ئۆزىگە ئىشىنىپ مۇنبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يېڭى باشقۇرغۇچىلار قۇشۇنى قىزغىن تەبىركلەيمەن
بولسا مۇنبەردىكى كونا پىشەقەدەم تەجىربىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى باشقۇرغۇچىلارنى يىتەكلەپ مۇنتىزىم بولغان مىسرانىم باشقۇرغۇچىلار توپىنى شەكىلەندۈرۈپ ، تورداشلار ئۈچۈن ئادىل ھەم پاكىز بولغان تور مۇھىتىنى ھازىرلاپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
ئەزالاردىن كۈتىدىغىنىم ....
بولسا باشقۇرغۇچىلارغا ماسلىشىپ ئەزالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىدىغان بەزى ماڭقۇرۇتلارنى تازلاپ ، ئۆزىمىزگە ھەم ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان ئىش ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇنلانساق ، ئامال بار بىراۋنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ ئورۇنسىز جىدەلدىن نېرى تۇرساق چۈنكى ئۇيغۇرچە يېزىق بىلەن تۇنۇشۇپ ئانا تىل بىلەن مۇنازىرلىشىپ، مۇنبەردە پىكىرلىشىۋاتقان ، سىردىشىۋاتقان ھەمىمىز ، قېرىنداش ، يىلتىزداش ، مەنزىلداش ....
باشقۇرغۇچى بولماقنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى بار ، بۇنى مۇشۇنداق ئەزاسى كۆپ ، تېما يېڭىلىنىشى تېز بولغان بىر قەدەر چوڭ تور بەتلەرگە باشقۇرغۇچى بولۇپ باقانلار بىلىدۇ ،
چۈنكى شۇ باشقۇرغۇچى بولغان ئەزانىڭمۇ شەخسى ئىشلىرى بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن ئېشىنسا ئاندىن مۇنبەردىكى خىزمىتىنى قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇلاردىن ئالدىراپ رەنجىمەيلى چۈنكى ئۇلار ھەقسىز خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر.
ئەگەر تېمىڭىز تەستىقلانمىسا ئاۋال سەۋەپنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىڭ ، ئاشۇ تېمامنىڭ پايدىلىنىش قىمىتى بارمۇ يوق دىگەن سۇئالنى ئاۋال يەكۈنلەڭ ، بەك ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمىسە ئۇچۇر يوللاپ باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ مۇنبەردە ئالا تاغىل ئىنكاس يېزىپ جىدەلگە ئوت ياقماڭ !
بىر قېتىملىق تېمىڭىزنىڭ تەستىقلانماسلىقى بەلكىم كىيىنكى تېمىڭىزنىڭ يېڭىچە ئۇسلۇپتا باشقىلارغا ياقۇدەك يېزىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۈمكىن . چۈنكى مەغۇلۇبىيەت غەلبىگە يو0ل ئاچىدۇ ئەمەسمۇ ،
تورداشلاردىن كۈتىدىغىنىم ،
ھازىرقى بار بولغان تور مۇھىتىدىن توغرا پايدىلىنايلى ، مۇنبەرنى كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن قىلىۋالماي ، ئۆزىمىزگە پايدىلى بولغان ئىلىم پەن دۇنياسىدا پەرۋاز قىلايلى ،
تاڭنۇردىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 11:03 PM