مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: orxuntekin

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار(1)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 01:09:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما ، يوللىغۇچىغا كۆپ تەشەككۈر !   بۇ باشتىن نىمە كۈنلەر ئۆتمىگەن؟؟؟؟؟

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20068
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5978
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 01:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن ئادەم  نەقەدەر بىچارە ھە ،،بىزنىڭ ئارىمىزدا  بۇندان قانلىق تارىخنى بىلمەيدىغان قىرىنداشلار مۇ بىلىۋالسا دەيمەن ،،،،،
ھەممەيلەن ئۆزلىكىمىزنى تاپساق.ئۆزىمىزنى تونۇساق،قانلىق تارىخلاردىن ئىبرەت ئىلىپ گۈللۈنۈش ئۈچۈن يول ئالساق.....ئىلىم مەرىپەتنى ئۆزىمىزگە دوست تۇتۇپ يار قىلىپ. ئىددىيىمىزنى ئازاد قىلساق.يىڭى تىخنىكىلارنى ئۈگۈنۈپ ئالدى بىلەن شەھەرلىرىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقساق.  ئانا يۇرتىمىز ئامان بولسا رەڭگى روھىمىز سامان بولماس !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 02:03:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ دىگەن مۇشۇنداق چىن ھەقىقى بولسا ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسى كېلدىكەن.مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا داۋاملىق جۇغراپىيدىن 100ئالساممۇ مۇشۇ تارىختىن ئاران 60ئالىتتىم.ساقلىۋالغىدەك تىمىكەن.سەل تۇرۇپ باللىرىمغىمۇ قايتا قايتا ئوقۇپ بېرەي.ئۆز يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى بولىسمۇ كينكىلەرگە يەتكۈزەيلى.ئەجدادلىرمىزنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن تۆككەن قانلىرى بىكار ئاقمايدۇ،

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79054
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 02:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار (3)

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار (3)
   

   
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


4 .  پەرغانە ۋادىسىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس  مەسىلىسى


       بىز   يۇقىرىدا  قەيت قىلغاندەك بەش قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشنىڭ  پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادا  ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبىئىي.  بۇ خىل ئۈزلۈكسىز كۆچۈش  بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ  سۈنئىي يوسۇندا كۆپىيىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەسلىدىن بار بولغان كۆچمەن ئاھالىلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى بىلەن يېڭىدىن كەلگەن توپلۇقلارنىڭ قوشۇلۇشى   ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشى  پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ  تېز سۈرەتتە كۆپەيتىدىغان مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.

پەرغانە  ۋادىسىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 19-ئەسىردىلا زور ساننى ئىگىلەپ، پەرغانە ئاھالىسىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى تەشكىل قىلغانلىقى ھەققىدە  ئۈچ خىل مەلۇمات مەۋجۇت.  بۇلار : 1)  تارىخىي مەنبەلەر، 2) مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەنبەلەر بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلىرى . 3)  دەسلەپكى سابىق سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىگەن سانلىق ئۇچۇرلىرى. مەن بۇ نۇقتىنى ئەنە شۇ ئۈچ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويىمەن:

1)    تارىخىي مەنبەلەر بويىچە پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى


1759-1760-يىلىدا زادى قانچىلىك ئادەم كۆچكەنلىكى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار يوق. بىراق،  سېرگېي  ئاباشىن  مەنبەلەر بويىچە  بۇ ۋاقىتتا 12 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك ۋە قالماقنىڭ كۆچكەنلىكى، بۇلارنىڭ 9 مىڭ ئائىلىنىڭ پەرغانىغا، ئۈچ مىڭ ئائىلىنىڭ بەدەخشاننىڭ پەيزاباد رايونىغا كۆچكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بۇ 9 مىڭ ئائىلە، يەنى تەخمىنەن 40 مىڭ ئادەمنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[31].  بۇنداق كۆچۈش ئىزچىل داۋاملىشىۋەرگەن بولۇپ، بۇرۇن بەلكى ئاممىۋى تۇس ئالغان بولسا، كېيىنكى ئۇزۇن يىللاردا جەريانىدا  ئايرىم -ئايرىم ھالدا كۆچۈش داۋاملاشقان. يۈسۈپ خوجىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان مىرزا شەمسى بۇخارىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، 1830-يىلى قوقەنت قوشۇنلىرى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشنىڭ ئالدىدا   قوقەنتتە 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە قەشقەرلىك بولغان[32]. 1830-يىلى، يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭى مانجۇلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا 70 مىڭ ئادەم قەشقەردىن پەرغانىغا كۆچۈپ بېرىپ، سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى خوجەنت ۋە تاشكەنتتىن يىراق بولمىغان  جايلارغا ئورۇنلاشقان.[33]  بۇ ھەقتە جۇڭگو تارىخچىلىرىمۇ جۇڭگو مەنبەلىرىگە تايىنىپ مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخچىسى ليۇ فېڭۋۇ 1936-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە  يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئاق تاغلىقلاردىن 60-70 مىڭ ئادەمنىڭ  قوقەنتكە كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[34].

چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدىكى 70 مىڭ  ۋە مىرزا شەمسى بۇخارىنىڭ مەلۇماتىدىكى 10مىڭدىن 12 مىڭغىچە بولغان ساننى قوشقىنىمىزدا، بۇ چاغلاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانى 80مىڭدىن ئارتۇق بولىدۇ.

1847-يىلى، يەتتە خوجا قوزغىلىڭى  مانجۇر قوشۇنلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا،  قەشقەر تەۋەسىدىن يەنە 20 مىڭ ئادەم مانجۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ  پەرغانىغا قاچتى[35] . كروپاتكىن بولسا  100 مىڭ ئادەم ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بېرىدۇ [36].  جۇڭگو تارىخچىسى سېڭ مېنۋۇ 1936-يىلى يازغان ئەسىرىدە  بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئون مىڭ ئادەم خوجىلار بىلەن قوقەنتكە قېچىپ كەتتى دەپ مەلۇمات بېرىدۇ [37].

بۇ قېتىمقى كۆچۈش قىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا نۇرغۇن ئادەم پامىر -ئالاي تاغلىرىدىن ئۆتكىچە ئاچلىق، قاتتىق سوغۇق ۋە قار شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توڭلاپ ئۆلگەن. كۆچكەنلەرنىڭ ئارىسىدا قەرى-چۆرىلەر، بالىلارمۇ بولۇپ، ئادەملەر ئائىلە-ئائىلە بويىچە كۆچكەن. كروپاتكىننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىم كۆچكەنلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت قەشقەر ۋە يېڭىھىساردىن كۆچكەنلەرنىڭ سانىلا 37 مىڭ ئەتراپىدا بولغان[38]. بۇ كۆچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ساق-سالامەت پەرغانە ۋادىسىغا يېتىپ بارالمىغان بولۇپ، ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ  جەسەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن تېرەك داۋان ئەتراپىدىكى دەريا سۈيىنى شۇ يەردىكى قىرغىزلار ئۈچ يىلغىچە ئىچەلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن.[39]  

  مۇسۇلمان تارىخچىلىرىدىن  مۇھەممەد ئاتىف  ئۆزىنىڭ <<تارىخىي كاشىغەر >>ناملىق ئەسىرىدە  قەشقەر ئاھالىسىدىن 100 مىڭغا يېقىن نوپۇس ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوقەنتكە كۆچتى>> دەپ بايان قىلىدۇ.[40]

يەتتە خوجا قوزغىلىڭىدىن  يەنە 10 يىل ئۆتۈپ، ۋەلىخان تۆرە باشچىلىقىدا  قوزغىلاڭ يۈز بەردى. ئۈچ ئايغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار جەريانىدا  نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى شۇنىڭدەك  ۋەلىخان تۆرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار  چىڭ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ۋەلىخان تۆرە قاتارلىقلار پەرغانىغا قاچتى . 19-ئەسىردىكى رۇس تارىخچىسى ۋ. نالىۋكىننىڭ مەلۇماتىچە، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 15مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك پەرغانە ۋادىسىغا قاچتى[41]. بۇ ھەقتە جۇڭگو تارىخچىلىرىمۇ مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، لىئۇ فېڭۋۇ پەرغانىغا كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى[42]، لىئۇ زىشاۋ  15 مىڭ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[43].

