مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: LIDARUM

ئۇيغۇرچە ناخشا تېكىست توپلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15401
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 05:06:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم كىيىن كىرەك بولۇپ قالار دەپچۇ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 06:27:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abulikim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-20 04:12 PM
بۇرۇن مەنمۇ بۇ توغرىلۇق خېلى كۆپ ئويلانغان. مەسىلەن مۇ ...

ئىنكاسىڭىزدىن قارىسام سىز  كەسىپ ئەھلى ئوخشايسىز ھە؟
بۇ ئىشنى قىلىشقا مەبلەغ  يوق بولۇپ قالىدۇ ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 06:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەلەردىنمۇ تاپقانسىز؟ ئۆزىڭىز بېسىپ چىقىرىپ رەسىملەرگە تارتىپ يوللىمىغانسىز ھە؟؟ راستلا جاپا تارتىپسىز جۇمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 06:31:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئىچىدە مەن ياقتۇرىدىغان  ناخشىلار كۆپكەن  ، ساقلىۋالدىم  ، رەھمەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27966
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5314
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 06:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2012-7-20 06:27 PM
ئىنكاسىڭىزدىن قارىسام سىز  كەسىپ ئەھلى ئوخشايسىز ھە؟  ...

1. مەبلەب مەسىلىسى
2. ئادەم كۈچى مەسلىسى(ناخشا تېكستلىرىنى رەتلەپ چىقىش ۋە يېڭى ناخشىلارنىڭ تېكستلىرىنى بىللە قۇشۇپ ئېلىپ مېڭىش دىگەندەك ئىشلارغا ئادەم كۈچى خېلىلا كۆپ كىتىدۇ.)
3.بۇ تېكست ۋە باشقا نەرسىلەرنى قەيەرگە قانداق قۇيۇش.(ئەگەر باشقا توربەت ياكى مۇنبەرلەرگە قۇيۇش ئۈچۈن بىكەت باشلىقلىرىنىڭ مۇقۇللىغىنى ئېلىپ بوشلۇق ئاجرىتىپ بەرگەندىن كېيىن چىقىرىش)
4.تەشۋىقات (بۇنى ئاستا-ئاستا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تەشۋىقات ئىلىپ بارمىسىڭىز بولمايدۇ)
5. ئىشلىتىش(سىرتقا ئىچىۋىتىلگەندىن كېيىن كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقىتىدا ھەل قىلىشىڭىز كېرەك ۋە تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشىڭىز كېرەك)


شۇڭا بۇرۇن تۇتۇش قىلغان ئىشىم يېرىم يولدا توختاپ قالدى.لېكىن بۇ نىيىتىمدىن تېخى يانمىدىم. ئەگەر ئاللاھ نىسىپ قىلسا يەنە تىرىشىپ باقارمەن.

ئادەم بۇزۇلسا چۈشىمۇ بۇزۇلىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 06:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abulikim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-20 06:46 PM
1. مەبلەب مەسىلىسى
2. ئادەم كۈچى مەسلىسى(ناخشا تېكستلىر ...

كۆزۈم خىلى ئۆتكۈركەن جۇمۇ (كۆزەينەك تاقىغىنىم بىلەن)ھاھاھاھا،كەسىپ ئەھلى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالدىم دېسە.
خۇدايىم بۇيرىسا ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن! ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6107
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7354 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 08:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشلىق كىلىدۇ






ھەممە پۇقرا يۇيۇپ تارانسۇن باشلىق كىلىدۇ.  


ئۇزۇن كىيىپ ئۇز ياسانسۇن باشلىق كىلىدۇ.  


ھويلا- ئارام تازلانسۇن باشلىق كىلىدۇ.  


يول- يوللارغا سۇ سىپىلسۇن باشلىق كىلىدۇ.  


لۇزۇنكىلار چوڭ ئىچىلسۇن باشلىق كىلىدۇ.  



تام- تاملارغا شۇئار ئىسىپ يەملەپ قۇيۇڭلار،  


قائىدە ۋە تۈزۈملەرنى پەملەپ قۇيۇڭلار،  


سېلىقىلارنى سىياسەتكە چەملەپ قۇيۇڭلار،  


ناۋات سىلىپ چاينى تاتلىق دەملەپ قۇيۇڭلار.  


بۇغالتىرمۇ شاش كۆرۈنسۇن باشلىق كىلىدۇ.  



باشلىق كىلىپ ئايلىنىدۇ يىقىن- يىراقنى،  


ئىلۋىتىڭلار يول- يوللاردىن تاقىر  تۇساقنى،  


چىمى يولدا ساقچى تۇتسۇن كالتەك- چۇماقنى،  


جىمى ئاۋام چىقسۇن يولغا چالسۇن چاۋاكنى،  


مۇمايلارمۇ ئۇسما قويسۇن باشلىق كىلىدۇ.  



