coolbala يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:25 AM
سىز قەستەن بىلەرمەنلىك قىلماڭ ئەخلاقلىق بۇرادەر ؟ مە ...
سىز بىلەن بولغان بارلىق مۇنازىرىدە ۋاقت ئىسراپچىلىقى ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا ھىس قىلغانتىم ....
سىزگە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىسلاھاتلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرگىدەك ئۇنچە كۆپۋاقتىم يوق، ئۆزىڭىز ماتېرىيال كۆرۈپ بىلىۋېلىڭ. ھازىرچە قىسقىچە مەلۇمات بىرەي.يازما يادىكارلىقلاردا خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن يېزىق 30 خىلغا يېتىدۇ، سىزگە بۇيەردە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى قالدۇرۇپ قۇياي.
ھازىرقى زمان ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي يېزىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شەكلى ھېسابلىنىدۇ، ئىسلاھات بىلەن ئالماشتۇرۇشنىڭ پەرقىنى بىلىپ توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېزىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن دىققىتىمىزنى چاغاتاييېزىقىغا، چاغاتاي يېزىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خاقانىيە يېزىقىغا يۆتكەشكە توغراكېلىدۇ.
مىلادىيە 10- ئەسىرىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان سۇتۇقبۇغراخان باشچىلىقىدا ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقاباشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن دىنى ئېتقاد سەۋەبىدىن ئەرەپ يېزىقى بارا بارا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ(قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن يېزىق، سوغدىلار ئەينى ۋاقىتتا مەدەنىيەتلىك، سودىغا ماھىر بولغاچقا ئەجدادلىرىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ يېزىق تەخمىنەن 8-ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە كۆپ رايۇنلاردا ئىشلىتىلگەن) بۇ يېزىق<<خاقانىيە يېزىقى>> دەپ ئاتالغان. ۋە ئاساسلىق يېزىق بولغان. بۇ يېزىق ئەرەپ يېزىقىدىن ھېچقانداق ئىسلاھ قىلىنماي بىۋاستىلا قۇبۇل قىلىنىپ ئەرەپ تىلىدا يوق بەزى ھەرپلەرنى(ژ، چ، گ، پ ) پارس ئېلىپبەسىدىن قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن 10-ئەسىردىن 14- ئەسىرگىچە قەشقەرنى مەركەز قىلىپ كۆپ ئىشلىتىلگەن.
[تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ ھەقتە<<يەرلىك ئاھالىلەر ئەرەپلەردىن ھەرقانچە مەدەنىيەتلىك بولسىمۇ ئەرەپ – ئىسلام مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلىشقا، ئەرەپ تىلىنى ''مۇقەددەس تىل'' دەپ ئۈگىنىش،ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىدى. ئەرەپ يېزىقى ئەرەپ – ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭئومۇملاشقان قانۇنى يېزىقى ھىسابلىناتتى. دىن، سىياسەت، ئەدەبىيەت، تىلشۇناسلىققادائىر ئەسەرلەر مۇتلەق ئەرەپ تىلىدا يېزىلىشى كىرەك ئىدى >> دەپ خاتىرىلەنگەن ]
خاقانىيە يېزىقى بىر مەزگىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن فونتىكىغا ماسلاشماي قالغان بۇ يېزىق ئىسلاھات قىلىنىپ، ئالاھىدىلىكلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان. بۇ ئىسلاھ قىلىنغان يېزىق 13- ئەسىردىن20- ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغىچە ئىشلىتىلگەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىقخەلىقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى بولغان، چاغاتاي دەۋرىدە ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن چاغاتاي يېزىقى دەپ ئاتالغان. .