سېڭ مېنۋۇ جۇڭگو مەنبەلىرى ئاساسىدا  جاھانگىر خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خوجىلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزگىلاڭلىرىغا  قاتناشقانلارنىڭ ئادەم سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، جاھانگىر خوجىغا ئەگىشىپ چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قەشقەر ئەتراپىدا بولغان  جەڭگە  قاتناشقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ 100 مىڭ ئەتراپىدا[44]ئىكەنلىكىنى، 1857-يىلى ۋەلىخان تۆرىگە ئەگىشىپ چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلغانلارنىڭ  بىر قانچە تۈمەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[45]. دېمەك،  چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭلەرگە قاتناشقان بۇ ئادەملەرنىڭ ھايات قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق يولى ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ پەرغانىغا قېچىپ پاناھلىنىش بولۇپ، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ پەرغانىغا قېچىپ پاناھلىنىش نىسبىتىنىڭمۇ كۆپ بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەر قېتىملىق قېچىپ پاناھلىنىش جەريانىدا  بىر قىسىم ئۈلگىرەلىگەن كىشىلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، بالاۋاقىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە خېلى كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تاشلاپ ئۆزلىرى تەنھا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئائىلىسى ئۆز ۋەتىنىدە قالغان بۇ ئەرلەرنىڭ  بىر قىسىمى  پەرغانە ۋادىسىدا  خوجىلار تەشكىللىگەن قوشۇنلار تەركىبىگە قوشۇلۇپ، قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، ئۆز يۇرتلىرىنى چىڭ قوشۇنلىرىدىن ئازاد قىلىش ئارقىلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى جەم بولۇش يولىنى تاللىغان ئىدى.

1877-1878-يىللىرى ئارىسىدا چىڭ سۇلالىسى  پۈتۈن  قەشقەرىيىنى قايتا بويسۇندۇرغاندا، قانچىلىك ئادەمنىڭ پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق.  لېكىن، يەنىلا خېلى كۆپ ساندا ئادەملەر رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى  پەرغانىغا قاچقانلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىستاندىكى رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خاتىرىگە ئېلىنغان ئىدى[46]. پەرغانىدىكى رۇسىيە ئەمەلدارى 1877-يىلى 12 مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك ۋە تۇڭگاننىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 7 مىڭ نەپىرىنىڭ يەتتە سۇ تەرەپكە، قالغانلىرىنىڭ ئوش ئارقىلىق پەرغانە  ۋىلايىتىگە كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[47]. بىراق، بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ ھەر خىل بولۇپ، ئابلەت كامالوفنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرى ئاساسىدا تەكشۈرۈشىچە، ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەكقۇل بەك بىر قىسىم ئۆز قوشۇنلىرى ھەم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ،  1877-يىلى، 15-دېكابىر كۈنى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئوشقا يېتىپ كەلگەن ھەمدە ئارقىدىن، يەنى 16-17-دېكابىر كۈنلىرى  زور ساندىكى قەشەرلىك مۇساپىرلار چېگرىدىن ئۆتكەن بولۇپ، 23-دېكابىر كۈنىدىكى رۇسىيە تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئوشقا 4641 نەپەر قەشقەرلىك كۆچمەن ( بۇلارنىڭ  3573 نەپىرى ئەر، 968 نەپىرى ئايال) ئورۇنلاشقان[48]. رۇسىيە ئارخىپىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، چېگرىدىن كوللېكتىپ ھالدا ئۆتۈپ قېچىش ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ،  1877-يىلى، 14-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە بولغان 15 كۈن جەريانىدا 5675 ئادەم (  4413 ئەر، 1262 ئايال) كۆچۈپ كەلگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە 500 ئادەم قاراسۇ ئارقىلىق ئەنجانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. دېمەك، ئەنە شۇ 15 كۈنى ئىچىدىلا 6000 ئەتراپىدا ئادەم ئوش ۋە ئەنجان تەۋەسىگە قېچىپ كەلگەن. رۇسىيە ئارخىپ ئۇچۇرلىرىغا كۆرە قوقەنت خانلىقى مەۋجۇت بولغان ۋاقىتتىلا ئوش شەھىرى ئاھالىسىنىڭ 3تىن 1 قىسىمىنى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ،  1877-يىلى، ئوش تەۋەسىگە كىرگەن 1459 قەشقەرلىكنىڭ 959 نەپىرى ئوش شەھىرىگە قېپ قالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 909 نەپىرىنىڭ  ئوشتا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشقان[49]. قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسىمى پەرغانە ۋادىسىدىكى  ھەر قايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە، قەشقەرىيىدىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ تەركىبى ھەر خىل بولۇپ،  بۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەرلىكلەر، يەنى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى. ئۇلاردىن قالسا، تۇڭگانلارمۇ بار ئىدى.  بۇلاردىن باشقا يەنە قوقەنتلىكلەر ۋە ئەنجانلىقلارمۇ بار ئىدى.  يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار پەقەت رۇسىيە تەرەپنىڭ 15 كۈن ئىچىدىكى كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇمات بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن كەلگەنلەر  شۇنىڭدەك باشقا جايلاردىن ئۆتكەنلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي.  چىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىقىرىپ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى  پەرغانىدا تۇرىۋاتقانلارنى دەرھال چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. بۇ بۇيرۇق بويىچىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەرغانىغا كەتكەنلىكىدە شەك يوق.

چىڭ سۇلالىسى مەنبەلىرىمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى ئەھۋالنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق، قانچىلىك ئادەمنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرمىغان. ئەمما   1877-يىلى، 17-دەكابىر كۈنى قەشقەر چىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن،  زو زوڭتاڭ  بېيجىڭدا  چىڭ ئىمپېراتورغا  قەشقەردىكى ئۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى ئىچىدە خەلى  كۆپچىلىكنىڭ  رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان[50].
چىڭ سۇلالىسى رەسمىي ھۆججىتى بولغان << چىڭ شىلۇ>> دا بولسا،  بەي ياڭخۇ قاتارلىقلارگغا ئەگىشىپ قاچقان توپىلاڭچىلارنىڭ 5 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرمۇ مەۋجۇت. بۇ پەقەت تۇڭگانلارنىلا كۆرسىتەمدۇ ۋە ياكى باشقا بارلىق قاچاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ داۋاملىق ئېنىشلار كېرەك، ئەمما، بۇ سان رۇسىيە رەسمىي ئۇچۇرلىرىغا بىراز يېقىنلىشىدۇ.
مەلۇمكى،
چار رۇسىيە  1876-يىلى،قوقەنت خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل  يوقىتىپ، پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن،  ئۇنىڭ چەگرىسى بىۋاسىتە قەشقەرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلاندى.  رۇسىيە قوقەنت خانلىقى تېررىتورىيىسى بولغان پەرغانە ۋادىسىنى ، تۈركىستان گېنېرال -گۇبېرناتورلۇقىنىڭ پەرغانە ئوبلاستى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، 1881-يىلى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئەنجان،  نامەنگان، قوقەنت، چۇست، ئىسفارىن، مەرغىلان ۋە ئوشتىن ئىبارەت يەتتە ناھىيە تەسىس قىلغان ئىدى. نوپۇسى 564 970  ئادەم دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوش ناھىيىسىنىڭ نوپۇسى 59760 ئادەم بولۇپ، ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 3950 ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئوش پەرغانىدىكى 6 شەھەر ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ ئاز شەھەر ھېسابلىناتتى. بىرىنچى ئورۇننى مەرغىلان ئىگىلىگەن بولۇپ،44،480 ئادەم ياشىغان. بىراق، 1910-يىلىغا كەلگەندە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى پەرغانە ئوبلاستىنىڭ نوپۇسىنى 2مىليون 34مىڭ 62 ئادەم دەپ ھېسابلىغان.   پەرغانىدىكى بەش ناھىيىنىڭ  نوپۇس تەركىبى مۇنداق بولغان :

نامەنگان ناھىيىسىدە 467423

ئەندىجان ناھىيىسىدە 461240

قوقەنت ناھىيىسىدە 453555

سكوبېلېۋسكىي ناھىيىسىدە 453462

ئوش ناھىيىسىدە 193.382[51]

  بىراق، 1910-يىلىدىكى بۇ ئىستاتېستىكىدا  ئوش شەھىرىنىڭ  44204  كىشىلىك نوپۇس تەركىبىدە قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ،  500 نەپەر قەشقەرلىك  بارلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما  نوپۇسى ئەڭ كۆپى سارتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 38646 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن[52].   ئەلۋەتتە، بۇ سانغا ئوش شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ ئاھالىسى كىرمىگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوش شەھىرىدە  بىر قانچە ئونلىغان مەھەللىلەر بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە  تاشلاق-گۈزەر، تۆرت كوچا ، ئەندىجان كوچا، شامال كوچا، قوش تاش، داۋان، شاھىدان تۆپە، شېيخلەر، گۈزەر، جىدەلىك ، ئىمام- ئاتا، ئارچا-مازار، ساراي كوچا ۋە رابات كوچا  قاتارلىقلار مەشھۇر ئىدى.   بۇ مەھەللىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ناملىرى  قەشقەرىيە تەۋەسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەھەللىلەرنىڭ بىر قىسىمى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققانلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنىپ، شۇلار تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

   ئەگەر رۇسىيە دائىرىلىرى 1877-يىلىنىڭ ئالدىدىلا ئوش ئاھالىسىنىڭ 3تىن 1 قىسىمىنىڭ قەشقەرلىكلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى مەلۇم قىلغىنىنى نەزەرگە ئالساق ئەگەر، 1881-يىلى، ئوش ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسى 59760 ئادەم بولسا، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى  20 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ.  دېمەك، بۇ ساننىڭ تەخمىنەن 20مىڭى  ئۇيغۇرلار بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە  1877-يىلى قېچىپ كېلىپ ئوشقا يەرلەشكەنلەرنى قوشقاندا ئوش تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى تەبىئىي. ئەگەر ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 1881-يىلى 3950 ئادەم بولغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قەشقەرلىكلەر ئىگىلىگەن بولسا، بۇ چاغدا قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى تەخمىنەن بىر  يېرىم مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1877-يىلى، 950 نەپەر قەشقەرلىك ئوش شەھىرىگە ئورۇنلاشتى دېسەك بۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ھەتتا ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.  بىراق، ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 1910-يىلىغا كەلگەندە  تەخمىنەن 11 ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما، قەشقەرلىكلەر ئاران 500 نەپەر بولغان. ئۇ چاغدا ئەسلىدىكى قەشقەرلىكلەر نەگە كەتتى؟ ئەمما سارتلار يەنى ئۆزبېكلەر  ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوش شەھىرىدىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان قەشقەرلىكلەرنىڭ  زور كۆپچىلىكى ئۆزىنى سارت دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى،  يەرلىك خەلق ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە  <<قەشقەرلىك>> پەقەت قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن مۇساپىر كۆچمەن ئاھالىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، كۆچمەنلەر بۇ جاينىڭ يەرلىك خەلقى ھېسابلانمايتتى ھەمدە مۇھاجىرلىق خاراكتېرىغا ئىگە ئىدى. ئەنە شۇنداق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  1877-يىلى كەلگەن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كېلىپ ماكانلىشىپ بولغان قەشقەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى سارت دەپ ئاتاپ تىزىمغا ئالدۇرغان. بۇ ۋاقىتتا  شەھەر ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئاھالىلار، يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر  قىرغىزلار ۋە رۇسلار تەرىپىدىن بىردەك ھالدا سارت دەپ ئاتالغان  بولۇپ، ئۇلارنى ئايرىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك دەپ ئايرىش تېخى بېكىتىلمىگەن ئىدى.

رۇس پۇقرالىرى  ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم دائىرىلىرى  شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنى تىزىمغا ئالغاندا  ئۆرپ-ئادەت، تىلى ۋە كىيىم-كېچەك، مەدەنىيەت ھەمدە ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي  ھايات شەكلى ئوخشاش بولغان  ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنى پەرقلەندۈرۈشى قىيىن بولۇپ،  نوپۇس تىزىملىغاندا  ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا سارت دەپ تىزىمغا ئېلىشى تەبىئىي ئىدى.

بۇرۇندىنلا پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ يەرلىشىپ، يەرلىك ئاھالىلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولغان قەشقەرىيىلىكلەر ئەنە شۇ ئورتاق سارت ئاتالغۇسى بىلەن  بىر گەۋدە ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

بىز بۇ يەردە تېمىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن <سارت> ئاتالغۇسىنىڭ ئېتنولولوگىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزمەيمىز، ئەمما ئۇنىڭ 18-19-ئەسىرلەردە ھەتتا 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك خەلقلەر ئۆزبېكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا چارۋىچى خەلقلەر قىرغىزلار ۋە قازاقلار تەرىپىدىن <<سارت>> دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن شۇنىڭدەك تاكى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتى يولغا قويۇلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا رۇسلار ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى  ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  ئولتۇراق ھاياتتىكى ئاھالىسىنى  << سارتلار>> دەپ ئاتىغان ھەتتا بۇرۇنقى رۇس  سەيياھلىرى قەشقەرىيىدىكى  ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا " سارت" دەپ ئاتىغان بولسا، غەربلىكلەر ئۇلارنى " تۈرك" دەپ ئاتىغان ئىدى [53] . 19-ئەسىردىكى رۇسلارنىڭ نەزەرىدە قەشقەرىيە ۋە پەرغانىنىڭ   بىر-بىرىگە ئىنتايىن  يېقىن  بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەمدە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولغان    شەھەر ۋە دېھقان ئاھالىسى  بىلەن پەرغانىنىڭ دېھقان ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئوخشاشلا << سارت>> دەپ پەرقلەندۈرۈلمىگەن ئىدى.

رۇسلار،  قەشقەر  ئۇيغۇرلىرىنى  پەرغانە ۋادىسىدىكى "سارتلار"دىن پەرقلەندۈرۈش  ئۈچۈنلا  ئۇلارنى << قەشقەر سارتلىرى>> دەپ ئاتىغان.  رۇس ئالىمى  ل. ن . سوبولېۋنىڭ قارىشىچە سارتلار ئالاھىدە  باشقا قەبىلە ئەمەس، شەھەرلەردە ياشايدىغان ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  مەيلى ئۆزبېك، مەيلى تاجىكلارنىڭ ھەممىسى پەرقلەندۈرۈلمەستىن  سارت دەپ ئاتالغان[54].  20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى،  قازاق تۈركشۇناسى   سېرالى لاپىن<< ئۆزبېكلەردىن پەرقلىق بولغان  سارت دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچە بىر خەلق يوق، شۇنىڭدەك يەنە ئۆزبېك تىلىدىن باشقا بولغان  ئايرىم سارت تىلى دەيدىغان  تىلمۇ مەۋجۇت ئەمەس>> دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە،  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سارتلار دەپ ئۆزبېكلەر، يەنى ئولتۇراق ھاياتتىكى تۈركىي تىللىق ئاھالىلاردۇر[55].

