سىزچە يەركەنىت بىلەن خوتەننىڭ پەرىقى قانداقراقكەن؟ دىمەكچىمەنكى قايسى شەھەر سىزگە ياخشى تەسىر قالدۇردى؟
مەنمۇ قايسى كۈنى خوتەنگە بارغان ئىدىم،خوتەننىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى ناھايتى ناچار،بىز ھەتتا ئاشپۇزۇلدا خوجايىن چاي بەرمەي تۇربىدىن سۇنى ئۆزىمىز ئىلىپ كىلىپ ئىچتۇق.
3كۈن خوتەندە تۇرۇپ ساپلا گۆش يەپ چىقتۇق،خوتەندە بۇنىڭدىن ياخشىراق ئىغىزغا تىتىغۇدەك تاماقتا غىزالىنىپ باقمىدىم.
لىكىن خوتەننىڭ ماڭا قالدۇرغان ياخشى تەسىرمۇ كۆپ:ئالايلۇق كىرورەن باغچىسى دەيدىغان بىر باغچا باركەن ئىشىك بىلېتى ئالمىدى،ئىچىدە نەچچە سائەت ئايلىنىپتىمەن شۇنداق مەنزىرلىك،لىكىن تازلىقى سەل ناچاردەك.
ئۇلۇغ ئاتا دىگەن بىر جاي باركەن بىزنىڭ ئارتاشقا يەتمىسىمۇ لىكىن ھەر ھالدا بوپقويىدىكەن،تاغنىڭ چوقىسىدا 1سوملۇق سۇنى 2 سومغا ئىلىپ ئىچىدىكىن،
ھاياتىمدا ھازىرغىچە ماڭا بۇ جايدەك گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان يەردىن يەنە بىرسىنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.
بولسا سىزمۇ مۇشۇ ئۇلۇغ ئاتا دىگەن جاينى ساياھەت قىلىپ باقسىڭىز،مەنزىرلەرنى يەنە بىر جىتىم تاماشا قىلۋالسام