تاماكا چېكىش كۆزگە زىيانلىق
يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا، تاماكا چېكىشنىڭ كۆزگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەندە، تاماكىدىن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش، كۆرۈش سەزگۈسى تۇتۇقلىشىپ، رەڭلەرنى پەرق ئېتەلمەسلىك، كۆرۈش نېرۋىسى يىگىلەش ھەتتا ئەما بولۇپ قالىدىغانلىقى بايقالغان . بۇ خىل يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچىنىڭ دەل تاماكا تەركىبىدىكى سىيانىد ماددىسى ئىكەنلىكى دەلىللەندى .
بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇزۇن مەزگىل بولۇپمۇ ئارقا- ئارقىدىن ئۇلاپ تاماك چېكىشمۇ كۆرۈش سەزگۈسى بىلەن كۆزنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇنىڭغا تاماكا چېكىش جەريانىدا پەيدا بولغان كاربون چالا ئوكسىدلىق لازېر بىلەن نېكوتىن سەۋەپ بولىدىكەن. تاماكا چېكىش يەنە بەزى كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەتتا ئېغىرلاشتۇرۇپمۇ قويىدىكەن. ياشانغانلاردىكى تەخسىسىمان سېرىق داغنى پەيدا قىلغاندىن باشقا ئەما بولۇپ قېلىش خەتىرىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. تاماكا چېكىش كۆزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن بولۇپمۇ گلاۋكوما بىمارلىرى بىلەن كۆز بېسىمى يۇقىرىلارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدىكەن. تاماكا چېلىش يەنە كۆز ئالمىسىنىڭ جىم تۇرماسلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . شۇڭا ، تاماكا چەككۈچىلەر ئىمكان قەدەر بالدۇراق تاماكىنى تاشلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئاقسىل، ۋىتامىن B تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . (پولات ئامانيار تەرجىمىسى)
مەنبە : خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/156019/15203530.html