لېكىن، 1897-يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تۈركىستان ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تەركىبى ئايرىپ چىقىلىپ،  سارتلار  ئۆزبېكلەر، قارا قالپاقلار، قىرغىزلار، قەشقەرلىكلەر ۋە  قىپچاقلاردىن ئايرىۋېتىلگەن. شۇ ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە، پۈتۈن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسىدە   968655 نەپەر سارت،  726534 نەپەر ئۆزبېك ،34908 نەپەر قەشقەرلىك ۋە باشقا خەلقلەر بولغان.  بۇ ۋاقىتتا سارتلار ئۆزبېكلەر ۋە قەشقەرلىكلەردىن ئايرىم بولۇپ چىققان[56].  رۇسىيە ئالىملىرى  چار رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشى ئېنىق ئەمەس  ۋە كۆپلىگەن خاتالىقلارغا يول قويۇلغان ھەمدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس  دەپ بېكىتكەن.  1897-يىلى نوپۇس تەكشۈرۈش  بويىچە  ئۇيغۇرلارنىڭ ، يەنى قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى رەسمىي تۈردە تۇنجى قېتىم  چار رۇسىيە  ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان  پەرغانە ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلار، يەنى قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى سەمەرقەند ئوبلاستىدىكىن ئاز بولۇپ چىققان.  ئىستاتىستىكا بويىچە، پەرغانە ئوبلاستىدا  14915 نەپەر قەشقەرلىك، سەمەرقەند ئوبلاستىدا 19993 نەپەر قەشقەرلىك  بارلىقى كۆرسىتىلگەن[57].

   بۇ يەردە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ، نېمە ئۈچۈن  چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ   تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە  يەرلىك خەلقلەرنى ئايرىغاندا سارت دېگەن ئايرىم توپلۇقنى  بېكىتىپ، نوپۇس جەدۋىلىگە كىرگۈزدى؟  ئەگەردە  ئەنە شۇنداق  ئايرىما ئالدىن بېكىتىلىپ بېرىلمىگەن بولسا، ئاھالىلارنىڭ تەركىبى مۇنداق ئايرىلمىغان بولار ئىدى. بۇ بەلكى تىل شىۋە ئالاھىدىلىكى  ۋە رايونلىرى بويىچە بېكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە،  تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن  ئولتۇراق ھاياتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى، يەنى قەبىلە-ئۇرۇغ چۈشەنچىلىرىدىن  خالى ئاھالىلار ئۆزلىرىنى چار رۇسىيىنىڭ نوپۇس تىزىملىكىدىكى  " سارت"  دېگەن  كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن، قەبىلە -ئۇرۇغ چۈشەنچىلىرى تېخى مەۋجۇت بولغان  بىر قىسىم ئاھالىلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېكلەر دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا سارت كاتېگورىيىسىگە شەھەرلەردە ۋە يېزىلاردا ياشايدىغان  زور ساندىكى ئەسلى  قەشقەرىيىدىن كېلىپ ماكانلىشىپ  ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ كەتكەن  قەشقەرلىك-ئۇيغۇرلارمۇ  كىرگۈزۈلگەن بولۇشى ئېتھىماللىقا يېقىن. چۈنكى، چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدىكى ئەشۇ  پەرغانە ۋادىسىدىكى 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىكنىڭ ئارىلىقتا  40 يىل ئۆتمەي تۇرۇپلا بىراقلا غايىپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار كۆپىيىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئازلاپ  پەرغانە ۋادىسىدا قانداقسىگە 14 مىڭ بولۇپ قالدى؟  ئېنىقكى ئۇلارنىڭ زور  كۆپچىلىكى  شۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە  ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك دەپ ئاتاشتىن ۋاز كېچىپ، سارت دەپ ئاتاپ تىزىمغا  ئالدۇرغان.   ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزبېك  دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى  ئانچە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ-، بىرىنچىدىن ئۆزبېك ئاتالغۇسى بىۋاسىتە  شەيبانىخان دەۋرى ھەم   ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك  كۆچمەنلىك ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك  قەبىلىنىڭ  نامى بولغاچقا بۇنىڭ قەشقەرىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئىككىنچىدىن  قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر قانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سارت ئاتالغۇسى يېڭى ئاتالغۇ ئەمەس، چۈنكى، ئۇلار قوشنا قىرغىزلار تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق ئاتىلىدىغانلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان بىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پەرغانە ۋادىسى چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى  تەركىبىگە كىرگەندىن كېيىن پەرغانىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا قېرىنداش شەھەر ۋە ئولتۇراق ھاياتتىكى قېرىنداشلىرى، يەنى "ئەنجانلىقلار"   بىلەن ئوخشاش ھالدا "سارت" دەپ ئاتىلىشىدىن خەۋەردار ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىكلەشكەن مەزكۇر قەشقەرىيە مۇھاجىرلىرى  ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاللىقاچان  تىل جەھەتتىن يەرلىك ئەنجانلىقلار ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بولغان بولۇپ،  زاتەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىل ۋە باشقا ئورتاقلىقلارمۇ كۆپ ئىدى.  بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارغا قارىتا قەشقەرىيە كۆچمەنلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سارت دەپ ئاتىدى خالاس.   رۇسىيە ئىستاتېستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ ۋاقىتتا پەرغانە ئوبلاستىدىكى سارتلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى  788989 بولۇپ، پۈتۈن تۈركىستاندىكى  سارتلارنىڭ 80%دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان.  پەرغانە ئوبلاستىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 153780 نەپەر بولغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،  پەرغانە ۋادىسىدىكى سارتلارنىڭ مۇنداق كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئامىل قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ بولغان  ئاھالىلارنىڭ ،يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى سارت دەپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشىدۇر.  ئەمدى ،  نوپۇس ئىستاتېستىكىسىدىكى  " قەشقەرلىكلەر "  مەسىلىسىگە كەلسەك ، بۇلار بەلكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىقىپ يەرلىكلىشىش تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، بولۇپمۇ 1878-يىلىدىن كېيىن كۆچۈپ چىققان  ۋە  1890-يىللاردا قەشقەرىيىدىن پەرغانە ۋادىرىلىرىغا ئىشلەشكە ، سودىگەرچىلىككە چىقىپ يېڭىدىن يەرلىكلىشىپ قالغان ئاھالىلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز تىل شىۋىلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە ۋەتىنى بىلەن بولغان بىۋاسىتە باغلىنىشلىرىنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. بۇ ئاھالىلار ئۆزلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن "قەشقەرلىك " دېگەن كاتىگورىيىدە  تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

   بەلكى،  1910-يىلى، چار رۇسىيە تۈركىستان ئۆلكە ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىمىدىن ئورۇن ئالغان ئوش شەھىرىدىكى   500 نەپەر قەشقەرلىكمۇ پەقەت يېڭىدىن قەشقەر تەۋەسىدىن كېلىپ يەرلەشكەن ھەم رۇسىيە پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغانلار  بولۇپ، ئۇلار تىل ئالاھىدىلىكى ۋە بەزى  تەرەپلەردىن يەرلىكلەشكەن ئۆز قېرىنداشلىرىدىن پەرقلىق ھالەتنى ساقلاپ قالغان بولۇشى ئېھتىماللىقا يېقىن.

مەلۇمكى،  چوقان ۋەلىخانوف  19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىلا    پەرغانە ۋادىسىدا قەشقەرىيىدىن چىققان 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك  مۇھاجىر نوپۇس ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇ ، 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىكنىڭ  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەندىجان ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەھرىخان ۋە قارا سۇ قاتارلىق جايلاردا ياشىغالىقىنى، ئۇلارنىڭ يەرلىكلەر تەرىپىدىن  <<تاغلىقلار>> دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى  قەيت قىلىدۇ[58].چوقان ۋەلىخانوف يەنە شەھرىخان بىلەن قاراسۇ ئارىسىدىكى جايلارغا 9 مىڭ دولانلىقنىڭ  ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ، يەنە  تاشكەنتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا  يېڭى شەھەر مەھەللىسى نامىدا بىر مەھەللە بارلىقى، بۇ يەردە قەشقەر مۇھاجىرلىرى ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.[59]

چوقان ۋەلىخانوفنىڭ خاتىرىسىدە  ۋەلىخان تۆرىنىڭ  1857-يىلى، ئاقسۇدىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن ئادەملىرىدىن توختى مانجۇ ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر قانچە مىڭ دولانلىقنى باشلاپ، قوقەنتكە كۆچۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. بەلكى، ئۇ ئېيتقان 9 مىڭ دولانلىق ئەشۇ قېتىملىق كۆچۈشتە كەلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن.  دولانلىقلار، ئاساسلىقى قەشقەرنىڭ مارالبېشى، مەكىت، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىلىرى تەۋەسىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار تىل شىۋىسى جەھەتلەردىن باشقا رايوندىكى ئاھالىلاردىن ئازراق پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زور ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات جەريانى  ئۆزگىچە مۇساپىلارنى بەسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ،  ئەمما  ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت ، مۇزىكا ۋە باشقا تەرەپلىرىدە يەنىلا ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە ئىدى.  لېكىن، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گەۋدىسىدىن ئايرىم بولغىدەك زور پەرقلەرگە ئىگە ئەمەس ئىدى.  دولانلىقلار گۇرۇپپىسى  1897-يىلىدىكى چار رۇسىيىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئايرىم گۇرۇپپا سۈپىتىدە كۆرسىتىلمىگەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ  ياكى قەشقەرلىك ۋە ياكى سارت ياكى ئۆزبەك كاتېگورىيىسىگە  كىرىشىدىن باشقا ئامال يوق ئىدى.  تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار باشقا ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش  ئاللىقاچان ئۆز كىملىكىنى يوقاتقان ۋە ياكى ئاجىزلىشىپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا   سارتلار تەركىبىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدە شەك يوق.

چوقان ۋەلىخانوفنىڭ  بايانىدا  <<شەھرىخان ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قەشقەرلىكلەر>> دەپ ئەسكەرتىدۇ.[60] باشقا ماتېرىياللاردا يەنە 1840-يىللاردا شارىخان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى  ئاھالىلەرنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك قەشقەرلىكلەر ئىكەنلىكى، پەقەت بىر جايدىلا 20 مىڭ ئۆيلۈك قەشقەرلىك ياشايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن[61].

ئۆزبېك ئالىمى ، ئاكادېمىك ھەيدەربەك  بابابېكوۋنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يەنە شۇ دەۋرنىڭ ئۆلۈمالىرىدىن  بىرى موللا مۇسۇلمان 1868-يىلى، ئەندىجان ئەتراپىدا 70 مىڭغا يېقىن قەشقەرلىك ياشىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرغان[62].



2)      سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى  ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى

  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 19-ئەسىردىكى پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل مەنبەلەر بويىچە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ، بۇ خىل تەتقىقاتلار 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ تىلى، ئىجتمائىي -ئىقتىسادىي ۋە مىللەتشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئەۋجى ئالغان ۋاقىتلاردا  كۆپرەك مەيدانغا چىقتى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، بولۇپمۇ 1960-1970-يىللىرىدىكى سوۋېت-چىن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى  ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ،  ئۇيغۇر تارىخى، تىلى -ئەدەبىياتى،  ئېتنوگرافىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىشكە  ئومۇمىي جۇڭگو تەتقىقاتىنىڭ ۋە تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ   مۇھىم قىسىمى سۇپىتىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ،  بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا كۆپلىگەن نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى.   بۇ جەرياندا  ئۇيغۇرلارنىڭ  تىلى-دىئالېكىتلىرى تەتقىقاتىغىمۇ  ئەھمىيەت بېرىلگەن  بولۇپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈلدى.  بۇنىڭغا باغلىق ھالدا  پەرغانە ۋادىسىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ   كېلىپ چىقىشى ھەمدە ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىي جەريانى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە پەرغانە ۋادىسىدىكى مۇھىم  ئېتنىك ۋە ئىجتىمائىي تەركىپ بولغانلىقى، بىراق  ئۇلارنىڭ قەدەممۇ- قەدەم ئۆزبېكلىشىپ كەتكەنلىكى  ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئالىملارنىڭ  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى نوپۇسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈچۈن چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ۋە  كېيىنكى ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى رۇس ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئاساس بولدى.

   س. س. گۇبايېۋا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىدا 300مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى[63].

  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئالىمى، ئاكادېمىك غوجاخمەت سادۋاقاسوف، پەرغانە ۋادىسىدا چوقان ۋەلىخانوف قەيت قىلغان 9 مىڭ نوپۇس دولانلىقلارنى قوشۇپ، 324 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى[64].

ئى.ۋ. زاخوروۋانىڭ قارىشىچە، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قوقەنت خانلىقى تەۋەسىدە 200-250 مىڭ ئەتراپىدا  ئۇيغۇر ياشىدى[65].

قازاق ئالىمى ، ئاكادېمىك ئابدۇۋالى قايداروف  بولسا، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا  قەشقەرىيىدىن  كۆچۈپ چىققانلار 250 مىڭ  ئىدى [66]دەپ يازىدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن ،ئۇيغۇر تارىخچىسى گېگېل ئىسخاكوۋ، رۇس ئالىمى ئا.م. رېشېتوۋ ۋە ئا. ن. سېدلوۋسكايا  18-19-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىياغا قەشقەرىيىدىن 85مىڭدىن 160 مىڭغىچە ئادەم كۆچۈپ چىققان دەپ قارايدۇ[67].  بىراق، يەنە بىر سوۋېت ئالىمى  گ .ب. نىكولسكايا بولسا، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن قەشقەرلىكلەر 85مىڭدىن 165مىڭغىچە دەپ كۆرسىتىدۇ[68].

سابىق رۇس ۋە سوۋەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، 18-19-ئەسىرلەردىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش ھەرىكەتلىرىدە ئۇلار پەقەتلا پەرغانە ۋادىسىغىلا  تارقالغان بولماستىن بەلكى،  داۋاملىق تۈردە كۆچۈپ، تاشكەنت، كانىبادام، خوجەنت، سمەرقەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، بۇخارا، قاراتېگىن، ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى خورەزىم ۋە شەرقىي بۇخارا قاتارلىق جايلارغىچە تارقالغان[69].  1897-يىلىدىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس تەكشۈرىشىدە  سەمەرقەند ئوباسلىتىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكىدىن كۆپ كۆرسىتىلىشى ، گەرچە ئەمەلىي سانغا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ،  ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ   19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا  پەرغانە ۋادىسىدىن ئۆتۈپ، سەمەرقەند ۋە باشقا جايلارغىمۇ كۆپ تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلارنىڭ بىرىدۇر.

    19-ئەسىرنىڭ  ئىككىنچى يېرىمىدا  پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە   ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ  رايوننىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. بۇ كۆچمەن ئاھالىلار قەشقەرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەرىيىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەزى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلارغا ئېلىپ بارغان ھەتتا ئۇلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى پەرغانىلىقلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. قەشقەرىيىلىكلەر ئارىسىدا قوقەنت  خانلىقىدا يۇقىرى مەرتىۋە بىلەن خىزمەت قىلغان مەمۇرىي ۋە ھەربىي شەخسلەرمۇ بولغان. قوقان خانى ئومەرخانىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بىرى  قەشقەرىيە مۇھاجىرلىرىدىن   يۈسۈپ تاغلىق، يەنى يۈسۈپ مىڭ باشى كاشغارى ئىدى.  يۈسۈپ تاغلىقنىڭ قىزىغا كېيىن قوقان خانى مەدەلىخان ئۆيلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە  مەدەلىخاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن خۇدايارخاننىڭ  ئاياللىرىدىن بىرى قەشقەرلىك ئىدى.   خۇدايارخان دەۋرىدە قوقان ئوردىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەربىي خادىملارمۇ كوپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىرى بېرى يۇنۇس تاغلىق دەگەن كىشى ئىدى.خۇدايارخاننىڭ ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئەيسا ئەۋلىيا ئىسىملىك كىشى  بار ئىدى.

رۇسىيە  ئالىمى سېرگېي ئاباشىنننىڭ ھېساۋاتىچە، پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئاھالىسى 1870-يىللاردا كۆپ بولغاندا  بىر مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، 1897-يىلىغا كەلگەندە، پەرغانە  ئوبلاستىدا  بىر يېرىم مىليون ئاھالە ياشىغان. ئەگەردە  قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان مۇھاجىرلار سانى ھەققىدىكى ئەڭ ئاز بولغان 85 مىڭ دەگەن مەلۇماتنى ھېسابلىغاندىمۇ، 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا  قەشقەرلىكلەر  پۈتۈن پەرغانىنىڭ ئولتۇراق ھاياتتىكى ئاھالىسىنىڭ 11-14%نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەردە 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 300 مىڭ ئۇيغۇر بار ئىدى دەگەن مەلۇمات بويىچە ھېسابلىغاندا، 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى زور بولۇپ، پۈتۈن پەرغانە ئاھالىسىنىڭ 40%-50%نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەردە پەرغانە ئاھالىسى رۇسلارنىڭ پەرغانىنى بېسىۋالغان پەيتلىرىدە 700-800 مىڭ ئەتراپىدا دەپ قارالسا، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى چىقىدۇ.

بىراق، قەشقەرىيىلىك مۇھاجىرلار  18-ئەسىردىن 19-ئەسىرغىچە بولغان بىر ئەسىر جەريانىدا ئىلگىرى كەلگەنلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە يەرلىك ئاھالىلار بىلەن ئارىلىشىپ سىڭىشىپ كېتىش ھەمدە ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك دېمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، پەقەت 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن باشلاپ كۆچۈپ چىققان ئاھالىلارلا ئۆز كىملىكىنى ساقلىغان. بەلكى چوقان ۋەلىخانوف ئېيتقان 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك ئەنە شۇ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كەچكەنلەر بولسا كېرەك.

   ئەمما، پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەلگەن قەشقەرىيىلىكلەر پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا رايونلارغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇلار بىر رايوندا مۇتلەق نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەشكە  مۇۋەپپەق بولالمىغان. ئۇلار بەرىبىر مۇھاجىر تەرىقىسىدە كۆرۈلگەن. بۇنداق بىر  ياكى بىر قانچە رايوندا توپلىشىپ ئولتۇرۇپ، شۇ رايوننىڭ نوپۇسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمىگەنلىكى، يەنى تارقالىشىپ كېتىشى بەرىبىر ئۇلارنىڭ قەدەم-قەدەم يەرلىك ، ئۆزلىرى بىلەن تىلى، ئۆرپ -ئادەتلىرى ئاساسەن بىر خىل بولغان شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرى بولغان-ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىش جەريانىنى باشتىن كەچۇردى. مەسىلەن، رۇسىيە تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنىڭ   پەرغانە ئوبلاستى  مەرغىلان ناھىيىسىنىڭ  1890-يىلى، تۈزگەن ئېتنوگرافىيىلىك تەركىبىگە ئائىت مەنبەدە  قەشقەرلىكلەرنىڭ پۈتۈن مەرغىلاندىكى 251 قىشلاقنىڭ 111غا تارقىلىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن[70].

لېكىن، چار رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ  20-ئەسىرنىڭ بەشىدا ئېلان قىلغان نوپۇس مەلۇماتلىرىدا  قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن  بولۇپ، چار رۇسىيە ھۆججەتلىرىدە تۈركىستان ئۆلكىسىدە  1904-يىلى، 47388،  1906-يىلى، 50238،  1917-يىلى،  پۈتۈن تۈركىستاندا  39528 نەپەر قەشقەرلىك بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. چار رۇسىيىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسى ئەلۋەتتە، بۇ دەۋردە قەشقەرلىك بىلەن تارانچىنى ئايرىم خەلق تەرىقىسىدە كۆرگەن بولۇپ، چار رۇسىيە دائىرىلىرى 1917-يىلى يەتتەسۇدىكى تارانچىلارنىڭ سانىنى 60،988 ئادەم دەپ ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى نوپۇسنى قوشقاندا، 1917-يىلى چار رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى  100516 ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.

بىراق،  بۇ سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ بەشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قەدەم كۆپىيىشى كەلپ چىققان ئىدى. مەسىلەن،  رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 1911-1913-يىللىرى ئارىسىدا ھەر يىلى 20مىڭدىن 25 مىڭغىچە بولغان قەشقەرلىك پەرغانە ۋادىسىغا پەسىللىك ئىشلەشكە كەلدى. پەقەت 1914-يىلى، بىر يىلدىلا 40 مىڭ ئادەم ئىشلەمچىلىككە كەلگەن. ئەمەلىيەتتە  قەشقەرىلىكلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە بېرىش، بەلكى تۇغقان يوقلاش، ئىشلەش، تىجارەت ۋە باشقا خىلدىكى سەپەرلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ،  1896-يىلىلا رۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى  68 مىڭ 760 ئادەمنىڭ رۇسىيىگە بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن[71]. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ رەسمىيىتى بەجىرىلگەنلىكى ھەققىدە قولۇمىزدا ماتېرىيال يوق.  بىراق، ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە،  يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ بەلكى ھېچقانداق رەسمىيەتسىز ھالدا چېگىرىدىن ئۆتۈپ، رۇسىيە تەۋەسىگە كىرىپ تىرىكچىلىك قىلغان. بەلكى رەسمىيەت بەجىرىش ئىشلىرى  ۋە چېگرىلارنى قاتتىق  كونترول قىلىش 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا  كۈچەيتىلگەن بولۇشى  مۇمكىن.

1911-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىغا ئائىت مەلۇم سانلىق مەلۇماتنى ھېسابلىغاندا،  تەخمىنەن 110 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر پەرغانە ۋادىسىغا ئىشلەشكە كەلگەن بولىدۇ.  ئەلۋەتتە،  ئۇنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن توختىماي كەلگەنلەرنىڭ سانى نامەلۇم.  مانا شۇلارنىڭ مەلۇم قىسىمى داۋاملىق تۈردە پەرغانە ۋادىسىدا تۈرلۈك شەكىللەر ۋە ئۇسۇللار ھەم مەقسەتلەر بىلەن يەرلىشىپ قېلىشىدا  شەك يوق.

تۈركىستان ئۆلكىسىدىكى  ئۇيغۇرلار يەنى قەشقەرلىك ۋە تارانچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار مەۋجۇت. مەسىلەن، رۇسىيە تارىخچىسى ۋلادىمىر  داسىشە  20-ئەسىرنىڭ بېشىدا تۈركىستاندا 194 مىڭدىن 215 مىڭغا  شىنجاڭدىن چىققانلار ياشىغان[72] دەپ قارايدۇ.
ئى.س. سولوگۇبوۋنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1915-يىلى، پۈتۈن رۇسىيە  تۈركىستانىدا  279 مىڭ  شىنجاڭدىن چىققان نوپۇس مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان[73].  بۇ ئىككى ئاپتورنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ چار پادىشاھ  ھۆكۈمىتىنىڭ  مەنبەلىرىدىن كەلگەن بولۇشى ئېھتىماللىققا ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا پەرق مەۋجۇت. بۇ بەلكى يېڭىدىن كېلىپ-تۇرغان نوپۇسلار بىلەن  مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.



3)    ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى مەلۇماتلىرى

پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  تۈركىستاندا ( تۇركېستانسكىي كرايد-رۇسچە) 1918-يىلى، كوممۇنىسلار  تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ،  تۈركىستان  سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى( 1918-1924)  قۇرۇپ،  سوۋېت بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن دىن كېيىن، بولۇپمۇ 1924-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېتنىك چېگرىلار ئايرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىتتىپاقداش ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسى ھەر خىل تۈردە ئېلان قىلىندى.  ھۆكۈمەت مەلۇماتى  بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتتى. ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى  بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ئاھالىسى، يەنى پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار  بىلەن يەتتەسۇ رايونىدا ياشىغۇچى ئىلى ئۇيغۇرلىرى ( تارانچىلار)نىڭ ئومۇمىي سانىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك سانلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.  ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلىرى  1921-يىلى، ئىيۇن ئېيىدا تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ بەلكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ سانىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ،  مەلۇم دەرىجىدە تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.  ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۆزلىرى توپلىغان بۇ مەلۇماتلار ئاساسىدا   تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە  بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى قاتارلىق رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، تارقىلىشى، سىياسىي-ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ئەھۋاللىرى  ھەققىدە مەلۇماتلار يوللىغان ئىدى.  ئۇيغۇر رەھبەرلىرى  ئۆزلىرىنىڭ  يۇقىرىغا يوللىغان دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان ئۇيغۇر دۆلەت ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى ئابدۇللا روزىباقىيېف[74] 1923-يىلى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيروسىغا  ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە  يوللىغان دوكلاتىدا، پۈتۈن تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يەتتەسۇ رايونىدا 265مىڭ، سىر دەريا رايونىدا 30 مىڭ، پەرغانە ئوبلاستىدا 300 مىڭ، تۈركمەنىستاندا 2500، سەمەرقەنتتە 2500  بولۇپ، جەمىئىي 600 مىڭ ئۇيگۇر بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ[75].

  1924-يىلىدا،  قەشقەرىيىلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت  ۋە سىياسىي ئەربابلاردىن بىرى قادىر ھاجى تۈركىستاندا  435مىڭ ئالتىشەھەرلىك بار دەپ يازغان.  

تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى  بۇرھان قاسىموف، 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەممە ئۇيغۇرلارنى قوشساق بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، دەپ يازغان.[76]

شۇ يىلى ،يەنە تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى  ئوتتۇرا ئاسىيادا 600 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەلۇماتىدا  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۆزبېكىستاندا 300 مىڭ، قىرغىزىستاندا 70مىڭ، قازاقىستاندا 115 مىڭ، تاجىكىستاندا 15مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا پەقەت ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدە بولۇپ، تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان  بىلەن قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى رۇسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدە بولۇپ، ئۇلار تېخى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىنىڭ سىياسىي خەرىتىسى دەسلەپكى قەدەمدە سىزىلغان ئىدى.

  ئابدۇللا روزىباقىيېۋ،  ئارىلىقتىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، يەنى 1925-يىلى، ئۆزىنىڭ << كەمبەغەللەر ئاۋازى>> گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنى 500 مىڭدىن 700 مىڭغىچە دەپ ھېسابلايدۇ[77].  ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ  يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق توپلىغانلىقى ۋە قايسى مەنبەلەردىن ئىگىلىگەنلىكى نامەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە كېيىنكى قازاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ئاتقۇرغان يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇشى ۋە 1924-يىلىدىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك ۋە تېررىتورىيە چېگرىلىرىنى ئايرىش بويىچە ھۆكۈمەت كومىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇشتەك بىر قاتار يۇقىرى سالاھىيىتىگە  قارىغاندا، ئۇنىڭ  كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىغا بىر قەدەر ئۇيغۇن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئورگانلىرىنىڭ قولىدىكى سانلىق ئۇچۇرلار ۋە تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ھەم ئېتنىك سىياسىي پىلانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى مۇمكىن ئىدى.  

لېكىن، ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ،   9 ئاي كېين  نېمە سەۋەبتىندۇر،  بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىپ  << پۈتۈن شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300 مىڭ >>دەپ كۆرسىتىدۇ[78].  ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ئۆزىنىڭ مەزكۇر يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى  ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئەۋجى ئالغان، <<تارانچى ۋە قەشقەرلىك ئايرىم مىللەت>> دېگەن تالاش-تارتىش مەزگىلىدە يازغان ماقالىسىدە كۆرسەتكەن بولۇپ،  قەشقەرلىك ۋە تارانچى ئايرىم ئىككى خەلق ۋە ئىككى مىللەت ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىككى جۇغراپىيىلىك رايون تارمىقىدىكى ئاھالىلار ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانا ۋەتىنى قەشقەرىيى / ئۇيغۇرىستان دېگەن ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان روزىباقىيېۋ مەزكۇر ماقالىسىنى يېزىش ئارقىلىق تارانچىلار بىلەن قەشقەرلىكلەرنى ئايرىم ئىككى مىللەت دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سابىرجان شاكىرجانوفنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇ، مۇنداق دەپ يازغان:

<< شورا ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى-ن .ت)دا بىر يۈز مىڭ  <تارانچى> بولسا، ئىككى يۈز مىڭ < قەشقەرلىق>  بارلىقىنى بىلمەمسىز؟ شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنى < قەشقەرلىك> ھەم < تارانچى>، يەرسىز، يەرلىك دەپ بۆلمەكچى بولسىڭىز، پەرغانىدىكى يۈز مىڭدىن ئوشۇق  يەرلىك < قەشقەرلىق>لەرگە  نېمە دەيسىز؟ دېمەك  شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئىككى خىل قىلىپ كۆرسەتمەك مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، شورا ئىتتىپاقىدىكى  ئۈچ يۈز مىڭ ( 300) ئۇيغۇرنىڭ ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇقى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل.>>[79]

سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى بۇرۇنقى يۇقىرى كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلىرى ئەنە شۇ 1926-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق كۆرسىتىلىشكە باشلىغان. بۇنىڭ سەۋەبى  ھەر خىل بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1926-يىلى، 17-دېكابىردىكى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش  بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، بىراق ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا 300 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتى  پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشى باشلىنىشتىن  تەخمىنەن 8 ئاي بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەمما ئۇ بۇ ۋاقىتتا موسكۋادىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر ۋە ئېتنىك چېگرىلارنى ئايرىش كوممىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى تېخى بېجىرىۋاتاتتى .  ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىشتىن 8 ئاي ئىلگىرىلا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 500 مىڭدىن 700 مىڭغىچە دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  1926-يىلىدىكى  تۇنجى قېتىم نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارانچى، قەشقەرلىك ۋە ئۇيغۇر دېگەن ئۈچ خىل ئايرىم مىللەت كاتېگورىيىسى  بىلەن تىزىملىتىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ،  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش تىزىملىكىدە ئۇيغۇرلار "قەشقەرلىك"، "تارانچى" ۋە "ئۇيغۇر " دېگەن ئۈچ ئايرىم مىللەت تەۋەلىكىدە  ئورۇن ئالغان.  بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 1926-يىلى، پۈتۈن سوۋەت ئىتتىپاقىدا  قەشقەرلىكلەر 13010 نەپەر، تارانچىلار 53010 نەپەر، ئۇيغۇرلار 42550 نەپەر بولغان[80].

ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1926-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدىن تاكى 1937-يىلىدىكى 2-قېتىملىق  نوپۇس تەكشۈرىشىگىچە بولغان  11 يىل جەريانىدا  سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا  بارغانسېرى ئازلاش كۆرۈلگەن.  1926-يىلىدىكى  بىرىنچى  قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە  ئۆزبېكىستاندا  40115 ئۇيغۇر بارلىقى  كۆرسىتىلگەن.  لېكىن، يەنە باشقا ماتېرىياللاردا 1926-يىلى، ئۆزبېكىستاندا 4421 قەشقەرلىك، 31مىڭ 941 ئۇيغۇر بارلىقى  قەيت قىلىنغان. 1937-يىلىدىكى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە  ئۆزبېكىستاندا  61 مىڭ 180 ئۇيگۇر بارلىقى يېزىلغان[81].

  قىرغىزىستاندا بولسا ، 1926-يىلى 7467 نەپەر قەشقەرلىك، 523 تارانچى،  73 ئۇيغۇر بولغان.  1937-يىلى 14 مىڭ 224 ئۇيگۇر بولغان. ئوخشاشلا قەشقەرلىك ۋە تارانچى نامى ئەمەلدىن قالغان.

قازاقىستاندا  1926-يىلى ،  1121 قەشقەرلىك،  51803   تارانچى ، 10 مىڭ 510 ئۇيغۇر بولغان[82]. 1937-يىلغا كەلگەندە 32 مىڭ  982 ئۇيغۇر قالغان.[83] بۇ جۇمھۇرىيەتتىمۇ ئوخشاشلا قەشقەرلىك ۋە تارانچى ئايرىمىسى بولماي ، ھەممىسى بىردەكلا ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان.

    1926-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك، تارانچى ياكى ئۇيغۇر دەپ ئاتاش ئەركىنلىكى بېرىلگەن  بولۇپ،  بۇ ئەينى ۋاقىتتا  پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇدىكى   ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە     ئورتاق ھالدا "ئۇيغۇر" نامىنى قوبۇل قىلىش تېخى تولۇق ئىشقا ئېشىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ    بىر قىسىم تارانچى ۋە قەشقەرلىك زىيالىيلار  ھەم جامائەت ئەربابلىرى ئارىسىدىكى تارانچى ئايرىم، قەشقەرلىك ئايرىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەمەس دېگەن تالاش-تارتىش ۋە تەشۋىقات بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.  ئەمما،  1937-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە قەشقەرلىك ۋە تارانچى ناملىرى  پۈتۈنلەي يوقىلىپ،  پەقەت  ئۇيغۇر نامىلا  پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ۋە بىرلىككە كەلگەن نامى سۈپىتىدە بېكىتىلدى.   دېمەك،  بۇ ۋاقىتتا قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئايرىمىچىلىق  قىلمىشلىرى  سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەتئىي يول قويۇلمىغان ئىدى.  

    ئومۇمەن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ  قەلىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1926-يىلىدىن كېيىن بىراقلا ئاز كۆرسىتىلىشكە باشلىغاننىڭ سىرتىدا يەنە ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ھەر خىل بولدى.  ھەتتا  ئابدۇللا  روزىباقىيېۋنىڭ قەلىمى ئاستىدا  ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى سانى 1923-يىلى 300 مىڭ دېيىلگەن بولۇشىغا قارىماي،  يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى   ك . غەيبۇللا  ئوغلى 1928-يىلى  ئۆزبېكىستاندا 50 مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ يازدى[84].  تۇنجى ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىدىن  بىرى  بۇرھان قاسىموف بولسا ئۆزىنىڭ  1924-يىلى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغىنىغا قارىماي، 1925-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە،  1923-يىلى، يەتتەسۇدىكى  بارلىق  تارانچىلارنىڭ  46100 نەپەر  ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ  ئىچىدە ئەرلەرنىڭ 24064 نەپەر، ئاياللارنىڭ  22036 نەپەرلىكىنى  قەيت قىلغان[85].  ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ 1937-يىلى يازغان  ماقالىسىدە  سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 300 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
      قىسقىسى،   ھۆكۈمەت ئىستاتېستىكىسى  بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى  دائىم زىت بولغان.  ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا  دائىم ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى  بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پەرەزلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىش كۆرۈلگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى  كۆپ كۆرسىتىشىگە ئەلۋەتتە  بۇ رايوننىڭ ئىككى ئەسىرلىك تارىخى مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردا ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ ئورۇنلاشقانلىقى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك.

    قىسقىسى، تارىخى مەنبەلەر ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ  تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرى  ھەم  تارىخىي رېئاللىق  19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ   20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا  پەرغانە ۋادىسىنىڭ  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى  ئەڭ  كۆپ جايلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى ،  بۇ رايوندا كۆپلىگەن قەشقەرلىكلەر مەھەللىلىرى ۋە يېزىلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى .


(داۋامى بار)





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 02:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا كەم ئۇچرايدىغان سان سىفىرلار كۆپكەن.مۇشۇنداق ھەقىقى تارىخ بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭزغا رەخمەت.1996-يىلى ئىز روماننى ئوقۇشتىن بۇرۇن(ئەلۋەتتە ئۇندىن كيىن نۇرغۇن تارىخى رومانلارنى ئوقۇپ تۈگەتىتىم.)بىز ئۇيغۇرلار تارىخىتىن بۇيان مۇشۇنداق تىپ تىنىچ ياشاپ كەلگەن مىللەت ئوخشايمىز دەپ ئويلايتتىم.مۇشۇنداق جەڭگىۋارلىق تارىخىنى كۆپ كۆرسەك مىللىتىمىزنىڭ كىينكى تەرەققىياتىغا پايدىسى زور دەپ ئويلايمەن. تىما ئىگىسنىڭ قەلىمىگە رەخمەت.بۇ تىمىنى بەك ياقتۇردۇم.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 02:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن شىنجاڭدىن كۆچكەن ئۇيغۇر قەۋىمى بىلەن ئۆزبىكىستان 2008 يىلى ئەنجان ۋەقەسى تۈپەىيلى ئۆزبىكىستاندىن قاچقانلارمۇ تارىختىن يۇقالمايدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80226
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 03:33:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي . بۇنداق نادىر تېمىنى ئۆچۈرىۋەتمەس -ھە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78343
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 03:57:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېيما ئىگىسى گە كۆپ رەخمەت

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52418
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3190
تۆھپە نۇمۇرى: 135
توردا: 2970 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 04:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت    ھەھ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 05:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخقا توغرا باھا بىرەيلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش