nazira0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 10:07 AM
ئۇرۇمچىدە قەبرىنى مۇشۇنداق ياسامدا؟؟؟مەن بۇنداق قەب ...
ناۋادا ئۈرۈمچىنىڭ گۈلساي قەبرىستانلىغىغا بېرىپ قالسىڭىز،ھەيران بولماي تۇرالمايسىز،بېتوندىن قوپۇرۇلغان رەت-رەت قەبرىلەر ئارىسىدا ھەرخىل پاسوندىكى گۈمبەزلەر چوقچىيىپ تۇرىدۇ،بۇ ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەم قىلىنغان ھەيۋەتلىك گۈمبەزلەر گىرانىت تاشلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ،چوققىسىغا داتلاشماس پولاتتىن ئۇچلۇق ئاي يۇلتۇز بەلگىلىرى قادالغان ،ئەتراپلىرى نەقىشلىك تۆمۈر سالاسۇنلار بىلەن ئىھاتە قىلىنغان،ئالدىغا رەڭلىك خىشلار بىلەن قاتۇرلۇپ،كىچىكرەك سەھنە چىقىرىلغان،مەرھۇمنىڭ ئىسمى-زاتى،يىل-تارخى،سالاھىيىتى.... گىرانىت تاشقا ئويۇلۇپ،ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىلگەن،بۇ ھەشەمەتلىك قەبرىلەر كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇلارنى بېرىدۇ،ھەم گۈلساي قەبرىستانلىقىدا ھەيۋەتلىك سۈرلۈك چوقچىيىپ تۇرۇدۇ.قەبرىلەر ئارىسغا ئاسفلت يوللار ئېلىنغان،ھەرخىل دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھلار تىكىلگەن،سۇلىرى شارقىراپ ئېقىپ تۇرۇدۇ،ھەيۋەتلىك مەسجىد قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇدۇ،نەچچە ئون تىلەمچى قەبرىستانلىقنى رايونلار ئارا بۆلۈشۈپ تۇپراق بېشىغا چىققانلاردىن پۇل-مال تىلەپ جان باقىدۇ.نەچچە ئون ئىشلەمچى توختىماي گۆر كولايدۇ،بەزى كۈنلىرى بىرلا ۋاقىتتا بەش-ئالتە ناماز بولۇپ،نامازغا چىققانلارنىڭ ماشىنىلىرى سانجاق-سانجاق بولۇشۇپ پۈتۈن قەبرىستانلىق خۇددى شەھەر مەركىزىدەك قىستاڭچىلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك قەبرىلەرگە روشەن سېلىشتۇرما بولغان،كۆزگە چېلىقمايدىغان ئاددى زومچەك-زۇمچەك قەبرىلەر يەنىلا تولا.لېكىن ھەرقانداق قەبرە بېشىغا خاتىرە تاش ئورنىتىلىدۇ.
قەبرىستانلىقنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى زورايماقتا،كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندە كۆمۈلىدىغان يەر قالماسلىقتىن ئەنسىرىشىپ ھە دەپ قەبرىنى ئالدىن زاكاس قىلىشماقتا،ھەم يېڭىدىن قۇرۇق قەبرىلەر رايونى شەكىللەنمەكتە،باھاسىنى سورىسىڭىز ئۈرۈمچىدىكى تاۋار ئۆيلەردىنمۇ قىممەت بولۇپ،ئالاھىدە يولىڭىز بولمىسا ئالدىن قەبرە ئالالمايسىز تېخى.بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقنىڭ ئەھۋالى مانا يۇقۇرقىدەك.
مەزكۇر قەبرىستانلىققا كېلىپ قالسىڭىز ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى،سىز بۇرۇن ئاڭلىغان نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ قەبرىگاھىنى كۆرەلەيسىز،يەنە بىر كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋال،ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ تولىمۇ ياش بىمەھەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىغى بولۇپ،قەبرە تېشىدىن قارىغاندا 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ تولىمۇ كۆپلىگىدىن ئادەم ھەسرەت چېكىدۇ،سەۋەبى زەھەر چېكىش،قاتناش ۋەقەسى،ھەرخىل ساقايماس كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر بەك كۆپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-23 01:20 PM