باشلىق كىلىپ كەتكۈچىلىك تەزمەي تۇرۇڭلار،  


پاختىلارنى كۆرىۋالسۇن  تەرمەي تۇرۇڭلار  


ئەتكەن پولا شورپىلارنى  يىمەي تۇرۇڭلار  


سەكراتقىمۇ چۈشكەنلەر ھەم ئۆلمەي تۇرۇڭلار،  


توپاقلارمۇ ھەم مۆرۈمىسۇن يەنە باشلىق كىلىدۇ.  




ئەسكى- تۈسكى لازىملىقلار جايلاپ قۇيۇلسۇن،  


قۇتۇر  ئۈچكە  ئىشەككلەر ھەم   مايلاپ قۇيۇلسۇن  


ئاش  تاغىرى تۇمشۇقىغا  لىقلاپ  قۇيۇلسۇن،  ،  


ئۈتنە قىلىڭ مال- چارۋىلار جىقلاپ قۇيۇلسۇن،  


تازلارمۇ چاچ مايلاپ تۇرسۇن باشلىق كىلىدۇ.  



سۈيەلمىسەممۇ  



يۇشۇرۇن كۈيۈپ يۈرگەچكە مەن،  


ئازاپلارنى كۆپ تارتتىمغۇ يار.  


گاھى كۈلۈپ گاھ يىغلىدىم،  


بىراق بىلمەي يۈرىۋەردىڭ سەن.  



تىپىۋاپسەن باشقا بىرىنى،  


بىلمىدىڭمۇ سۆيگەنىمنى سەن.  


شۇندا باغلار يۈرگەن ئەقىدەم،  


ئازاپلارغا قالار بولدۇممەن.  



گەرچە سىنى سۈيەلمىسەممۇ ،  


ساڭا مەڭگۈ بەخت تىلەيمەن،  


مۇھەببەتتە بىر بۇلالمىساممۇ،  


ساڭا  ئامەت يار بولسۇن دەيمەن..  



دەپتىمەن  



ئاشىق يارنى كۆرەلمەي سەۋدا بۇپتىمەن،  


بەختى ئۈچۈن كۈلەلمەي قايغۇ يەپتىمەن.  


مەشۇقى بۇپ كۆرەلمەي ھىجراندا قىلىپ،  


ئازاپلاررغا ئاھ ئۇرۇپ ئۆلدۈم دەپتىمەن.  


نەقىرات :  


كۈڭلى ۋاپا شاش يىگىت دەپ ئويلاپ قاپتىمەن،  


تىپىلمايدۇ جاھاندا دەپ داڭلاپ ساپتىمەن،  


سىرلىرىڭنى بىلگەن چاغدا ئۆلمىدىم مەنمۇ,  


ئاھ ئىسىت دەپ ئەقىدەمگە يىغلاپ ساپتىمەن.  



مۇھەببەتنى تاجۇ- تەخت قىلىپ كەپتىمەن،  


ۋەدەلەرنى مەڭگۈلۈك دەپ بىلىپ كەپتىمەن.  


ھاياتىمنى سىنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ،  


ئۆزگىلەرگە كۈلۈپ يۈرسەڭ ئايەم دەپتىمەن،  



بىزنىڭ ئۆيدە مەشرەپ بار  



قاغىلىقتىن يەركەنگە ،  


جاھان كىزىپ يۇرگەندە .  


ئاشىق بىقارار بولدۇم،  


يارنى تۇنجى كۆرگەندە .  



شوتاڭ ئۆستەڭنى بويلاپ ،  


كەلدىم مىشا ئۆستەڭگە .  


يايرىم پەرۋا قىلمىدى ،  


ناخشا تولاپ كۈتكەنگە .  



بالاغەتكە يەتكەندە ،  


مەن بىيجىڭغا كەتكەندە .  


يايرىم بىلەن توي قىپتۇ ،  


مەللىمىز دىكى بەڭگە .  



تولا چىلىپ گىتتارنى،  


ساچىم ئۆستى گەدەنگە .  


قىتىۋالدىم ناخشامغا ،  


كۆڭلۈم قالمىسۇن سەندە.  



يولداشلار ، يولداشلار  


بۈگۈن ئاخشام بىزنىڭ ئۆيدە مەشرەپ بار .  


ئوغۇللا بار قىزلا بار ،  


ھەممىسى ئويۇنچى ياش باللار  



تورداشلار ، تورداشلار  


بۈگۈن ئاخشام بىزنىڭ ئۆيدە مەشرەپ بار .  


ئوغۇللا بار قىزلا بار ،  


بۇگۈن ئاخشام قانغۇچە ئويناڭلار .  



بۇلبۇلۇڭ بولاي ،شاخىڭگە قوناي ،  


سۆيگەن يارىڭ ،يارىڭ بولمىسا .  


مەن يارىڭ بولاي ،مەن يارىڭ بولاي .  



سەندىن باشقا  



يايرىم مەن سىنى بار دەپ،  


بېرىپ مەلەڭدە ئوينايمەن.  


يار مەلاڭدە بولمىساڭ ،  


تاڭ ئاتقۇچە كەتمەيمەن.  



