adwokatsubi يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 07:10 PM
قانۇن مەيلى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن ئوخشاش م ...
قارىسام ئادۇكاتتەك قىلىسىز ،مەنمۇ سىزدىن مۇشۇ داۋالىنىش ھادىسى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز؟؟
بىزنىڭ بىر تۇققىنىمىزنىڭ مىجەزى يوق بوپ قېلىپ، دەسلەپ يېزىدىكى شەخسى دوختۇرخانىلاردا داۋالاتتۇق..
ياخشى بولاماي باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە خوتەن شەھەر ئىچىدىكى خىلى داڭقى بار بىر دوختۇرخانىغا ئاچىقتۇق ئۇلار قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،دىئابىت كىسىلى ،Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى دەپ دىئاگنۇز قويدى، ئارلىقتا ئۇ تۇققىنىمىزنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ 39 قا چىقىپ ئۆزىنى تۇيماي جۆيلۈشكە باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار مىڭىدە چاتاق بولىشى مۇمكىن دەپctدا تەكشۈرىمىز دىدى ھەم قىزىتمىسى چۈشمىگەچكە ctدا تەكشۈرگىلى بولمايدۇ دەپ تەكشۈرمىدى ئۇنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلاشقاچقا بىز ئۇنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىدۇق ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭغا جىددى خاراكتىرلىك ئۆپكە ياللۇغى ،ۋە ئۈچەي ياللۇغى دەپ دىئاگنۇز قويدى.
ئىككى دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنۇزىدا مۇشۇنداق زور پەرق چىقتى ،
خوتەندىكى دوختۇرخانا خاتا دىئاگنۇز قويغان ھەم خاتا داۋالىغان 3 كۈن ئىچىدە 3000كويدىن ئارتۇق پۇل كەتكەن،ئۇ تۇققىنىمىز خوتەندىكى دوختۇرخانىدىن خاتا داۋالىغانلىقى ئۈچۈن داۋالاشقا كەتكەن 3000مىڭ يۈئەننى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟؟بۇ توغرۇلۇق قانۇندا بەلگىلىمە بارمۇ؟؟؟