ تىمىسىنى ھەم ئىنكاسىنى كۆرۈڭ ، باشقىلىرى - بىر ئېغىز گەپ : ھە دەپ قويۇڭ .
سەل تۇرۇپ دارۋاز ئەسقەرنىڭ چېچى بىلەن كىيمىنى سۆرەپ چىقىپ تىللايدىغانلر چىقىدۇ دىسەم ئىشىنەمسىز ؟ مىللىتىمىزدە مىللىتىمىز ئۈچۈن ئىش قىلىش بەك تەس ، چۈنكى بىزدە قوڭىغا يىلدا بىر سۇ تەككۈزمەي ئىكرانغا چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ ئىسلام داۋاسى ، مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىدىغان ، كومپىيوتۇرنى قوزغۇتۇشنى ئۈگىنىۋېلىپلا ئالىم ئەخەت مۇئەللىمنى ئۇنداق مۇنداق دەيدىغانلار ، دۆلەت شىئېرىنى ئوقۇشنى بىلمەي ئابدۇللاكام بىلەن تاشمۇھەممەت باتۇرلارنى ناخشىسى ئۇنداق مۇنداق چىقىپ قاپتۇ دەيدىغان .......دىگەندەك تەرەپ كەشلىرى بەك جىق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-10 04:28 PM