سەندىن باشقا-سەندىن باشقا،  


سەندىن باشقا يارىم يوق.  



يايرىمنىڭ مېڭىشلارى ،  


ماڭسا قول سېلىشلارى.  


ھېچ كىشىگە ئوخشىماس،  


قايرىلىپ قاراشلارى.  



سەندىن باشقا-سەندىن باشقا،  


سەندىن باشقا يارىم يوق.  



قوياشقا يېقىن كىشلەر  



ئوچاق بىشىدا مورا،  


مورا بىشىدا كورا.  


ئىزلىسەم تىپىلارمۇ،  


كۆيەك ئوتىغا دورا.  



ئۆستەڭدىن تىپىۋالدىم،  


ئاق تاشنى قارا تاشىنى.  


ناخشامغا قىتىۋالدىم،  


سەن يارىم قەلەم قاشىنى.  



قوغۇن تىرىدىم قەندەك،  


خەقمۇ تىرىسۇن مەندەك.  


خەق سۆيگەننى سۆيمەسمەن،  


ئۆزەمنىڭ سۆيگىنى قەندەك.  



چاي ئىچەيلى چايداندا،  


شوخ ئوينايلى مەيداندا.  


ئۆلمسىەك كۆرۇشەرمىز،  


خالاستاننىڭ بويىدا.  



مەن بارايمۇ بارمايمۇ،  


لىۋەن يارنىڭ قىىشغا.  


بارغىنىمىدا قىشىغا،  


دەرت كىلەرمۇ بىشىغا.  



•    ھايات-ئاللا گۇۋاھ  



مىھمان بولۇپ كەلدۇق دۇنياغا،  


ھايات چۆلىدە كىملەر ئالدى قوينىغا.  


باردىم قايان ماڭدىم قايان ،  


بۇ ئۇزاق يول  ئۇزاق يول. كىمگە ئايان.  



بىۋاپا دۇنيا جاۋاپ بەر ماڭا ،  


ھەممىسى يالغان -ئاللا گۇۋاھ.  



ئۆمۈر باھارسىز ،گۈللەر ياپراقسىز .  


ھايات چۆلىدەيۈرمە يارەرسىز.  


باردىم قايان ماڭدىم قايان ،  


بۇ ئۇزاق يول  ئۇزاق يول.  



بىۋاپا دۇنيا جاۋاپ بەر ماڭا ،  


ھەممىسى يالغان -ئاللا گۇۋاھ.  


•    نى  نو  نى  نو  نى  



ئىشىگىمنى ئۇرۇق دىسەم،  


يوغان تاغانى ئارتىدۇ.  


مەن مەكتەپتىن قاچمايتتىم،  


كۆڭلۈم تورخانا تارتىدۇ.  



كىلىڭ دوسلار بىرلىكتە،  


قېتىلايلى بىر سەپكە.  


ئۇسلۇبىغا كەلتۈرۈپ.  


ئويناپ كەتتۇق ئەلۋەتتە.  


ھەي-ھەي ساۋاقداش.  



بىز خەنەكنىڭ باللارى،  


كەلگۈسىمىز كۈتمەكتە ،  


كىلىڭ دوسلار بىرلىكتە،  


بارايلى بىز مەكتەپكە.  


ھەي-ھەي ساۋاقداش.  



نى نو نى نو نى  


قويسۇن كىنونى،  


قويسا قويسۇن قويمىسا يوق.  


بەرسۇن بىر مونى.  


•    نېمە بولدى؟  



ھەي قىزچاق ،ھەي قىزچاق  


خاپا بولما قېپ قويسام چاق -چاق  


ھەي قىزچاق ،ھەي قىز چاق ...  


سەن ئۇچۇن ناخشام ياڭرايدۇياڭراق  



مەلەڭدە مەلەڭدە....  


ئېسىڭدە بارمۇ مۈكۈىمۈكۈلەڭ ئويناپ  


يۇركەندە يۈركەندە  


يۈرەكنىڭ قېتىغا گەتگنتىڭ ئورناپ  



قۇلاق سالغىن سۆزۆمگەبىر ھەي قىز چاق،  


قاراپباققىن كۆزۆمگە بىز ھەي قىز چاق  


ئالايمىغىن بۇلاقتەك كۆزۆڭ بىلەن  


كۆز تەكمىسۇن ئېسىۋالغىن كۆزمونچاق  


كەل ئوينايلى بىز بىر لىكتە چىمچا چاق  


سېنى ساقلاپ ھازىر غىچە مەن بويتاق،  



•    بويتاق     



دۈشەنبىدىن باشلىنار ھىجران ،  


سەيشەنبىدە سىغىنىپ ئارمان.  


چارشەنبىدە خىيال يامغۇرى،  


پەيشەنبىنى خالايدۇ ھامان.  



پەيشەنبىسى ھەسرەتكە تالىپ،  


جۈمە يازار سۆيگىنىگە خەت.  


شەنبە گۈزەل تاڭسىدا ۋىسال،  


يەكشەنبىسى ئۇلار مۇھەببەت.  



