قەشقەردە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن ئوتتۇز مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىدا 7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ كىتاپ ئوقۇش بايرىمى››مۇناسىۋىتى بىلەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائلىيەتنىڭ نامى‹‹7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹تەڭرىتاغ كىتاپ ئوقۇش بايرىمى› ۋە ئاز سانلىق مىللەت داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى›› دەپ ئاتالدى.
بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتاپخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتاپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە بىرلىكتە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ قېتىمقى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى››گە ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە يازغۇچىلاردىن پەرھات ئىلياس، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم،مۇھەممەت بارات تەشنائى،مۇختار تۇردى، ئەخمەت ئىمىن،قادىر راخمان،غوجائەخمەت يۇنۇس، مەمتىمىن شىپە ،ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى،تاھىر تالىپ قاتارلىق ئون نەپەر ھۆرمەت ئىگىسى مۇنبەردىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئوقۇرمەنلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن كىتاپلارغا ئۆز قولى بىلەن مۇبارەك ئىمزالىرىنى قويۇپ بېرىپ ۋە بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ كىتاپ سېتىۋېلىش ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاممىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋەتتى.
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى : ياش تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ <<شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرى ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز -ئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى>>غا تاللانغان ئىككى قىسىملىق يېڭى تارىخى رومانى‹‹ئابىھايات››نىڭ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىش مۇراسىمى بولغىنى ئۈچۈن ئابدۇناسر يۇنۇس بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قىزىق نوقتىسى ۋە بۇ پائالىيەتتىكى ئەڭ ئالدىراش ئادەم بولۇپ قالدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش ۋە كىتاپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە 145كىلومېتىر يىراقلىقتىن سەھەردىلا كەلگەن 76 ياشلىق مويسىپىت،يوپۇرغا ناھىيە بايئاۋات يېزا ‹‹ماشئېڭىز›› مەھەللىسىنىڭ ئىمامى ئىمىن مۆمىن-‹‹ئابىھايات›› رومانىدىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلاردىن بىرى ئىسمايىل بەگنىڭ نەۋرىسى بولۇپ ئۇمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى شەخس بولۇپ قالدى.بىر قىسىم پىشقەدەم داڭلىق يازغۇچىلار پائالىيەت جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ھال سورىدى.‹‹ئابىھايات›› رومانىنى سېتىۋالغان بىر قىسىم خېرىدارلار بۇ بوۋاينىمۇ ئورىۋېلىپ ئۆز كىتاپلىرىغا ئىمزا قويدۇردى ۋە بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.
تۆۋەندە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھوزۇرى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەرياندا تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەريوللاندى.