بۇ تازغا خوتۇن چىقسا، قۇلىقىمنى ساپالدا «كارت~! » قىلىپ كېسىپ بېرىمەن. يېرىم بار، يەر تېرىمەن دېسە تىگىدىغان خوتۇن نەدە؟
«پۇل دىگەننى دۆۋىلىۋەتتىم، پۇللىرىمنى پاتپات ئاپتاپقا سېلىپ قويغاچ خەجلىشىپ بېرىسىز، كۆكۈرۈپ قالمىسلا بولىدۇ» دىگەن بولسا قاندا بولاكى؟
ھەر كاللىدا ھەر خىيال، تاز كاللىدا مىڭ خىيال
بۇ بوران تازغا خوتۇن چىققان كۈندىن باشلاپ، بۇ تاز مۇنبەرگە چىقمايدۇ، كىشىنى ئويغا سالىدىغان، ئويلاندۇرىدىغان، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان تىمىلىرى كونا قۇدۇقنىڭ سۈيى تۈگىگەندەك ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. بوران نەدىكەن؟ نىمىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئىزدەپ قالساق چوقۇم مۇنداق جاۋاپقا ئېرىشىمىز: «بوران تاز ئاي پاتەم سېلىپ بەرگەن كۆرپىدە يانچىلاپ يېتىپ، مەس، مۇغىرە بولوپ ئايپاتەمنىڭ دۇتارىنى ئاڭلاۋاتىپتىمىش، جەمئىيەتتە بولىۋاتقان بەزى ئىشلارنى قامچىلاش خوش ياقماسمىش، پات پات رېستۇرانغا كىرىپ ۋالىس، تانسا دىگەننى ئۆلتۈرىۋاتقۇدەك...... »