بىر تىزىق مارجان  



بىر تىزىق مارجان،بىردەستە گۈلدەك،  


ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاغداش بولۇپ.  


ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،  


جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ.  



قالدى ئەسلىمە ياتاق، سىنىپتا،  


قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.  


كەتسەكمۇ يىراق -يىراق جايلارغا،  


بىزلەر ساۋاغداش،ساۋاغداش ھامان...  



ھىجران ياشلىرى تۆكۈلدى بۈگۈن،  


ئايرىلىشقا چىدالماي پەقەت.  


ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ گا ھى كۈلۈشۈپ،  


خوشلاشماقتىمىز ئاقيوللار تىلەپ...  


•    ئابىدە  



ئاسماندىكى ئايدەك يۈزۈڭ ،  


چولپان ھەم كۆزۈڭ .  


نۈرلاندۇردۇڭ قەلبىمنى ،  


قۇياش سەن ئۆزۇڭ.  



غۇبارسىز پاك قەلبىڭ جانان ،  


نۇرلۇق ئاسماندەك .  


خىجىل قىلۇر بۇلبۇلنىمۇ ،  


خۇشناۋا سۆزۈڭ .  



شۇڭا ساڭا كۆيۈپ يۈردۈم ،  


سۆيگۈمنى تىلەپ .  


پەرۋانە بوپ ئەتراپىڭدا ،  


يۈردۈم تەمتىرەپ .  



ئاشىق - مەشۇق ئىزناسى ،  


قالسۇن دىللاردا .  


ھەر ئاشىققا ئۇنتۇلماس ،  


ئابىدە بولۇپ .  


•    ئوردا خېنىم  



ئوردا خېنىمنىڭ يوللارى ئاللا يەي  


دۆۋە-دۆۋە قۇملارى يەي  


ئېيتسام ئېتسام تۈگمەس ئاللا يا ئاللا  


سەن يارىمنىڭ دەرتلىرى يەي  


گورا ئىچى قاراڭغۇئاللا يەي  


چىراغىڭنى ئېلىپ بار يەي  


كەربالانىڭ چۆلىدە ئاللا يا  ئاللا  


تۇگمەس ناخشاڭنى چال يەي  


ئاللا.......  


سېنى دىدىم گۈزەل يار ئاللا يا ئاللا  


زارە- نالە ئەيلىدىم يەي.   



•    شەبنەم  



بىغىمغا كىرىۋىلىپ،  


گۇلۇمنى ئۈزەي دەمسەن.  


دەرت ئۇستىگە دەرت سىلىپ،  


كۆڭلۇمنى بۇزاي دەمسەن.  



ئاق ئۆستەڭگە سۇ كەلدى،  


كەڭ ئىرىققا باشلايمۇ.  


كونا ياردىن خەت كەلدى،  


يېڭى يارنى تاشلايمۇ.  



قىزىل گۇل تارام- تارام،  


ئۇستىدە شەبنەم قاراڭ.  


يار دىگەن كۆڭۇل خوشى،  


تىپىلماس ئاتا- ئاناڭ.  



گىتارنى تولا چىلىپ،  


ئۇزۇلۇپ كەتتى تارىسى.  


مەن يارنى دىگەن بىلەن،  


يارنىڭ نىمە كارىسى.  


•    ئۇيغۇر قىزى  



قاشلىرىڭ بەرگى قىياقتەك،  


كۆزلىرىڭ ئويناق بۇلاق.  


بىر قايرىلىپ قارىشىڭدىن،  


نۇرلاندى دىللار چىراق.  



جاھان گۇزەللىرى ئىچىدە،  


تەڭداشسىز ساھىپجامال.  


پاكلىقىڭىدىن ئايمۇ خىجىل،  


كۆز تىگىشىتىن بول يىراق.  



نۇردىن ئاق، ئۇيغۇر قىزى.  


سۈتتىن پاك، ئۇيغۇر قىزى.  





ئەللەي بالام  



ئەللەي بالام ئەللەي سالىخ بالام ئەللەي  


سىنى بەرگەن رەببىمگە ھەمدۇ سانا ئەللەي.  


ئەللەي بالام ئەللەي مومىن بالام ئەللەي.  


سىنى بەرگەن رەببىمگە ھەمدۇ سانا ئەللەي....  



بولغىن باغىمنىڭ گۇلى سەن ئاللاھنىڭ قۇلى.  


سەن مۇھەممەد ئۇممەتى بولدىڭ نىمنىڭ قۇۋۋەتى  


ئىمانلىق بول جان بالام سىنى سۇيەر بۇ ئالەم.  


نامازخان بول جان بالام  تاھارەتلىك پاك ئالەم.  



ئەللەي!  


           ئەللەي !  


ئەللەي بالام ئەللەي!سالىخ بالام ئەللەي  


سىنى بەرگەن رەببىمگە،ھەمدۇ سانائەللەي  


ئەللەي بالام ئەللەي،مومىن بالام ئەللەي.  


