قۇيۇن يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:29 PM
مەن بىر قوش كارتىلىق تىلفۇن ئالاي دىگەن تىلگىراف بىلەن ...
سىز يوقاردا يوللىغان تېلفون %100 ساقتا تېلفون، دىققەت قىلىڭ. بۇ يانفوننىڭ ئۈرۈمچىدىكى باھاسى 399 يۈەن. تاۋباۋ تورىدا سىزگە 1400 گە بىرەي دىگىنى ساقتا شىركەتلەرنىڭ قوراشتۇرۇپ ياسىغان تېلفونى(山寨手机). ھەرگىز ئالدىنىپ قالماڭ.
مەزكۇر يانفون ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشەي دەپ قالسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈۋېلىڭ.
http://detail.zol.com.cn/cell_phone/index302429.shtml
دىققەت: كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ تاۋباۋ تورى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىن ئېلىكتىرون ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا تاۋارنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ياخشى پەرىق ئىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھەقىقىي مال بىلەن تاۋباۋدىكى مالنىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى چىقىپ كېتىدۇ، بۇنداق ماللارنى ئەرزان سېتىۋالدىم دەپلا ئالدىراپ سېتىۋالماڭ. ئاۋال شۇ مالنىڭ راست يالغانلىقىنى، شۇ دۇكانچىنىڭ شىركەت تارمىقىدىكى دۇكانمۇ ياكى شەخسى دۇكانمۇ، شۇ تاۋاردىن ئايدا قانچىسى سېتىۋېلىنغان قاتارلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى باسقۇچ بويىچە ياخشى قارىشىنى ئەسكەرتىمەن.
يەنە بىر قىسىم قويمىچى بىكەت باشلىقلىرى ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى قاقتى - سوقتى قىلىشنى باشلىۋەتتى. ھەممەيلەن كۆرگەندىمىز، بىر قىسىم تور بىكەت ئېلانلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئاندرويىد سېستىمىلىك iphone5 تېلفون دەپ كېتىدىكەن. مۇشۇ گەپ ئەقىلگە سىغامدۇ؟
بۇ ئاندرويىد ئايرىم، iphone ئايرىم شىركەت تۇرسا، يەنە كېلىپ رىقابەتتە كۈشلۈپ پۇت تېپىشىۋاتقان ئىككى شىركەت بۇ.
مەزىبىر ناچار بىكەت باشلىقىلىرى ئۇيغۇرلارنى بەك ساددا كۆرۈپ قالغان بولسا كىرەك، ئىشقىلىپ قاينىسام سەت قايناپ سالىمەن ...
تەۋسىيە: يېقىندا ب
ىلىملەر تورى تور سودا سەھىپىسىنى ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلىۋەتتى. مەزكۇر سەھىپىگە قالايمىقان ئەزالار تاۋار يوللىيالمايدۇ. بىز تورداشلارغا ئېھتىياجلىق ماللارنى ئىشەنچىلىك، ئىشەنچىسزلىكىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ ئاندىن
بىلىملەر تور سودا سەھىپىسىگە يوللاۋاتىمىز.
ئەگەر ئېلىكتۇر ئۈسكىنە سېتىۋېلىش ئۇيى بار تورداشلار توردىن مال سېتىۋالمچى بولسا بىز ياردەم قىلساق بولىدۇ، ياردەم ھەققى ئۈچۈن بىز بىر پۇڭ پۇل تەلەپ قىلمەيمىز. پەقەتلا پەقەت ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.
بىلىملەر تور سودا ئادىرىسى:
http://www.bilimlar.com/soda
ئەگەر مەزكۇر سەھىپىگە يوللانمىغان باشقا ماللاردىن ئېھتىياجلىق بولسىڭىز بىزگە ئۇچۇر قىلىپ قويۇڭ، بىز دەرھال سىزگە ئەڭ سۈپەتلىك، ئەرزان، ئىشەنچىلىك مالنى يوللاپ قويىمىز.