tazz يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 02:57 PM
سىز ئادىل تۇنىيازنىڭ چۈمبەلدىكى كۆز شىئىرلار توپلىمى ...
كەچۈرۈڭ ، مەن سەل دۆترەك ... يۈزەكىلا گەپ قىلىمەن . ئەمما ، دېگەنلىرىم
پۈتۈنلەي ئورۇنسىزمۇ ئەمەستۇ ؟ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ، ئىپتىدايى ئادەملەر
ئاياللارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ، قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھوقۇق ئۇرۇشى قىلىشاتتى .
ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكى ، قاۋۇل باتۇرلىقى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئورۇناتتى .
مانا بۈگۈنمۇ ئەرلەر ، ماشىنا ، داچا ، بايلىق دۇنيا ـ ھوقۇقلىرى بىلەن ئاياللارنى
جەلىپ قىلىشقا ئورۇنماقتا . پەقەت ئۇسۇلى ئۆزگەردى . ئەمما ، تەبىيئىتى ئۆزگەرگىنى
يوق .
مەن شېئىر ، نەسىر ـ پەسىر دېگەنلەرگە قىزىقمايمەن . ھەم بۇ ئاددى كاللام
ئادىلجاننىڭ :
ئاينىڭ چاپىنى
جىگدىلەر قىزارغا ن ،
يېرتىلغان قىز .
كۆيۈۋاتقان يول ،
مەن ئاينى چېپىۋەتتىم .
تايغانلار مۈگدىگەن ...
دېگەندەك گۇڭگا ، خىرە شېئىرلاردىن پەقەت زوق ئالالمايمەن ، خۇددى ،ئىسپانچە
ناخشا ئاڭلىغاندەك ...
شېئىر دېگەننى ، مۇھەممەتجان راشىدىن ، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ، رۇزى سايىتتەك
دېھقانمۇ ، ساتىراچ ، كاسىپمۇ ئوقۇپ زوق ئالالايدىغان قىلىپ يازمامدۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 03:13 PM