xayton يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 10:18 PM
مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئېشنى ئېيتىپ بىرەي قوشۇمچە بەھېر ئالغايسىلەر:
ئۆتكەن يىلى قەشقىرىمدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بىرىپ قالدىم ، شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى
دەرىس بولمىغاچقا بىككار بولۇپ ئويناپ يۈرگەندىن كۆرە دەپ ،ئۈرۈمچىدە ئاشخانا ئاچىدىغان بىر تاغام بولىدىغان شۇ تاغامغا قايلىشىپ بىرەتتىم ، بىر يەكشەنبە كۈنى ئاشخانىڭ ئىشلىرىغا قايلىشپ خىردارلارغا
چاي ، تاماق ئەپكىلىۋاتسام ئاشخانىغا ئىككى قېز كىرىپ سەل ئىچىدىرەك ئورۇن ئىلىپ ئولتۇردى.
ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاي ،پىيالە ئىلىپ باردىم ۋە نېمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىسام ئۇلار ماڭا
ۋويجون نېمە بۇ... مۇشۇنداق ئېسىقتا قىزىق چاي ئىچىمىزما ..؟ سوغۇق سۇ بولسا ئەپ چىقىپ بىرىڭا بىزگە
دېگەنتى . مەن ئۇلارغا بۇ ئېسسىقتا ئاشخانىدىكىمۇ سۇمۇ يىلمان چاي بولۇپ قاپتۇ چاي ئىچكىنىڭلار ياخشىمىكىن دەپ نېمە تاماق يەيسىلەر دەپ سورىدىم ، ئۇلارمۇ بوپتىلا چاي ئىچەيلى دېيشىپ
مەنپەر سومەندىن ئىككىنى بۇيرىدى مەن ئۇ تاماقنى قولۇمدىكى قەغەزگە يېزىپ بولۇپ ئىچىگە ئەكىرپ ئاشپەزئۇستامغا بىرىپ چىقىپ باشقا خىرىدار لارغا قاراش بىلەن بولۇپ كەتتىم .
كېيىن بىر ھازادىن كېيىن ئۇلارنىڭمۇ تامىقى چىقىپ بولدى ئاپىرىپ بولۇپ ياندىكى كىرگەن خىردارغا
تاماق يېزىۋاتسام ‹‹ھويييييي فۇيەن››‹‹ مۇلازىمممممم›› ‹‹تاڭجاڭ›› دەپ مېنى ئاغزىغا ئۇدۇللا كەلگەن
ئېسىملار بىلەن قايتا-قايتا چاقىرغىلى تۇردى. مەن خىردارلارنىڭ تامىقىنى يېزىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا
بارسام ئۇلار ماڭا ‹‹ھوييييييييي تاڭجاڭ ما ئاشخاناڭلاردا چاي يوقما..؟؟›› دەپ
مەن بايا قىزىق لىق بىر چەينەپ ئىلىپ كەلگەن چەينەكنى قولغا ئىلىپ ماڭا پۇلاڭشىتىپ تۇرۇپ
سۆزلىگىلى تۇردى مەن ئۇلارنىڭ ئۇنداق قوپال سۆزلەشلىرىگە قاراپ تۇرالماي قەشقەرىمنىڭ تەلەپپۇزىدە سۆزلەپ سالدىم ‹‹ خېنىممممممم ماڭ قايسىلا سىلگە باياتىندىن بىرى ئىلىپ كەلگەن مەنتاڭمىكەن ھە...؟؟›› ئاشخاناڭلاردا چاي يوقما ...؟؟ دەپ تولىماي مۇنداق چاي تۈگەپ كىتىپتىكەن ئەپكەپ بىرەمسىز دېسىڭىز يامان بولامدا ھە... دەپتىمەن ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-23 11:39 PM