سىنى بەرگەن رەببىمگە،ھەمدۇ سانا ئەللەي  


.... ئەللەي.  


ئەللەي بالام ئەللەي!سالىخ بولغىن جان بالام.  


دىللەرى بىر بالام ھەفىزىللاھ بول بالام.  


كۆرگەندە كۆز كۆنسۇن،قارا يۇقۇرراق ئالەم.  


ئاخىرەتتە ئىلاھىم ،تاج كەيدۇرگىن جان بالام.  


ئەللەي !  


ئەللەي بالام ئەللەي!سالىخ بالام ئەللەي  


سىنى بەرگەن رەببىمگە،ھەمدۇ سانا ئەللەي ...  




ئاشىق  



شىۋىرغانلىق كەچكۈز ئاخشىمى،  


ئۇيغانماقتا دىلدا ھاياجان.  


ئازاپلايدۇ مەۋجۈدلىقىمنى،  


ئارام بەرمەي دىلدىكى ئارمان.  



سىڭمەكتىمەن تۈننىڭ قوينىغا،  


شۇنچە مۇڭلۇق مىسكىن قەدەمدە.  


مەن چىدايمەن ئاخىرقى بىر رەت،  


ئۆرتەنسىمۇ قەلبىم ئەلەمدە.  



ۋاز كەچمىدىم ھاياتتىن ئەسلا،  


تۈكۈلسىمۇ كۆز يىشىم تەكرار.  


ياشاش ئۈچۈن  بەخت ئىچىدە،  


مەن كۈڭلۈمنى قىلمىدىم ئىزھار.  



كەچمىشىمنى ئۇۋلىغان ئوۋچى،  


ئىزلىرىمنى كۈممەكتە بۇدەم.  


چىدايدىكەن ھەممىگە ئاشىق،  


كۆيدۈرسىمۇ باغرىنى ئەلەم.  



كۈلكىگە يۇشۇرۇلغان يىغا  



بۇ دۇنيا ئەسلىدە يىغلاڭغۇ ئەمەس،  


بۇلۇتمۇ سەۋەپسىز تۈكمەيدۇ كۆز ياش.  


مىھىر بېرىمەن دەپ قەھرىنى بېرىپ،  


قارلارنى يىغلىتىپ ئۈتىدىكەن قۇياش.  



تەبەسسۈم كۈلىدە يىغا كىمىسى،  


مەنزىلسىز پەرۋاسىز يۈرىدۇ لەيلەپ.  


بىر بۇردا زاغرىغا زار بولغان كەبى،  


تەبەسسۈم كۈلكىلەرگە زار بولدۇق بىز ئەجەپ.  



تۇيۇقسىز كەلگەندە يىغا كەلكۈنى،  


توغان قۇرىمەن دەپ بولما ئاۋارە.  


ئەڭ ئاخىرقى رەت تەبەسسۇم ئۈچۈن،  


ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە  



سۆيگۈگە تولسۇن بۇ ئالەم  



مۇھەببەت سۆيگۈگە......سۆيگۈگە......  


تولسۇن كەڭ ئالەم......  


سۆيگۈگە تولسۇن ...سۆيگۈگە.....  


سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ ئالەم......  



ۋاپادار نىگارىڭ ئامىتىڭ،  


مەدەتكار سۇنماس قانىتىڭ.  


سەپەردە بولسا ئۇ تاغدەك يار- يۈلەك،  


ئىگىلمەس شەمشاددەك قامىتىڭ.  



ئەي......................  


شۇڭلاشقا نىگارنى ئەزىزلەپ،  


قىل ئۇنى دىلدىن ھۈرمەت.  


نىگارنى خار ئەيلەش يىگىتلىككە ياتتۇر،  


تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت.  



مۇھەببەت....سۆيگۈگە ...تولسۇن....  


سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ بۇ ئالەم....  



مھىرىدىن سۇ ئىچسە دىلىم،  


ۋەسلىڭدىن ئۇرغۇيدۇ دەرمان.  


جاپانى يىڭىپ سەن تۇسقۇننى بىسىپ،  


ئۆرلەسەن چۇققىغا قۇچۇپ شان.  



يار دەردى  



يارىم مىنى تىللايدۇ،  


بىقىۋالغان بالسىدەك. ئەي.......  


تىللىسىمۇ تىللىسۇن،  


ياردىن كۈڭلى قالمىسۇن. ئەي...........  



قارا قاش مىنىڭ يايرىم،  


مىنى كۆزگە ئىلمىدى يەي......  


شۇنچە خەق ئاراسىدا،  


ماڭا ۋاپا قىلمىدى يەي....  



           قۇشماق  



بۇ تۇرمۇشتا كۆپتۇر قوشكېزەك،  


قوشكېزەكتۇر مۇھەببەت- نەپرەت.  


باھارنىڭمۇ قار- جۇدۇنى بار،  


مەدھىيەگە ھەمرادۇر غەيۋەت.  


نەقىرات:  


ئا....................دۇنيا............  


چۈشەنمەك تەس ئىنسان خۇيى- پەيلىنى.  


ئا....................... ئىنسان...............  


چۈشەنگەيسەن بىلگەيسەن ھايات يۇلىنى.  



گاھى ئاچچىق ۋە گاھى تاتلىق،  


قوشماقلارغا تولغان بۇ تۇرمۇش،  


بەخىت- سائادەتكە باشلار،  


ھاياتلىقتا تۇغرا يول تۇتۇش.  



قۇشماق ئاداش  



  ئامرىقىم بىز ئوينىغان قۇشماق ئاداش يادىڭدىمۇ،  


شۇ گۈزەل ئايدىڭ كىچە ھازىرمۇ كۆز ئالدىڭدىمۇ.  



بىزنى ئالقىشلار ئىدى دەريا داۋالغۇپ ئۇلغىيىپ،  


ئايپەرى ئوينار ئىدى ئالتۇن بىلىقتەك تولغىنىپ.  



مەنمۇ گويا ئاي ئىدىم دەريادا لەرزان لەيلىگەن،  


بىزنى زەپ شېرىن خىيال- ئارزولار مەپتۇن ئەيلىگەن.  



نەقىرات:  


قوش مېغىز تۇتتۇڭ ماڭا ئوينايلى دەپ قۇشماق ئاداش،  


بىز مانا شۇندىن بۇيان قەلبى تۇتاش ئامراق ئاداش،  



جان........ بىر جاھاندۇر ھەر كۈڭۈل سۆيگۈ -ۋاپا  نۇرلۇق قۇياش،  


مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ئاچتى يول ئاچتى بۇ قۇشماق ئاداش.  



جان ئارامى لەززىتى بەخش ئەيلىگەن يا سەلكىنى،  


بىزنى ئالغان قوينىغا شېرىن خىياللار يەلكىنى.  



نەقىرات:  


قوش مېغىز تۇتتۇڭ ماڭا ئوينايلى دەپ قۇشماق ئاداش،  


بىز مانا شۇندىن بۇيان قەلبى تۇتاش ئامراق ئاداش،  



جان........ بىر جاھاندۇر ھەر كۈڭۈل سۆيگۈ -ۋاپا  نۇرلۇق قۇياش،  


مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ئاچتى يول ئاچتى بۇ قۇشماق ئاداش،  



مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ئاچتى يول ئاچتى بۇ قۇشماق ئاداش،  


ئامرىقىم يادىڭدىمۇ بىز ئوينىغان قۇشماق ئاداش،  


ئامرىقىم يادىڭدىمۇ شۇ قوش مېغىز  قۇشماق ئاداش............  



ياشىسۇن  



يۈلەكسىزنى يۈلىگەنلەر ياشىسۇن،  


يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن.  


ئۆزى ئالماي گۈھەر ياغسا ئاسماندىن،  


ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن.  



سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى،  


ئاتا قەرزى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن.  


ئىتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ،  


ئۆزى ئاتا بۇپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن.  



ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتىپ،  


ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن.  


يۇقسۇزلۇقتا ئوتى ئۈچكەن يۇقسۇلنىڭ،  


ئۇچىقىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن.  


ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر،  


ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن.  



بىزنىڭ ناخشىمىز  



كىزەر ناخشىمىز ھەرياننى،  


ساداسى ياڭرىتىپ جاھاننى.  


بۇلۇپ كاككۇكقا جۆر بۇلبۇل،  


قىزىتقاي باغۇ- بۇستاننى.  


نەقىرات:  


بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،  


چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ.  


ئېيتقان ناخشىمىز كۈڭۈل خۇشى،  


ئەل زوق بىلەن ئاڭلايدۇ.  



يۈرەك ئۇرغۇسا شادلىقتىن،  


كۈلەر ئورمان- چىمەنزارلار.  


كىشى ناخشىنى ئېيتقاندا،  


كىلەر ئەسكە گۈزەل چاغلار.  


نەقىرات:  


بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،  


چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ.  


ئېيتقان ناخشىمىز كۈڭۈل خۇشى،  


ئەل زوق بىلەن ئاڭلايدۇ.  



ئەي......قېنى دۇستۇم سۈرۈپ دەۋران،  


ئەي........جاھانغا ياڭرات ناخشاڭنى.  


ئەي........سەھەر ئاشناسى قۇشلارداك،  


ئەي........باھار ئەيلە دىلدا ئارماننى.  



نەقىرات:  


بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،  


چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ.  


ئېيتقان ناخشىمىز كۈڭۈل خۇشى،  


ئەل زوق بىلەن ئاڭلايدۇ.  



ئاناجان  



مىنى بىقىپ ئۈستۈردۈڭ ئاناجان،  


مىھرىبانىم قەلبىمدە مىنىڭ.  


ئانا دەيمەن قۇچاقلاپ سىنى جان ئانام،  


تۇمۇرۇمدا ئاققىنى قېنىڭ.  


نەقىرات :  


نامىزىمدا تىلەيسەن ئانا،  


بەختىم ھەم كىلەچىكىمنى.  


ئاغرىق قالسام بۇلۇپ پەرۋانە جان ئانام،  


كىتەلمەيسەن بىردەممۇ نېرى.  



ئانا ئۇلۇغ ئانىلار ئۇلۇغ ئانام ، ئانام،  


قەلبى نۇرلۇق قۇياشتۇر ئانام.  


نۇر چاچقىن ئەي نۇرلۇق قۇياش جان ئانام،  


چارچىمىغىن  ئەزىزىم ئانام.  



ئۇغلۇم  



سىلكىمە ئۇغلۇم مىنى قېرى دەپ،  


كوچىلاردا يۈر مىنىڭدىن مىنىڭدىن بېرى دەپ.  


ھىچ كىشى ھۆددە قىلالماس ئۆزىگە،  


قېرىلىق ھەم سەتلىك مەندىن نېرى دەپ.  



ئۈچ يىشىڭدا ئات قالدىڭ قالدىڭ يىتىم،  


پۇتلۇشۇپ چۈشتى شۇئان ئۇچقۇر ئىتىم.  


سىنى دەپ ئۈتتۈم جاھاندىن ئۇزۇن يىل،  


ئۈن- تىنسىز ئۈتتۈم غېمىڭ يەپ كۆپ قىتىم.  



ئۈتتى باشتىن زارى يوق جەۋرى- جاپا،  


يۈرىمەن بىر كۈن كۈلۈپ ئون كۈن خاپا.  


سىنى چوڭ قىپ قاتارغا قۇشقىچە،  


كوچىدا بولدۇم ئاتا ئۆيدە ئانا.  



يىل ئۈتۈپ تۇقسانگە يەتتى مىنىڭ بۇ يىشىم،  


كىچىسى يوقتۇر ئارام ئاغرىپ بۇ بىشىم.  


تۇرىمەن تەنھا ئۇچاقنىڭ ئالدىدا،  


يوق مىنىڭ سەندىن بۆلەك ھىچ سىردىشىم.  



شوخ  ئوماق ئۇغلۇڭ ئۆسۈپ سەندەك بۇلۇر،  


سارغىيىپ ئايدەك يۈزۈڭ مەندەك بۇلۇر.  


ئەينى چاغدا   سەت كۆرۈپ خار ئەيلىگەن،  


كىتىپ شۇ ماك- ماك ئاناڭ قەندەك بۇلۇر.  



سىلكىمە مەنمۇ داداڭدەك كىتىمەن،  


سەۋىر قىل بىر كۈن كۆزۈڭدىن يىتىمەن.  


قاپقارا زۇلمەت لەھەتنىڭ تەكتىدە،  


تائەبەد مەن دەرت- ئەلەمسىز ياتىمەن.  



دادام  



بۈگۈن يەنە دادام غەمدە كۆزلىرى ياشتا،  


ئارمانلىرى تۈتۈنلەرگە ئايلانغانمىكىن.  


تەلەيلىرى خازان بولغان باغۋەنگە ئۇخشاش،  


جان دادامنىڭ يۈرەكلىرى داغلانغانمىكىن.  


نەقىرات:  


دادام ئەسلى بىر پاك ئىنسان پەرىشتە كەبى،  


ناپاكلارنىڭ زۇلىمىدىن خارلانغانمىكىن.  


ئۇۋچى قۇلىدا ئىڭراپ ياتقان كىيىككە ئۇخشاش،  


يا دادامنىڭ پۇت- قوللىرى باغلانغانمىكىن.  



غەم- قايغۇدىن ئۇيقۇ يوقتۇر دادامغا ئەسلا،  


غېرىپ دادام نامەرتلەرگە ئالدانغانمىكىن.  


ھايات پەيزى سۈرۈپ يۈرگەن كۈلۈپ يۈرگەنلەر،  


جان دادامنى ئالداشقىلا يارالغانمىكىن.  



مەن باراي  



سەن ئۈچۈن كىزىپ جاھان ئاشىق چۆلىگە مەن باراي،  


سىنى دەپ جىنىم پىدا تەكتى ماكانغا مەن باراي.  


يەتسە گەر مۇشەققەت ياكى دەرت- ئەلەم ساڭا،  


دەردىڭگە دەرمان بۇلۇپ جەۋرى- جاپاغا مەن باراي.  



مەيلى سەن چۆلگە ھەم جەننەت بۇلاقىگە مەن،  


كەل دىسەڭ تاغۇ- دەريا كىزىپ مەن باراي.  


تىلىكىم  شۇ بەرسە سۆيگۈمىزگە ئادىل باھا،  


بىر ئۈمۈر سىرداش بۇلۇپ بەخت- تەختىگە مەن باراي.  



ئۆز يايرىڭ  



ئۆزگە باغقا كۆز سالما ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،  


نىمە تەشۋىش ئالەمدە تۇرسا ياندا ئۆز يايرىڭ.  


ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،  


ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە ئەتراپىڭدا ئۆز يايرىڭ.  



