كارۋان يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 03:59 AM
پۇتىغا ئېسلىپ يېتىۋالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە ئىچ ئا ...
بۇرادەر، ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقىنى ئاساسىي قانۇن ياكى باشقا قانۇنلار ئەمەس، بەلكى شۇ يەرنىڭ يەرلىك سىياسىتى. سىياسەت دىگەن قانۇننىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ. سىياسەتنى قانۇننىڭ ئورنىغا قويۇپ، قانۇن دەپ ئىجرا قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك، زىيىنى ئەڭ چوڭ. ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنىنى سىز بەلكىم كۆرۈپ تۇرىۋاتقانسىز ياكى ئاڭلاپ تۇرىۋاتقانسىز.
سىياسەت دىگەن مۇۋاپىق تۈزۈپ ئىجرا قىلىنىشى لازىم. سىياسەتكە خىلاپ ئىش قىلغان بولسا، قاراقچى، باندىتتەك ئىش تۇتماي، يولىدا، مۇۋاپىق ھەل قىلسا بولىدۇ.
كىچىك يايمىلار، ئەمەلىيەتتە بىر شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى. مەلۇم جەھەتتىن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، كۆپىنچى ھاللاردا كىشىلەرگە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىسى بار.