!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 11:38 AM
ماس كىلىدىغان سەھىپىنى تاللىمىغان بولسىڭىز ، مەنبەسى ...
2010يىلى مەلۇم ئاينىڭ ،مەلۇم كۈنى قەشقەر شەھەر8-يول كوچا ئاپتۇۋۇزىدا ،بىر<<تېل>>تىپىۋىلىنغان. بۇ تېلنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر تېلې بولۇپ، تالاي جاپالارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە يارىلانغان. ئۇنىڭ دىيىشچە، ئۇنىڭ ئىگىللىرى ئۆز تىلىدا پاراڭلىشىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان، شۇ سەۋەپتىن<<قوشتىل>>ئىسىملىك بىر دوستى بىلەن تۇتۇشىپ قىلىپ مەغلۇپ بولغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسى ئىغىر زەخمىلەنگەن.ئۇ ھازىر8-يول ئاپتۇۋۇزىدىكى ئاقما خەتلىك بىكەت تونۇشتۇرۇش ئېلان
ئورنىدا ئوڭدىن سولغا ماڭىدىغان قائىدىسىنى بۇزۇپ، سولدىن ئوڭغا مىڭىشنى ئۈگۈنىۋالغان.شۇنداق قىلغاندا تىللار ئىتتىپاغلىقىنى
ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت ئوپلاست شەھەرلەردىكى جۈملىدىن قەشقەر شەھرىدىكى كۆپلىگەن شىركەت دۇكان سارايلارنىڭ ۋىۋىسكىللىرغا ئىملالىرى ئىغىر بۇزۇلغان ھالەتتە قاداپ
قويۇلغان ھەتتا بەزى يەرلەردە تۇرۇش ھوقوقى ئىلىۋىتىلگەن.ئۇنىڭ دىيىشچە ئىگىللىرى ئۇنى تاشلىۋەتكەنمىش.شۇنداختىمۇ ئىگىللىرگە بولغان ئىشەنچىسنى بوشاتماي مىنى تونۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ، ئاشۇ كوچا ئاپتۇۋۇزىدا سولدىن ئوڭغا خەت چىقىرىپ يۈرۈپتۇ.شۇڭا<<تېل>>يۈتتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ قەشقەر شەھرىدىكى8-يول ئاپتۇۋۇز بىلەن ئالاقىلىشىشنى سورايمىز.