kugul يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 12:31 AM
ياق رەنجىمەيمەن بىلىۋالسام خۇش بۇلىمەن. تۈگمەن دەپ ب ...
ۋاي تولا ئىچىمنى سىقماي ماڭا ئادرىسىڭىزنى تېز پوچتىنىڭ ھەققىنى بەرسىڭىز ، كېپەكنى ھەقسىز سەپ بېرەي ! ياكى مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىڭ ، بۇغداينىڭ كېپەك بولۇش جەريانىغىچە كۆرسىتىپ قۇيۇشقا ھۆددە قىلاي ، نىمدا سۈنئى باللار جىقلاپ كەتتى دەيمەندە !
تۈگمەننى بىلمىسىڭىز يارغۇنچاقتا يېرىپ بېرىمەن ؛ يارغۇنچاق دېگىنىمىز ئىككى پارچە يۇمۇلاق ( دىئامىتىرى 50 سانتا ئەتراپىدا ) تاش ، قېلىنلىقى سىزنىڭ چارىكىڭىزدە بىر چارەك ، ئۈستىدىكى تاشىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر تۆشۈكى بار ( ئۇ يەردىن بۇغدايى قۇيىسىز ) يېنىدا بىر تۆشۈكى بار ( ئۇ يەرگە ساپتىن بىرى تىقىپ تاشنى ئايلاندۇرىسىز ، ئاندى ئىككى تاشنىڭ ئارلىقىدىن بۇغدايلار يەنجىلىپ گىرۋەكلىرىدىن تۇنجى قېتىمدا يارما بولۇپ چىقىدۇ ؛ ( بۇغداينىڭ 5 - 6 گە پارچىلىنىپ ئۇششاقلىنىپ چىقىشى يارما بولىدۇ جۇما خان ، باشقا نەرسىمىكىن دەپ قالماڭ ، خىمىيلىك ئەمەس ، فىزىكىلىق ئۆزگىرىش جۇما يانا )يارمىنى يارغۇنچاقنىڭ تۆشۈكىدىن يانا سېلىپ داۋاملىق چۆرگىلەتسىڭىز تېخىمۇ ئۇششاقراق ( يەنى بۆشۈك تويلاردا تالقا قىلىدىغان يارمىغا ئايلىنىدۇ ) ئېلىپ تۆشۈككە سېلىپ چۆرگىلىتىۋېرىمىز توختاپ قالماي ، تاكى ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكۈچە !
زادى ئۇنغا ئايلىنالماي قالغان قىسىمى كېپەك بولىدۇ ، ئۇنى سامانغا ( سامان دېگەن بۇغداينىڭ پايىسى جۇما خان ، يەنجىسىڭىز سامان بولىدۇ ) ئارىلاشتۇرۇپ قوي - كالا باقىسىز ، چۈجە باقىسىز ، بىلدىڭىزما ؟