مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sirikbuya

گۇل چاينى زادى كىم سېتىۋالىدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7492
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2222 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 03:31 PM
ماۋۇ 7-ئايدا پوسما كىيىپ    بوپتۇ ئامال قىلىپ باقاي  ...

پوسما كىيگىڭىز بولمىسا ئى دوپپا دەيدىغان بىژنەسىمۇ با، ھېچ بوممىسا شەپكە، كەپكە دىگەندەك نەسىلەغۇ بادۇ؟
بۇرۇن فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز يىڭناغۇچ چىقىپ قالسا يىڭنە ئېسىپ داۋالاشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپىنى دەپ بەرگەن. ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يىڭنە ئاسسا ساقىيىدۇ. ۋاقتىدا داۋا قىلىڭ. بولمىسا مەندەك ئاقىۋەتكە قالىسىز.
مېنىڭ شۇنداق بوپ قالغاندا ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ دەپ يۈرۈپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتتىم، ئاخىرى بولالماي كىچىك ئوپراتسىيە قىلدۇردۇم(يىڭنەچۈك چىقىپ قالغان يەرگە ناركۇز ئۇكۇلى ئۇرۇپ، شۇيەرنى يېرىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىشنى كۆرسىتىدىكەن. ناركۇز ئۇكۇلىنى ئىككى قېتىم ئۇرسىمۇ تەسىر قىلماي، مارۇدا دەك تۇرۇپ بەرگەن، ئاللا توۋا سېلىپ ۋارقىراپ).

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yawaat0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 04:28 PM
پوسما كىيگىڭىز بولمىسا ئى دوپپا دەيدىغان بىژنەسىمۇ ب ...

ۋاي نىمانداق ئادەم قورقىتىسىز دەيمەن ...


شۇڭا ھازىرمۇ قىسقاچ كۆزكەنسىز دە

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7492
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2222 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 04:29 PM
ۋاي نىمانداق ئادەم قورقىتىسىز دەيمەن ...


ھازىر ساقايدى، بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك. خۇدايىم بۇيرىسا، مانا مۇشۇ كۆزلىرىم بىلەن تامنىڭ ئۇ قېتىنى كۆرەپ ئوتتادىمغۇ؟

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82275
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر نەچچە كۈن بۈرۈن دائم چاي ئالدىغان  دۈكانغا بارغان شۈيەردھ كۈرگەنتىم گۈل چاينى باھاسىنى سۈرسام تۈپقا 500سۈم دىگەنتى ئۈللارنىڭ دىيىشىچە مەخسۈس سىتىش دۈكانلىردا 2000سۈمكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82275
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلچاينڭ بۈرەك ۋە يۈرەك ئاغرىقىغا بەك پايدىسى باركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇمىدا گۈلچاينڭ ھەر كىلوسىنى 40 يۈەندىن ئىلىۋاتىدۇ. 5 مو يەرنى گۈلچاي بازىرى قىلىپ بىرىپتىكەن، ساتىدىغانلار شۇنداق كۆپ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   国民党 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 04:41 PM  


سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2144
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8676
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 1400 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 04:54:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلچاي،مۇشۇ كەمدە گۈل چاي توغرىسىكى تېمىلار كۆپ بۇلاپ كېتىپ بارىدۇ جۇمۇ،مەنمۇ ئۆز كۆز قارشىمنى دەپ باقاي،مېنىڭچە گۈلچاينى ئۆتكەن يىلدىكىدەك قىممەت باھادا ئالمىسىمۇ لېكىن ئېلىشى مۇمكىن ،مېنىچە ئۆتكەن يىلى مانداق ۋاقىتتا گۈلچاينىڭ گېپى تېخى چىقمىغانغۇ دەيمەن،مەنمۇ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئاندىن كىلوسىنى 450 يۈەندىن ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئادەتتە گۈلچاي تاغلىق رايۇنلاردا 8-ئايدىن باشلاپ يىغىۋېلىنشقا باشلايدىغۇ دەيمەن.
گۈلچاي ئادەتتە تاغلىق، سوغۇق رايۇنلاردا تېرىشقا ماس كېلىدىغان بولغاچقا ،بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز تۈزلەڭلىكلەردىمۇ تېرىپ 7-ئاي كىرە كىرمەيلا يىغىۋېلىشقا باشلىدى ،شۇنىڭ بىلەن گۈلچاينى سېتىشقا ئالدىراپ  ئالىدىغان ئادەم تاپالماي جىلە بوپ كەتكەن گەپ ،يەنە بىرسى بۇ ھازىرقى چاي سودىگەرلىرىنىڭمۇ ئويۇنى بۇلىشى مۇمكىن ،شۇڭا دېھقانلىرىمىز سوغۇققان بۇلۇپ گۈل چايلىرىنى ۋاقتىدا تېرىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن(شەخسى پىكىر ھە) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   omerjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 04:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74080
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3322
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 05:01:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇلتۇر كۈزدىن بېرى ئىچكىردە تۇرۇۋاتىمەن. بۇ يەردە گۈلچاينىڭ تېخى مۇشۇ قىشتىكى توپ باھاسى 700 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە ئىدى. مېنىڭ بىر قانچە دوستۇم قىشتىن مۇشۇ يەردىكى گۈلچاينى توپ باھادا سېتىۋالىدىغان دۇكانلارغا گۈلچاينىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، مۇشۇنداق گۈلچاي بولسا قانچە پۇلدىن ئالىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار؛ 700 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە ئالىمىز، قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئەكەل، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ دوستلىرىمنىڭ بىرىسى بۇ يەردىكى ئىش-ئوقىتىنى بالا-چاقلىرىغا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى يۇرتقا چىقىپ يەر سېتىۋېلىپ گۈلچاي تېرىغان. ئەمما كىم بىلسۇن ھازىر باھا بەكلا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ دوستۇمنىڭمۇ بېشى قېتىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى ئەينى چاغدا ئۇ دوستۇم ئاشۇ توپ چاي سودىگەرلىرى بىلەن توختاملىشىۋالمىغانلىقى بولدى. بىزمۇ ئەينى چاغدا باھانىڭ بۇنداق چۈشۈپ كېتىشىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەچكە ئۇ دوستىمىزغا توختاملىشىۋېلىش تەكلىپىنى بەرمەپتىكەنمىز.
مەن ئۆتكەن ھەپتە بىر يەشىك گۈلچاينى ئېلىپ ئاشۇ گۈلچاي توپ دۇكانلىرىغا ئۆزۈم بېرىپ، گۈلچاي ئالامسىلەر؟ دەپ بىر قانچە دۇكاندارلاردىن سورىغانىدىم، ئۇلار؛ بىزدە ھازىر گۈلچاي يېتەرلىك بار، ھازىرچە ئالمايمىز، ئاۋۋال قولىمىزدىكىنى سېتىپ بولۇپ، ئاندىن ئالىمىز، دېدى. مەن ئۇلاردىن؛ ئەگەر ئالساڭلار قانچە پۇلدىن ئالىسىلەر؟ دەپ سورىسام 200 يۈەندىن يۇقىرى ئالىمىز دەپ جاۋاب بېرىشتى.
دېمىسىمۇ مەن ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىدا گۈلچاينىڭ يەشىكلەپ بېسىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. يەشىكلەردە گۈلچاينىڭ نامى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە يېزىقتا يېزىقلىق ئىكەن.
ئەھۋالنىڭ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خۇداغا تەۋەككۇل قىلىپ، مەن بۇ يەردىكى بىر قىسىم سودا شىركەتلىرىگە ئۆزۈم بىۋاستە بېرىپ خېرىدار ئۇقۇشىۋاتىمەن. ھازىرقىدىن يۇقۇرىراق باھادا سېتىۋالىدىغان گۈلچاي سودېگىرىنىڭ تېپىلىشىدا ئۈمىدىم چوڭ. چۈنكى گۈلچاينىڭ ئاساسلىق سودېگەر ۋە ئىستمالچىلىرى چەتئەللىكلەر.