20- ئەسىرنىڭ 20-30- يىللىرىدا ھەرخىل سىياسى ۋەقەلەر بىكىنمىچىكىك ، خۇراپاتلىق، قالاقلىق ئىددىيىسىكى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، زامانغا لايىقلىشىش سادالىرى كۆرىلىشكە باشلىغان، قۇمۇل دىھقانلارقوزغىلىڭى قوزغىلىشى بىلەن مىللىتارىست شىڭ ئەپەندى سوۋت ئىتپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىىشدىن ئەنسىرەپ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەن مەدەنىيتىگە ئازراق يول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان . چاغاتاي يېزىقىدا ئۇيغۇريېزىقىدا سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ھەرپ بەلگىلەنمىگەن بولغاچقا 1930-1935 يىلغىچە ئارىلىقتا يېڭىدىن ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلغان ۋە شىنجاڭ گېزىتى مۇشۇ ئىملادا ئېلان قىلىنغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى بىلەن بۇ يېزىق بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىنىپ مۇكەممەللىشىشكە باشلىغان. 1984- يىلغىچە ئىشلىتىلگەن. 1984- يىلى تۆت لەۋلەشكەن تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم تۆت ھەرپ بىكىتىلىپ، ئۇيغۇر كونا يېزىقى 32 ھەپتىن تەشكىلتاپقان، ئىلمى بىر ئېلىپبە مەيدانغا كەلگەن.
سىز ئېيىتقان لاتىنچە يېزىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن سابىق سوۋىت ئىتپاقىنى ئەسلەيمىز.
سوۋت ئىتپاقى 20- ئەسىرنىڭ 20يىللىردا <<بۈيۈك بىردەكلىك>> نى يولغا قۇيۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكىھەرقايسى مىللەتلەرگە قارىتا يېزق ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكىئۇيغۇرلار لاتىن ئېلپبەسى ئاسادىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى لاھىيلەپ ئوتتۇرغا قويغان ۋەبىر قىسىم گېزىت ژورناللارنى ئېلان قىلغان. لىكىن چېكىدىن ئاشقان سىتالىن لاتىن ئېلىپبەسىدىكى يېزىقنى تاشلاپ سىلاۋىيان يېزىقىغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.(ئوتتۇرائاسىيا ئۇيغۇرلىرى ھازىرقى سوۋىت ئىتپاقىدىن بۆلۈنگەن جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ)بۇلار تا بۈگۈنگىچە شۇ يېزىقنى ئىشلىتىپكەلمەكتە .
1950 – يىلى جۇڭگۇ سوۋت مۇناسىۋىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە سىتالىن ئوتتۇرائاسىيادىكى مىللەتلەردە يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ زور سىياسى ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگۇغا كۆز تىككەن، بىراق خەنزۇ تىلشۇناسلىرى رەت قىلغان.شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر . قازاق، قىرغىز،مۇڭغۇل، شىۋە قاتارلىقلار سىلاۋىيان ئاساسىدا يېزىق لاھىيلىگەن. 56-يىلى10- فېۋرالدىكى شىنجاڭ گېزىتى مۇشۇ يېزىقتا ئېلان قىلىنغان.بىراق يولغا قۇيۇلمايتۇرۇپلا سوۋت جۇڭگۇ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، بۇ يېزىق تاشلىنىپ قالغان، كېيىن جۇئېنلەي <<يېزىق ئۆزگەرتىشتىكى بەش پىرىنسىپ>> نى ئېلان قىلغان.بۇپىرىنسىپتا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ئۆزگەرتمەكچى بولسا خەنزۇ تىلى پىنيىنلاھىيلەسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىش كىرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتۇنۇمرايۇنىمىزدىكى مۇڭغۇل، شىۋەلەر يېزىق ئۆزگەرتمىگەن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارپىنيىىن لاھىيەدىكى يېزىقلىرىنى لاھىيلىگەن. بۇ يېزىق 1960 – يىلى ئۇيغۇر ئاپتنۇمرايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرىقى بىلەن 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنى ئىشلىتىشكەباشلىغان. بۇ پىنيىن ئاساسىدىكى (لاتىن ئاساسىدىكى) يېزىق تىلشۇناسلىققا زىت بەزى نۇقسانلار ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىيتىدە مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى ھۆرمە ت قىلىش تەشەببۇسى بىلەن بەزىلەرگە ئىلغار ھىسابلانغان بۇ يېزىق 1982- يىلى ئىشلىتىلىشتىن توختاپ، 1930- يىلىدىن باشلاپ مۇكەممەللىشىشكە باشلىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
سىزنىڭ ئىلگىكرى كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەسلىكىڭىز قانداقتۇر بىر ياكى ئىككى ئادەمنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس. ھەم ئۇلارنى تىللىغان، قارغىغاننىڭمۇ پايدىسى يوق. ھازىرقى مەسىلە قانداق قىلىپ ھازىرقى مۇكەممەل يېزىقنى ساقلاپ قېلىش .
ئانا تىلىمىز ھازىر كۈندىن كۈنگەخىرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ، بەزىلەر خىجىل بولماي يېزىق ئۆزگەرتىشكە ئورۇنماقچى بولسايەنە بەزىلەر بۇ يېزىقىمزىنىڭ ھەرپلىرى بىر يەرلىرىگە پۇتلىشىپ قىسقارتماقچى بۇلۇۋاتىدۇ، يەنە بىر قسىىم سەۋەبلەر بلەن يەنە بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ يېزىقلا ئەمەس تىل جەھەتتىنمۇ <<ساۋادسىز>> قېلىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا. ھازىر تالاش – تارتىش قىلىدىغان مەسىلە ئۆتمۈش ئەمەس كەلگۈسى. دارىتىلماپ، تاپ قىلىپ، تىللاش ئەمەس،كاللا قاتۇرۇش. ئانا تىلغا ھۆرمەت بىلەن قاراپ ئۇنى قوغداش . ئانا تىلدىن نۇمۇس قىلىپ ۋايساش ئەمەس، ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىلغار ئۈسكىنىلەردە نامايان قىلىش.
ئۇيغۇر يېزىقى ئاللىقاچان خەلقئارائۆلچەملىك يونىكودقا كىرىپ بولغان. بىر قىسىم كىشىلەر خەلقئارالىق قانۇنلارغاخىلاپلىق قىلىپ قەستەن مەھسۇلاتلىرىدىن ئەرەپ تىل تۈرىنى چىقىرىۋېتىپ بارغان بولسىمۇ يەنىلا ئوت يۈرەك كىشىلىرىمىز ۋايساش ئورنىغا ئۇنى ھەل قىىلىش چارىسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇ ۋايساش بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، سىز ئېيتقاندەك چاچلىرى ئاقارغۇچە ئەمگەك ، قان تەر تەلەپ قىلىدىغان ئىلمى ئىش. ھازىرقى دەۋردە ئېلپبەلىك، مۇكەممەل يېزىق بولغان ھازىرقىزامان ئۇيغۇر يېزىقىمز كومپىيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا ھېچقانداقتوسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بۇ مۇكەممەل ئېلپبەلىك يېزىق. تۆت چاسا ئاخىرى يوق تەسۋىرى يېزىق ئەمەس !!!!
<<بەزى تىل>> لارنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈشتە نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى، ئادەم كۈچى، ۋاقت كەتكەچكە ئۇ پەقەت بىر قېىتملا فون ياسالغان،كېيىنكىلىرى شۇ ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن، بىراق بىزنىڭ ئۆلچەملىك، قولايلىق،ئېلىپبەلىك يېزىق بولغاچقا ناھايتى نۇرغۇن ھەۋەسكارلار ئۆز ئالدىغا فونت ياساپئۇيغۇر فونتلىرنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى.ھازىر بۇ ئىشلارمۇ ئاخىرلىشىش ئالدىدا.
نېمىلا دىېمىسۇن ھازىرقى زماندىكى ئەڭ ئىلغار ھىسابلانغان ئۈسكىنىلەردىن ئالما ، ئاندىروئىد مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى نۇرمال تۇنۇيدۇ، مىكروسوفتنىڭ windows8 مەشخۇلات سىستىمىسى ساپ ئۇيغۇرھازىرقى زامان يېزىقىدا تارقىتىلىدۇ. ئوبۇنتۇ سىستىمىسى 97% ئۇيغۇرچىلىشىپ بولدى،نۇرغۇن مىللى كارخانىلار ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى زامانىۋى مەھھۇلاتلاردا جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ھەممىسى باشلىنىشىدىلا ياخشى بۇلۇپ كەتمەيدۇ،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بىزلەرگە نىسبەتەن ئۇيغۇر تىلىغا ئىھتىياج تۇغۇلىدىغان ئۈسكىنىلەر ئومۇملاشقىلى 10 يىلمۇ بولمىدى. تىلفۇن، كومپىيۇتېرغا غا كۆپ بولسا 8 يىل بولغاندۇ(2004 يانفۇنى بار ئادەم سانىۋالغۇدەك ئىدى تېخى) ھەممىگە ۋاقت, ئانا تىل دەپ سۇقىدىغان يۈرەك بۇلىشى كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-27 11:03 AM