islamogli1566 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 04:25 PM
ئۆتكەن يىلى گۇمىدا لەڭپۇڭ يەپ 23 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا زە ...
ئۆتكەن يىلى رامىزاندا گۇمىدا ئاممىنىڭ لەڭپۇڭ يەپ زەھەرلىنىش ۋەقىسى بولغان.ئۆلۈم يېتىممۇ خېلى ئېغىر بولدى(.ئېنىق سانى ئېسىمدە قالماپتۇ).ئاساسلىق سەۋەبى،ئاچچىقسۇ ساتقۇچى،ئاچچىقسۇنى خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىسى قاچىلىغان سۇلياۋ باكقا قاچىلاپ ساتقان،باك تېگىدە تېخى قالدۇق سۇيۇقلۇق بولۇپ،بۇ ئەبلەخ پۇلنى دەپ ئۇ باكنى يۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن شۇنداق پاجىئە كېلىپ چىققان.
يازدا نۇرغۇن كىشىلەر خام تەييارلانغان يېمەكلىك(سوغۇق سەي)ياكى سوغۇق يېمەكلىك يېيىشكە ئامراق،ئەمەلىيەتتە مۇنداق يېمەكلىك پىششىق يېمەكلىككە قارىغاندا ئاسان مىكروپلىنىپ قالىدۇ،شۇڭا يازدا ئەڭ ياخشىسى قاينىتىلغان سۇ،پىششىق تاماق يېگەن تۈزۈك،خام تاماقلارنىڭ يېڭىسىنى(ھازىر تەييارلىغىنىنى يېيىش كېرەك).كىشىلەر رامىزاندا سوغۇق سەيلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇ خىل سەيلەر ئالدىنقى كۈنى كەچتە ياكى تاڭ سەھەردە تەييارلىنىدۇ،كەچ ئىفتار ۋاختىغىچە سېتىلمىغاچقا ئىسسىقتا ئاسانلا سۈپىتى بۇزىلىدۇ(ئادەتتە سوغۇق ساقلاش قىلىنمىغان خام يېمەكلىك 2 سائەتتىلا سۈپىتى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ).دوستلارنىڭ تومۇزدا يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى،تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەن،ياكى كۆڭلىمىزگە شەك چۈشۈپ قالغان يېمەكنى ئىمكان بار يېمەسلىگىمىز،ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە ئۆزىمىز تەييارلاپ يېيىشىمىز كېرەك.