كىچىكىمدىن ھەريىلى تۇققانلار بىلەن چىقىپ ھەپتە تۇرۇپ كېلەتتۇق ، قازاقلارنىڭ ئېتىغا مېنىپ ، قۇرۇتىنى يەپ ... دېگەندەك . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قايتقاندا بىر چىقتۇق ، ئەمما بۇرۇنقى قازاق ئۆيلەر يوق ، تۇڭگانلار تۆت چاسا ئۆيلەرنى سېلىپ مېھمان كۈتىدىغان قىلىۋاپتۇ ...
شۇنىڭ بىلەن تاغقا چىقساممۇ ئۇنچىۋالا ئېچىلىپ خۇش بولالمىدىم ..... ئەمما مەن يەنىلا جىمسار تاغلىرىنى ياخشى كۆرىمەن .
جىمساردا ئاز سانلىق مىللەت جەنۇبتىكىدەك جىق بولمىسىمۇ خېلى بار ، ئاتايىتەن جەنۇب شىمال ئايرىغىلى جېدەل تېرىغىلى كىرگەنلەرنى چەكلەش كېرەك .
ئالدىنقى يىلى بىر ئايال ، تەلەپپۇزىدىن قەشقەرلىك ، باشتا گەپنى شۇنداق چىرايلىق قىلىپ ئاپامدىن نەلىكلىكىنى سورىغانتى ، ئاپاممۇ چىرايلىق قىلىپ ‹‹ سانجىنىڭ جىمسار ناھىيەسىدىن ›› دېسە ئۇ ئايال ‹‹ ۋىيەي ، ئاشەدىمۇ ئۇيغۇر باما ؟ ›› دەيدۇ ، بىر چىرايلىق پاراڭ قىلىۋاتقان ئاپام شۇنداق ئاچچىقى كېلىپ ‹‹ جىمسار ناھىيەسى بۇرۇنقى ئىسمى بەشبالىق ، ئۇ يەر دېگەن ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يەنە بىر ئوردىسى بولغان يەر ، ھە ، ئۇيغۇر يوقتەك تۇيۇلىۋاتامدۇ ؟ بەشبالىق خارابىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟ ›› دەپ تويغۇزۇپلا قويغانتى .
ئۆز تارىخىنى بىلمىسە شۇنداق زېمىنلىرىنى خەق يۇتىۋالسىمۇ ‹‹ ئەسلىدىلا بىزنىڭ ئەمەسكەنتۇق ›› دەيدىغان ئىش چىقىدۇ . شۇڭا تارىخ بىلىش كېرەك .
بەشبالىق خارابىسىنىڭ ، 1000 ئۆينىڭ سۈرىتىنى يوللىسىڭىز بوپتىكەن كېلەر قېتىم ، 15 يىللار بولدىمىكىن ماڭا كۆرمىگىلى ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 08:46 AM