قىشتىن بىر دوستۇم مۇشۇ يەردە بىر قانچە دوستلىرىنى ياخشىراق مېھمان قىلىش ئۈچۈن بىر چەتئەللىكنىڭ ئاشخانىسىغا تەكلىپ قىلغانىدى. كېيىن ئۇ دوستۇمدىن؛ ھېلىقى دوستلىرىڭىزنى مېھمان قىلىشقا قانچە پۇل كەتتى؟ دېسەم، ئۇ دوستۇم، باشقىسىنى دېمەي تۇراي، پەقەت چايغىلا 75 يۈەن كەتتى، چۈنكى بىر چاينەك چاي 25 يۈەن ئىكەن، بىر چاينەك چاينى ئۈچ پىيالىغا قۇيسا تۈگەيدىكەن، دېدى. مەن ئۇنىڭدىن؛ ئۇ چاينىڭ ئىسمى نېمە ئىكەن؟ دەپ سورىغىنمدا، ئۇ؛ گۈلچاي ئىكەن، چاينەكتە ئازراق ئېشىپ قالغىنىنى ئالغاچ كەلدىم، ئېچىپ بېقىڭلا، دەپ بىر پيىالىغا قۇيۇپ بەرگەنىدى، بىر قانچەيلەن زەمزەم سۈيىنى تالىشىپ ئىچكەندەك ئىچكەن ئىدۇق.
بۇ يىل گۈلچاي بەك كۆپ تېرىلغاچقا بازار ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتتى. لېكىن مېنىڭچە گۈلچاينىڭ كەلگۈسى يەنىلا پارلاق. چۈنكى گۈلچاينى بىز ئادەتتىكى بىر چايدەك ئويلىغىنىمىز بىلەن چەتئەللىك گۈلچاي ئىستىمالچىلىرى ئۇنى شىپالىق دورا ئورنىدا كۆرىدۇ. بۇ يىل گۈلچاينىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ماڭا بۇندىن بىر قانچە يىل بۇرۇنقى بىز ئىشنى ئەسلەتتى. شۇ يىلى ھۆكۈمەت ئىچكىرگە قوغۇن يۆتكەپ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش مەقسىتىدە بىزنىڭ ناھىيمىزدىكى دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەلا سورتلۇق قوغۇن تېرىشقا مەجبۇرلىدى. نەتىجىدە تېرىلغان قوغۇن كۆلىمى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەچكە قوغۇننىڭ سورتى ۋە تەمى شۇنداق ياخشى بولسىمۇ يۇقۇىراق باھادا سېتىۋالدىغان توپ سودىگەرلەر چىقمىدى ھەتتا قوشۇن ۋاشاڭ بولۇپ كەتتى. ئىككىنچى يىلى نۇرغۇن دېھقانلار قوغۇن تېرىمىدى، ئەمما قوغۇننىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى.
دېمەكچى بولغىنىم، بۇ يىل گۈلچاينىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى گۈلچاينىڭ قەدىر-قىممىتىنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس، پەقەت گۈلچاينىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى خالاس. شۇڭا گۈلچاي تېرىغان جاپاكەش دېھقانلىرىمىزغا تەكلىپىم شۇكى؛ ئەگەر گۈلچاينى توغرا ئۇسۇلدا قۇرۇتۇپ، شۇ پېتى يەنە بىر يىل ساقلاشقا ئامال بولسا شۇنداق قىلىپ باقسا. چۈنكى مەن بەزى دېقانلىرىمىزنىڭ مىڭبىر جاپادا تېرىغان گۈلچاينى تەرمەي تاشلىۋەتكەنلىكىنى ياكى بۇزۇپ ئورنىنى قوناق تېرىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مېنىڭچە ئۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. گۈلچاي ئۇنداق خارلىقتا قالىدىغان نەرسە ئەمەس. لېكىن ھەر قانداق ئەزىز بىر نەرسىنىڭ خارلىقتا قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى بىلەن ئۇ نەرسە يەنە ئۆزىنىڭ ئەزىزلىك ھالىتىگە قايتىدۇ ياكى تېخىمۇ ئەزىز بولۇپ كېتىدۇ. (يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدەك).
يۇقاردا دېگەنلىرىم مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ۋە ئويلىغانلىرىم. خاتا كېتىپ قالغان يەرلىرىم بولسا تورداشلارنىڭ ئىنكاس يېزىپ تۈزىتىپ قويۇشىنى ھەم گۈلچاي توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77059
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3203
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 05:21:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 03:20 PM
مەنمۇ مۇشۇ بانادا سورۋالاي ... تۈنگۈندىن بىرى  سول كۆزۈم ...
قارىمايدىغان يەرگە قارىماسلىق كېرەك ،قارىغۇمىز كەلسىمۇ بوشراق قارايلى . ناھايىتى تىزلا ساقىيىپ كېتىدۇ ..،.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77059
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3203
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 05:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 03:20 PM
مەنمۇ مۇشۇ بانادا سورۋالاي ... تۈنگۈندىن بىرى  سول كۆزۈم ...
قارىمايدىغان يەرگە قارىماسلىق كېرەك ،قارىغۇمىز كەلسىمۇ بوشراق قارايلى . ناھايىتى تىزلا ساقىيىپ كېتىدۇ ..،.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش