akax520 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 01:12 PM
ئۇنداق ئەمەس قېرىندىشىم ،دوستۇم ئۇ قىزنى ھەقىقى ياخش ...
ھازىرقى مەسىلە كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئامال تېپىش ئىدى،لىكىن بەك تەس ئوخشايدۇ... دەپسىز.
ئۇ قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، شۇنىڭدىلا چىڭ تۇرسىلا بولدىغۇ، بۇ قىزنى دەپ يەنە بىر بىگۇنا قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرسا، زىخمۇ كاۋاپمۇ كۆيمەسلىك بولامدىكەن. نىمىدىگەن شەخسىيەتچىلىك بۇ.
ئۇ دوستىڭىزدا باشقا قىزلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەسلىك ئدىيەسى بارمۇ قانداق، ئەگەر ئۇ قىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، شۇنىڭدىلا چىڭ تۇرسۇن، ئوغۇل 20 ياش، قىز 17 ياش بولغاندىكىن، چوڭلار ماقۇل بولغىچە، چىڭ تۇرسا، نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى، شۇندىلا، ھەممىلا ئادەمنى تەسىرلەندۈگىلى بولىدۇ، ئۇ قىزمۇ ئۆز ئىززىتى بىلەن ئۇ ئۆيگە كېلىن بوپ كىرىدۇ، شۇڭا ھەممە گەپ، ئاشۇ دوستىڭىزنىڭ بېلىنى مەھكەم باغلاپ، شۇ قىزغىلا توي قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرالىشىدا قاپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-10 02:42 PM