تىكەن كىرسە قولۇڭغا ھىچكىم بۇنداق ئالالماس،  


پىچاق كىرسە قولۇڭغا يايرىم ھبچكىم بۇنداق تاڭالماس.  


يۈلەپ يۈرەر بىر ئۈمۈر بۇلۇپ قالساڭ تاڭالماس،  


نىجاتلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يايرىڭ.  



يۈگرەپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن،  


ئىسىلىدۇ بوينۇڭغا يايرىڭ ئامان بولساڭ خەتەردىن.  


يامان ئىش يوق ئالەمدە يارسىز بويتاق ئۆتەردىن،  


تۈنەپ چىقار سەن ئۈچۈن ئەسكى تامدا ئۆز يايرىڭ.  



چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە،  


پۇل يوق چاغدا  بىچارە يايرىڭ بىللە چىقار بىنەمگە.  


باي بولغاندا ياتقۇزىدۇ ئاۋۋال سىنى گىلەمگە،  


تولغۇنىسەن راھەتتە ئۇيغاتقاندا ئۆز يايرىڭ.  



ئۆزگە باغقا كۆز سالما ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،  


نىمە تەشۋىش ئالەمدە تۇرسا ياندا ئۆز يايرىڭ.  


ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،  


ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە ئەتراپىڭدا ئۆز يايرىڭ.  



ئۇيغۇر قىزلىرى  



چۈمپەردەڭنى يۆگىۋال سەن مۇسۇلماننىڭ قىزلىرى،  


ھايۋان كەبى يۈرمىگىن بەدىنىڭنى ئورىۋال.  


تار كىيىمنى كىيۋالىپ ھايۋانلارغا ئۇخشاپسەن،  


يات مىللەتنى دورىماي كەڭ كىيمىڭنى كىيىۋال.  



مۇسۇلمانتى ئەجدادىڭ ئەمدىلىكتە نىمە بۇلدۇڭ،  


يات مىللەتنى دورىماي ئىمانىڭنى تىپىۋال.  


يات مىللەتنى دورىماي ئىتقادىڭنى روسلىۋال.  


چۈمپەردەڭنى يۆگىۋال سەن مۇسۇلماننىڭ قىزلىرى،  


يات مىللەتنى دورىماي كەڭ كىيمىڭنى كىيىۋال


'





  سىزنى سىغىنسام




                   بىرقاراشتا يۈرەكنى ئېلىپ كەتتىڭىز،


                   بارچە قايغۇ-ئەلەمنى سىلىپ كەتتڭىز.


                   بەلكىم يەنە بۇھالىمنى بىلىپ يەتتىڭز،


                   چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سىغىنسام.





                  ھىدىڭىزنى چىمەنلەر قاچۇردى مەندىن ،


                  دەستە بىرىپ مەن ئۈچۈن قايغۇ-ئەلەمدىن.


                  سەۋدالىغىم ئازارى ئۆتكەندە جاندىن   


                  گويا قايناق بۇلاق مەن سىزنى سىغىنسام .




                  خۇشاللىغى دۇنيانىڭ سىزبىلەن كەتتى ،


                  ئەركە يۈرەك ئاھۇ-دەرىت كۆزبىلەن لەتتى.


                  بىچارىمەن دەرىتلىرىم ساماغا ياتتى ،


                  يىنىپ ئۆچمەس چىراقمەن سىزنى سىغىنسام.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاتمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 08:41 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
دەتمەن + 33 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 08:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ياخشى ئىلمى ئەمگەك بوپتۇ .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11949
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 09:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرڭىزگە رەخمەت  مەن ساقلۋالايچۇ

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51680
تۆھپە نۇمۇرى: 594
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 06:03:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن ناخشىىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ مەلۇم بىر توربەت قۇرۇلىشى كېرەك، ئاندىن شۇ توربەتنى ئاساس قىلغان ناخشىلارنى چۈشۈرۈپ ئاڭلايدىغان ناخشا تىڭشىغۇچتىن بىرنى ياساش كېرەك.  ئەزالارغا  ناخشىنى قاچىلايدىغان ۋە ئەزالار بەھىرلىنەلەيدىغان ئىقتىدارلارنى قوشسا دېگەندەك ئىشلارنى قىلالىسا  نەزەرىيە جەھەتتىن پۈتتى دېگەنلىك. بۇ جەھەتتە خەنزۇچە ۋە باشقا مۇزىكا توربەتلىرىنى بىر قۇر چۆرگلەپ چىقسا قاندىقىنى قانداق قىلىش دېگەنلەرنى ئاستا-ئاستا قىلغىلى بولىدۇ.  ئىشقىلىپ بۇ تور دېگەندە پايدىلنالىسا ھەممە نېمىنى تېپىپ ئۆگەنگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ مىسالى، مەنمۇ ئاز قالدىم بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا توربەت قۇرۇش بىلىملىرىنى 0دىن باشلاپ ئۆگىنىپ ئاز قالدىم بىلوگىمنى ئېچىشقا

بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://www.azizim.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش