tograkmalikisi يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 08:40 PM
قىز ئالدىنقى ئېرى بىلەن 15كۈن ئۆي تۇتۇپتۇ. 15كۈن دېگەن پە ...
توغرا گەپ. ئۇ چوكان قىزنىڭ ئائىلىسىدىمۇ سەل چاتاق باردەك. 16گىمۇ كىرمىگەن قىزىنى ئۆزىدىن چوڭ پۇلى بار نىمىگە نىمى؟گە زورلاپ بىرىدۇ. نىمىشقا قىزىنىڭ مەختىنى ئالدىنقى قاتاردا قويمايدۇ. ھازىر ئەركىنچىلىك جاھان تۇرسا، بىركىمنى بىر كىم زورلاپ مەجبۇرلاپ ئەرگە بىرىدىغان ئىش يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە توي دىگەن بىر كۈندىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، تەيارلىقلارنى قوشقاندا بىر ئىككى ھەپتە كىتىدۇ دىگەن گەپ، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىمۇ قىز ھىچقانداق قارشىلىق قىلمامدا؟ خەقنى چىقىمدار قىلىپ توي قىلغۇزۇپ، 15كۈن ئىچىدە قايتىپ كەلگەن قىزنى ئاتا-ئانىسى قانداق تەربىيەلىگەن بولغىيتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق 15كۈندە قايتىپ كېلىدىغان ئادىتى بولسا، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىنمۇ شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ.
ئايال كىشى دىگەن ئەسلى بىرىنچى تۇرمۇشىدىن ئۇنداق تىز ئاجراشمايدۇ. بۇرنى قۇلىقىغىچە تويۇپ كەتكەندە ئامالسىز ئاجرىشىپ كېتىدۇ. نىكاھ،تۇرمۇشقا بۇندق يىنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان چوكاننى سىزدىن باشقا ئادەم ئەتىۋارلىماسلىقى مۈمكىن. سىز بىلەن توي قىلسىمۇ ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن قايتىپ كېتىشى مۈمكىن.