anka1314 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 10:14 AM
چىرا دىگەن گەپ نېمە دىگەن گەپ ، چىرىپ قالدې دىگەن گەپم ...
چىرىنىڭ ئىككىنجى ھەرەم دەيدىغان نامى بار،بۇ زىمىندا ئىمام جەۋفىرى تېھراننىڭ قەبرىسى بار،ھازىر بۇ مازار ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۇرۇن.
ئىمام جەۋفىرى تېھران رەسۇللانىڭ ساھىبەلىرىدىن بىرى،غازات قىلىپ دەل مۇشۇ زىمىنغا كەلگەندە مۇشرىكلار تەرپىدىن قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان،ئىمام جەۋفىرى تېھراننىڭ شېھىت خەۋىرى رەسۇللاھقا يىتىپ بارغان كۈن دەل جۈمە نامىزى ۋاقتى ئىكەن،رەسۇللا ئىمام جەۋفىرى تېھراننىڭ شېھىت خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۆرە تۇرغان يىرىدىن ئولتۇرۇپتۇ،ئاندىن ھاسىسىنى تېيىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ،شۇندىن باشلاپ جۈمە نامىزىدا ئىمامنىڭ بىر ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرىشى شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.(چوڭلارنىڭ ئاغىزىدىن ئاڭلىغان رىۋايەت،ئاللاھ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرگىن،گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلغىن)