مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: @يۇرتۇم@

دېھقانلاردىن تالاشمايلى باھانى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62987
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:52:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دىھقانلاردىن نەرسە كىرەك سىتىۋالغاندا ئانچە زىغىرلاپ كەتمەيمەن. چۈنكى ئۇلارغىمۇ كۆپ پايدا ئالالمايدۇدە. يىل بويى جاپا تارتىپ،ئەجىر قىلىپ بازارغا ئىچىقىپ ئەرزانلار سىتىۋىتىدۇ ئەمەسمۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:07:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىچىكىمدىن ئاتا ئانامنىڭ ئېتىز ئېرىقنىڭ جاپاسىدا قۇرۇق باسقان يۈزلىرىنى ، توپا باسقان مەڭزىنى ، قاپىرىپ يېرىلغان قوللىرىنى ،ھېرىپ چارچاشتىن جۈدەپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان .  دېھقانلارنىڭ قانچىلىك جاپا مۇشەققەتتە كۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان .ئۇلار بىر ئۆمۈر تاڭ ئاتاردىن كۈن پاتارغىچە تىنىم تاپماي ئىشلەيدۇيۇ ..... ئۆمرىدە راھەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كىتىدۇ . كىچىكىمدىن مەھەللەمدىكىلەرنىڭ مۇشۇنداق جاپالىق ئەمگەكلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ چوڭ بولغاچقىمىكىن ، دېھقان بازىرىدا سەي كۆكتاپ سېتىۋاتقان تىجارەتچىلەر ئارىسىدىن  ئىختىيارسىز شۇ  مۇڭ باسقان چىرايلارنى ئىزدەيمەن . گەرچە ماڭا لازىمى بولمىسىمۇ ئالدىمغا ئۇچرىغان دېھقان ساتارمەنلەرنىڭ ماڭا تىكىلگەن ئۈمۈتلۈك كۆزلىرىنى مەيۈسلۈككە باشلىغۇم كەلمەيدۇ . ئۆزەم ئۈچۈن ئەڭ قىزىقارلىق بىر ئىش ، ئۆتكەن يىلى 10- ئايدا ئۆزىمىزنىڭ دېھقان بازىرىدا كىتىۋاتسام  پۈتۈن ئوزايىدىن دېھقان ئاياللىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان بىر ئايال ئۆزى قولىدا تىككەن بوۋاقلارنىڭ پاختىلىق ئىشتىنىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ .  ئۆزەمچە قىزىقسىنىپ ئايالنىڭ قولىدىكى ئەڭ كىچىك بىر پاختىلىق ئىشتاننى قولۇمغا ئېلىپ باھاسىنى سورىدىم . 10 يۈئەن سىڭلىم ، ئالسىڭىز ئەرزانلا بىرىمەن ، ئەستىرى ساپ پاختا رەخىت  ، بالىلارغا زىيان قىلمايدۇ دەپ ماڭا يېلىنىش ئارىلاش چۈشەندۈردى .
لىكىن مىنىڭ سېتىۋېلىش خىيالىم يوق ئىدى ، بازار ئايلىنىپ كىتىۋېتىپ بۇ ئىشتاننىڭ ئوماقلىقىغا قاراپ پەقەت قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپلا قويماقچىتىم ، لىكىن ئالدىمدىكى ياداڭغۇ ئايالنىڭ ماڭا ئىرىنمەي چۈشەندۈرىشىدىن مىنى چۇقۇم بۇ ئىشتاننى ئالغۇدەك دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ بىر موچەنمۇ تالاشماي سېتىۋالدىم ، سېتىۋالغىنىم بىلەن مىنىڭ بۇ ئىشتاننى كىيگۈدەك بالام بولمىسا ، ئېلىپ قۇيۇپ كىيىنچە بىرەرسىگە بىرىۋىتەرمەن دەپ ئويلىدىم ، ئىككى ئايدىن كىيىن  بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئاچىسى يەڭگىپتىكەن ، شۇ بوۋاققا شۇنداق يارىشىپ كەتتى .
ئىشقىلىپ بازارلىق قىلغاندا ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنىم  دېھقان تىجارەتچىلەر . ياشتا چوڭىيىپ قالغان مومايلار ، نۇرسىزلىنىپ قالغان كۆزلەر .............

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81899
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:10:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىھقانلا بىزنىڭ قازسا تۈگىمەس بايلىقىمىز،نېفىت ،كۆمۈر.....قاتارلىق قىزىلما بايلىقلار ھامىمىنى تۈگەيدۇ،لىكىن مۇشۇ دىھقانلارنىڭ نىممىتى ھازىرغىچە ،ھەم كەلگۈسىدە بىز ئۈچۈن تۈگىمەس بايلىق بولۇپ قالغۇسى.مۇشۇ دىھقانلار ئەسلى ئەڭ باي كىشلەردىن بولسا بوللاتتى،لىكىن ھازىر ئەڭ بىچارە كىشلەردىن بولۇپ قالدى.بەزىلىرمىز سەللا ئاتاپتا كۆيۈپ كىتىشتىن قورقىمىز،لىكىن دىھقانلىرمىز كۆيۇش ،چارچاش دىگەنلاردىن ئەسلا ئەسەر يوق.شەھەرلەرمۇ دىھقانسىز قىزىمايدۇيۇ يانا شۇ دىھقاننى كۆزگە ئىلمايمىز ،ياراتمايمىز.‹دىھقان›دەك كىينىپ،‹دىھقان›دەك گەپ قىلماي دىگەندەك گەپلەرنى قىلمىز.دىھقانلا ئۆزىنىڭ ئەجرىن شۇنچە مىھنەتسىزلا سىزگە ئاتايدۇيۇ ،بىز ھەققى ھۆرمىتىمىزنى ئۇلارغا ئاتىيالمايمىز.شەھەردە دىھقانلارنىڭمۇ بىر كىشلىك ھەققى بار..ئۇلار  ھەقىقەتەن بىر سىغىن كالابوپ قالدى.كادىرمۇ بە دەيدۇ،زالممۇ بەردەيدۇ....................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13217
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:14:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نادىرلاشقا تېگىشلىك  تېمىكەن .ھەممەيلەننىڭ بىردەك بۇ تېمىنى نادىرلاشنى ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئامىرىكىلىقنىڭ 3%تى دېھقان بولغىنى بىلەن ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 80%تىن كۆپرەگى دىھقان ،20%گە يېقىن شەھەرلىكنىڭ تېگى -تەكتىمۇ دېھقان .مۇنداقچە ئىيتقاندا داداڭمۇ ئەسلىي دىھقان ،بۇۋاڭمۇ ئەسلى بىر دىھقان ،بۇنى ھەممەيلەن بىلىمىز . بىزنىڭ گېلىمىزدىن ئۆتىۋاتقان ھەربىر دانە دان ،ھەر تېمىم ماي ،ھەر بىر چىشلەم  گۆش ،ھەربىر تۇتام كۆكتات دىھقاننىڭ مېھنىتىسىز بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلمەيدۇ،بۇنىمۇ ھەممىمىز بىلىمىز .لىكىن ،ئاشۇ مىھنەتكەچ دىھقان بىلەن بولغان سودىدا يەنىلا نەپ ئېلىشنى ئويلايمىز . بىچارە دىھقان چىشىنى چىشلەپ باھانى تۆۋەنلەتكەنسىرى بىز باھانى يەنە چۈشۈرىمىز ، بۇ چاغدا بىزنىڭ ۋىجدانىمىز نەگە كېتىدۇ ؟ بولدى بەس ،دېھقاننى ئارىدىكى ئېلىپ -ساتارلارنىڭ قويغىنىمۇ يېتەر ، مانا مۇشۇ كۈنلەردە دېھقانلار تېرىغان تاۋۇزىنى تۆت مودىن ساتالىسا بىشى ئاسمانغا تاقىشىدۇ .ئەمما بىر كەتمان چاپمىغان ئېلىپ ساتارلار تۆت مودىن ئالغان تاۋۇزنى بىر كوي ئىككى مودىن سېتىپ ھەسسىلەپ پايدا ئالىدۇ .تېرىغان بىر تۈپ تاۋۇزنىڭ يېنىغا شۇ تاۋۇز پىشقىچە دېھقاننىڭ قانچە قىتىم بارىدىغىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ياق ئويلىمىدىڭىز ، بۇنى شۇ دېھقان ئۆزى بىلىدۇ . بۇنداق قىلىش دېھقان ئۈچۈن  ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ ! ئاشۇ رەسىملەردىكى تۇپا باسقان ،غېرىپ چىرايلارنى ئويلايلى ،ئۇلار بىزنىڭ يۆلىشىمىزگە قوللىشىمىزغا موھتاج . سىزنىڭ دېھقان ئۈچۈن ئوشۇق خەجلىگەن بىر كوي پۇلىڭىز  بەلكىم بىر ئائىلىنى بىر مۇھتاجلىقتىن ساقىت قىلىشى مۈمكىن .  دىھقان بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشالمايدىغان سودا -سېتىق ئىشلىرىدا باھا تالاشساڭ توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ  ،چۈنكى بازار دېگەندە تاۋارنىڭ باھاسى تالىشىپ بىكىتىلىدۇ ،بىراق دېھقاندىن بىۋاستە ئۇشاق-چۈششەك نەرسە سېتىۋالغاندا باھا تالاشقىنىڭ  سېنىڭ تولىمۇ پەسكەش ئادەملىگىڭنىڭ بەلگىسىدۇر . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 12:16 AM  


ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:39:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزلىرىمگە ئاچچىق يىغا ئولىشىپ كەتتى..  كۆچۈرۈلمە بولسىمۇ نادىرلاشقا تېگىشلىك  تېما ئىكەن..

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

توۋا دەيمەن.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1468
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 12:52:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزنىڭ يەۋاتقان نەرسسنىڭ ئتىزدىن شۇ دىھقاننىڭ ئەجىردىن كەلگەنلكنى ئۇنۇتقان ئادەم مىنىڭچە ئەڭ بىچچارە ئادەملەردۇر.
                                                  

                      دىھقان بولماي نان نەدە،
                      تۇخۇلارغا دان نەدە.

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:13:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقان بولماق تەس


روزى سايىت  


شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس.
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس.
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مىنى مەس،
مەسلىكتە دەۋالاي لىكىن مەن پەخەس.
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ئالەمنىڭ ئاۋادى دىھقان تەرىدىن.
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن،
ئۇ باقار شەھەرنى كىچىپ مەرىدىن.
( )
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن.
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ئۇ مۆمىن بەك يۇۋاش، ساددا مۇلايىم
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم
دەر ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم
( )
رىسقىمنى ئەجىرىمنى بەرسۇن خۇدايىم
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

پاراغەت دىلبىرى ئاچقۇچە قويۇن
4پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئويۇن
قىشتا سوغۇق، يازدا ئوت، باھاردا قۇيۇن
گاھ كەلكۈن، گاھ تومۇز قىسقۇزار بويۇن
دەر قىسمەت جاپاغا خام كىكىر تويۇن
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

قاراشلىق كارى بار ئۇنىڭ بىشىغا
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە دامبا قىشىغا
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئىتىز ئىشىغا
قورۇقلا ماس كەلمەس ھەرگىز يىشىغا
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ئۇ ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپال
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان
كۆيدۇ چوققىسى كۆيىدۇ تاپان
چاك چاك يىرىلىپ قانايدۇ ئالقان
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

تىرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى
ھە دىمەي بولىدۇ يىغىم تەرمىشى
ئىتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى قوينىڭ مەرىشى
يىل بويى ئۆكسىمەي پىشىپ تەرلىشى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نىمى
مىنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كىمى
ئۈششۈيمەن داۋاتقان قوناقنىڭ خىمى
تۇرسا سىرىت ئالۋىنى ئۆزىنىڭ غىمى
تالجىقسا ھىرىقسا كىسىلىپ دىمى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

كىلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش
دىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش
ئوي پىكرى ھىيىت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش
ئايەم شۇ قازناققا كىرسە كۆپرەك ئاش
مەشرىبى ماتىمى خاماندا ئاداش
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يىشى
يوق تۈمۈر تاۋاقتا ئۈزۈلمەس ئىشى
يوق مۇئاش دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى
ئايدا ساق 30كۈن ئىشلەر ياز قىشى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

چوڭ كىچىك شىنچىلەر يوقلىماس ئۇنى
خەنجىيامۇ شۇجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى
يوقلايدۇ ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى
شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش ئۆتياش
ئۇ باققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش
ئۇ بولغاچ مەرت ئادەم بىز مۇشۇنداق شاش
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

مەن سەن ئۇ سەھرالىق يىزىدىن ئەسلى
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى
نەسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخىت ۋەسلى
قەدىرىنى بىلگەندە ئۇ ئىللىق يەسلى
يەسلىگە سوزمىسۇن قول ئاياز پەسلى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك
ئۆزىلا ئاق دىھقان كۆڭلى ئالىدەك
مۇڭلانسا تۇيۇلار تۆھمەت يالىدەك
رىسقىغا چاڭ سالار ئۈگەي بالىدەك
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللىشىپ
ھىيلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ
سەھنىدە تۈزۈشۈپ توختام قوللىشپ
قاتلىنىپ ئاشتى دەپ دوكىلات يوللىشىپ
مۇكاپات ئىلىشتى تۆرنى گوللىشىپ جاھاندا
ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

50كۈن تۇرۇغۇق تۆھپە ئەمگىكى
يىل بويى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىكى
رەت قىلسا تۆلەم بار قالتىس دەللىگى
ئەرىز قىلسا چاقۇندا قالار پەللىگى
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىگى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ئۈزۈلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى
يۇقىرىغا ئاڭلىنار ئەرزى تىلىگى
ھال سوراپ كىلىشەر خىزمەت ئۆمىگى
يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق يىمىگى
بارى بار نەھاجەت ئۇ بۇ دىمىگى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۆمەككە
ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەپسىز مونەككە
بىز گوياھ قارچۇغا چۈشكەن تۈنەككە
مۇھتاج بىز يورۇققا، بىر يار يۆلەككە
دىمەيمىز بۇ گەپنى سىزدىن بۆلەككە
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ساق تۇرۇپ ئىككى قول، ئىككى پۇتىمىز
دەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيىتنى تۇتىمىز
تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز
كىملەرنىڭ پەيلىدىن نابۇت قۇتىمىز
قاچانمۇ ئۇتۇلماي، يىڭىپ ئۇتىمىز
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

جەدىۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى
ئالدايدۇ دۆلەتنى سىلىپ زىياننى
پوچىلىق نوچىلىق قىينايدۇ جاننى
جەرىمان توختىماي كولايدۇ ياننى
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

يۇرىت يۇرىتتىن تەڭلەيدۇ كۆڭلەك چاپان كەش
ھەشقاللا ئىيتىمىز بولسىمۇ نىمكەش
بىز شۇنداق تىلەمچى گاداي كۆڭلى غەش
قىززىق ئىش يەر مۇنبەت ھەر خاماندا چەش
بىلمىدۇق كىم جەمشىت كىملەر لەيلى بەش
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

كۆردۈڭلار ھالىمىز شۇقەدەر ناچار
قازناقلار قۇپقۇرۇق چاشقانمۇ قاچار
يەي دىسەك تۈگىدى، يىمىسەك ئاچار
بىز نىچۇن بوپقالدۇق بۇ ھالغا دۇچار
كەتسەڭلار چاقتىڭ دەپ قەھرىنى چاچار
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

ئوغۇتمۇ پۇل دەيدۇ، يالتىراقمۇ ھەم
تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ جىنچىراقمۇ ھەم
پۇل دەيدۇ تاغارمۇ توخىناقمۇ ھەم
پۇل دەيدۇ يولىدىكى بوغىناقمۇ ھەم
پۇل قىنى پۇل نەدە غەم ئۈستىگە غەم
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

دىسىمۇ مەركەزدىن باي بولسۇن دىھقان
كىمگىدۇ ياقمىغاچ دىھقانغا ياققان
ھەددىن ئاشماقتا 3 قالايمىقان
بەس ئەمدى كۆتەرمەي بولمايدۇ چوقان
چاچمىغىن سىرىق گەج يۈز كۆزگە قوقان
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا
كىم دىدى دىھقاننىڭ قىنىنى شورا
دىھقاننىڭ بىشىنى سىلا ھال سورا
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

دىھقانمۇ ياشىسۇن كۈلسۈن يايرىسۇن
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن ئۆسسۈن ئاينىسۇن
قازىنى ماي كۆسۈن پات پات قاينىسۇن
ئۇھ دىسۇن ھىيىت بايرام مەشرەپ ئوينىسۇن
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

سەن بىزدەك گەدىنى قاتقان نەدە با
مىۋە يەپ شاخقا تىغ چاپقان نەدە با
تۇز بەگەن تۇزلۇقنى چاققان نەدە با
دىھقاندەك ئەل يۇرىتنى باققان نەدە با
ئىيىتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەدى با
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،

شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن
شائىرمەن ئۇنى ئاش تاغىرىدا ئۆسكەن
شائىرمەن توي كۆرگەن ناغرىدا ئۆسكەن
يالغاننى يازماقتىن راس سۆزلەش تەسكەن
تەس دىسە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس،



مەنبە   :    تور   

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29984
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5118
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 06:58:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشلىق قىممەت ئەمەس بەلكى تەييار نەرسىلەر قىممەت. ..
دىھقاندىن باھا تالاشمايمىز پەقەت ھايانكەش‹بىدىك› شۇلاردىنلا تالىشىمىز ئەمەسمۇ ...
دىھقانلار بازارغا بىرنەرسە ساتاي دەپلا كىرسە شۇ ھايانكەشلەرنىڭ قولىغا چۈشىدۇ ،ئاندىن ئىھتىياجى بار كىشلەرگە ..
مەن بىر ۋاقىتتا بۇغداي سېتىۋىلىش ئۈچۈن بازارغا كىرگىنىمدە. بىر ئۇتتۇرا ياشلىقدىكى بىر ئايال بىر تاغار بوغداينى موتۇدىن چۈشۈرۈپ بولغۇچە 3ئادەم ‹ھايەنكەشلەر› ئۇنى-بۇنى دەپلا ئۇ ئايالدىن بىر چارىكى‹9كىلو› 19 يۈئەندىن ئېلىۋالدى ئەسلى بازار باھاسى 25-30 يۈئەن ئىكەنتۇق .. مەنمۇ 10 چارەكنى 27 يۈئەندىن ئىپ كەتتىم . لىكىن ئىچىم بىرخىللا بوپ قالغانتى ....

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 07:22:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.........بۇ سۈرەتلەر ئاندىن يۈرىگۈمنى ئەزدى............. ئاھ  مىھنەتكەش ئاقكۆڭۈل خەلىقىم ، چىھرىڭلاردىن سۇلغۇنلۇق ،مۇھتاجلىق يېغىپ تۇرۇپتۇ...............

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

—Face Book—

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34430
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 09:39:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقانلاردىن تالاشمايلى باھانى!
  

                                    

سۈيۈملۇك دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ‹ئاتا-ئانام›غا رەھمەت ئېيتىمەن ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش