بۈگۈنكى يېڭى خەۋەر: بۈگۈن چۈش 12يېرىمدىن 2يېرىمغىچە بولغان مۇسابىقىدە ئەزىمەتلىرىمىز زور شىجائەت بىلەن مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزلىرىنىڭ چېكىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شيامىن ئونۋېرستىتى كوماندىسى بىلەن تىركەشتى.
بىراق ئەھۋال يىگىت قىزلىرىمىزنى تەمتىرەتتى. چۈنكى قارشى تەرەپتە ئىككى نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر پۈتۈن مۇسابىقىنى كونتىرول قىلىۋالغىلى تۇراتتى. ئۇ ئىككىسىنىڭ توپ ئېتىش، ئۇرۇش ۋە يۈگۈرۈش سۈرئىتى ماھىرلىرىمىزنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. قارشى تەرەپنىڭ ھەممە نۇمۇرىنى شۇ ئىككەيلەن ئالغانىدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئاخىرقى يېرىم سائەتكە كىرگەندە، كوماندىمىز خىزمەتچىسى(新疆大学棒球部经理)دىلنىگار تېرىنىرغا ئەھۋال مەلۇم قىلدى. ھېلىقى ئىككى نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر مۇسابىقىگە تىزىملاتقان خاتىرىدىكى سۈرەتتىكى ئىككى ماھىرغا ئوخشىمايۋاتاتتى.
تېرىنىر لېتىپجان دەرھال زاپاس ئەزالارنى بۇيرۇپ قارشى تەرەپ ماھىرلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆرەتكە تارتىپ ئىسپات ئالدۇردى ۋە دەرھال مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتىتىغا مەلۇم قىلدى. گەرچە مەيداندىكى مۇسابىقە نەتىجىسى كوماندىمىزنىڭ ئۇتتۇرۇشى بىلەن ئاياقلاشقان بولسمۇ، بىراق تەشكىلىي كومىتىتنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئەھۋال ئايان بولدى. ھېلىقى ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر ئەسلىدە تەيۋەندىكى مەلۇم بىر كەسپىي كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بۇلۇپ، شيامىن ئونۋېرستىتى كوماندىسى ئەزاسى سىياقىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىكەن. ئۇلار ھازىرقى خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيىدە بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىگەن ئىدى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلىي كومىتىت ئاخىرىدا شيامىن ئونۋېرستىتى كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلدى، كوماندىمىزنىڭ نەتىجىسى ھېساب قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن ئەزىمەتلىرىمىز 0گە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم غەلبە قىلدى.
كوماندا ئەزالىرىنىڭ دىيىشىچە، ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە، ھەر قېتىملىق تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار ئۇتتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىدە 5كە قارشى 11 نەتىجە بىلەن جوڭشەن ئونۋېرستىتى كوماندىسىنى يەڭدى.
ئۆتكەن يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كوماندىمىزنى يېڭىپ چىمپىيون بولغان گۇيلىن كوماندىسى بۇ يىل ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەسكەن. خېبىي يېزا-ئېگىلىك ئونۋېرستىتى كوماندىسى، فۇدەن ئونۋېرستىتى كوماندىسى قاتارلىقلارنىڭ سەۋىيىسىدە زور ئىلگىرلەش بار بولسىمۇ، ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىممۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ يۇرتىمىزغا شەرەپ كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچى كامىل.
2012-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ خەۋىرى
بۇ ئىككى كۈندىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر