خاقانلار قەبرىستانلىقى ۋە خانىش ئاماننسىاخان قەبرىگاھىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، ئالتۇن مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇدۇق ۋە بىر قانچە پارچە خاتېرە سۈرەت تارتىۋالدىم . ئاندىن كىيىن مەسچىتىنىڭ ئالتۇن مازارلىق تەرەپتىكى ئارقا ئىشكىدىن چىقىپ 20 - 30 مېتىرلارچە ماڭغاندىن كىيىن ھەيۋەتلىك گۈللۈك كاھىشلار چاپلانغان گۈمبەز ئۇچرىدى .
بەيسى ھىكىم بەگ قەبرىسى
بۇ مازار شۇنداق ياسىداق تەمىر قىلىنغان ئىكەن ، ئاستى قىسىمى تۆت چاسا شەكىلدە قوپۇرلۇپ ، ئۈستى گۈمبەز بىلەن يىپىلغان ئىكەن ، تاملىرىغا ناھايىتى نەپىس گۈل نۇسقىلىرى سىزىلغان كۆك رەڭلىك كاھىشلار چاپلاغلىق ئىكەن . تۆت بۇلۇڭىغا بىرەر مېتىر ئىگىزلىكتە گۈمبەز شەكلى چىقىرىلغان ئىكەن ،يەر يۈزىدىن گۈمبەزگىچە بولغان ئارلىق پەمىمچە 13مېتىردىن 16 مېتىرغىچە كىلە دەپ ئويلىدىم . قۇرلۇشىنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىق مەدەنيەت سەنئىتىنى نامايەندە قىلىپ تۇردىكەن .