Qabiljan يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 12:27 AM
يېزا ئىەىلىك بانكىسىدا كېسەك ئالتۇننى ساتىدۇغۇ،ھەر خ ...
بانكىدىن كىسەك ئالتۇن ئىلىش توغرىمۇ ؟؟؟؟ ئەگەر سىز بانكىدىن كىسەك ئالتۇن ئالماقچى بولسىڭىز ئاۋال خام ئالتۇن باھاسىنى توردا بىر كۆرىۋىتىپ ئاندىن بىرىپ باھاسىنى ئۇقۇشۇپ بىقىڭ !!!
بۈگۈن توردا خام ئالتۇن باھاسى 325 يۈەن . لىكىن بانكىدا ھەرگىزمۇ بۇ باھادا بەرمەيدۇ .
مىنىڭ بىر دوستۇمغا ئۆتكەن ئايدا 200 گىرام كىسەك ئالتۇن لازىم بوپ قىلىپ بانكىغا بارساق ھەر گىرامىنى 342 يۈەن دەپتى مەن ھەيران قىلىپ بازاردا 333يۈەن تۇرسا ، توردىمۇ 332 يۈەن تۇرسا نىمانداق قىممەت دىسەم . ئۇلار ؛--ئالتۇن دىگەن بازار ئۆزگىرىشى تۇراقسىز تاۋار . ئادەتتە خىيىم -خەتەر ھەققى قۇشۇلۇپ سىتلىدۇ . دەپتى بىز چىقىپ كىتىپ ئالتۇن زىبۇ--زىننەت بازىرىغا بىرىپ 333.2يۈەندىن سىتىۋالدۇق .
مەيلى بانكىدىن ئالايلى مەيلى زىبۇ -زىننەت بازىرىدىن ئالايلى تودىكى باھاغا قايسى يىقىن بولسا شۇنىڭدىن ئالساق قەتئى زىيان يوق .
بىز شۇ 200گىرام ئالتۇننى بىر ھەپتە ساقلاپ ئالتۇننىڭ باھاسى توردا 337 يۈەنگە چىققاندا 336.5 يۈەندىن سىتىۋەتتۇق . ئەگەر بانكىدىن 342 يۈەن ئالغان بولساق قاچان پايدا ئالاتتۇق ؟؟؟
بىر مىسقال ئىقتىسات تورىدىكى بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى خام ئالتۇن باھاسى بولۇپ بازار باھاسىغا ئەڭ يىقىن . شۇ باھادىن بىر ئىككى يۈەن پەرق بىلەن تاختا ئالتۇن ئالسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق . ئۇنىڭدىن قىممەت ئىلىۋالسىڭىز بازار باھاسىدىن ئارتۇق ئىلىۋالغان بولىسىز .